مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2102|ئىنكاس: 23

بىز زادى قاچان ئېتىراپ قىلىمىز(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇرسەت يوق دېيىش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16276
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7508
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 09:40:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز زادى قاچان ئېتىراپ قىلىمىز(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە)


17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن مۇھەممەد ئەمىن خوجامقۇلى ھىرقەتى شېئىرىيەتتە ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن كىلاسسىك شائىرلاردىن بىرى. ئۇنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام» ناملىق لىرىك داستانى كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى كىلاسسىك ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بەزى ئىزدىنىشلەرنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، مۇھەممەد ئەمىن خوجامقۇلى ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىلەنلىكى ئىسپاتلىنىپ، كەڭ ئىلىم ساھەسىدە ئاشكارا بولدى. بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1981- يىللىق 3- سانىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف «گۇمنام غەزەللىرى» نى نەشىرگە تەييارلاپ، ئۆزىنىڭ گۇمنام ھەققىدىكى بەزى ئىزدىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ. يەنە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1986- يىللىق ئومۇمىي 18- سانىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلاسسىك  شائىرى گۇمنام» تېمىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئوخشاشلىق مەسىلىسىگە كەلگەندە «بۇلارنى بىر شەخىسمىكىن دەيدىغان تونۇشلارمۇ بار» دېگەنگە ئوخشاش دەسلەپكى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەزىز ئەلىنىڭ «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1991- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلغان «قوش تەخەللۇسلۇق خوشناۋا بۇلبۇل» تېمىسىدىكى ماقالىسى ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىكەنلىكىنى دەللىل ئاساسلىرى بىلەن بىزگە تونۇشتۇرغان دەسلەپكى ئىلمىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ.
يەنى بۇ ماقالىدە ئەزىز ئەلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتتە چىقىدىغان «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق ژورنىلىنىڭ 1990- يىللىق 8- سانىدا ئېلان قىلىنغان «تەزكىرەئى قەلەندەران» ناملىق بىر تەزكىرىنىڭ قوليازمىسىنىڭ قىسقارتىلمىسىدىكى «پىرمەت سەتارى رىۋايەت قىلدىكىم، بىر نەچچە فۇرسەت فەقىر ۋە مەشرەبى مەجزۇب خوجام پاشانىڭ يازلىق قەرارگاھى بولمىش گۈلباغ مەۋزەئىندەگى باغىدە خىزمەت ئەداسىدە بولدۇك. مەزكۇر باغ رەۋزەئى رىزۋاندىن نىشانە ئەردى. جەننەت مىسال باغنىڭ مۇتەسەددىيىسى خوجا پاشا خېشلەرى بولمىش مۇھەممەد ئەمىن خوجامقۇلى ھىرقەتىي ئېردى. مەزكۇر ھىرقەتىي يەنە «گۇمنام» تەخەللۇسى ھەم قىلۇر ئەردى. ئانىڭ قەلەمىدەن بەغايەت پۇرمەئىنى ئەبياتلار زۇھۇرغا كېلمىشدىكىم، گۇمنام ئالەرنى بىر يېرغا جەملەپ ئەشئار دىۋانى ھەم تەرتىپ بەرمۇشدى. شۇ بائىسىدەن گۇمنام كاشغەر خەلقى ئاراسىندە مەشھۇرلۇق دەرەجىسىغە يېتۇشدى» دېگەن بايانلارنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مىرسۇلتان ئوسمانوف نەشىرگە تەييارلىغان، 2004- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «دىۋانى گۇمنام» نىڭ كىرش سۆز قىسىمىدا ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىكەنلىكى توغرىسىدا خېلى تەپسىلىي ئىزاھلار بېرىلگەن. يۇقارقى ئىككى ئاپتورنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىزنىڭ ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنى بىر شەخىس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىزنىڭ يېتەرلىك دەلىلى بولالايتتى. بىراق، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپدىن نەشىر قىلىنغان «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپىلمنىڭ 2010- يىللىق 3- باسمىسىنىڭ 151- بېتىدە ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنى يەنىلا ئىككى ئادەم دەپ تونۇپ ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ يەردە بىز شۇنى كۆرسىىتپ ئۆتىمىزكى، «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» نىڭ 1996-يىللىق 1- نەشىرى، بوپتۇ ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىكەنلىكى كەڭ ئىلىم ئەھلىگە ئېنىق بولمىغان ۋاقىتتا نەشىردىن چىقتىمۇ دەيلى، بىراق 2010- يىللىق 3- باسمىسى مىرسۇلتان ئوسمانوف نەشىرگە تەييارلىغان «دىۋانى گۇمنام» دىن ئالتە يىل كېيىن نەشىرگە ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇ يېڭى باسمىسىدىمۇ ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ ئىككى شەخىس توغرىسىدىكى ئىزاھاتلار كۆزگە چېلىقىدۇ. مەن بۇ يەردە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىن قۇسۇر ئىزدەشنى مەقسەت قىلمىدىم. بەلكى، بۇ يېڭى باسمىنى نەشىرگە ئويۇشتۇرغانلار مانا شۇنداق يېڭى نوقتىلارغا دىققەت قىلمىغان. يەنى، ئىسپاتلاپ ئېلان قىلىنغان ئاشۇ ئاپتورلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئېتىراپ قىلىنمىغان.
نۆۋىتى كەلگەندە، يەنە شۇنىمۇ مىسال ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتۇر ھۆرمەتجان فىكرەتنىڭ «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق 9- سانىدىكى «قوش تەخەللۇسقا مۇجەسسەملەنگەن پەلسەپە» تېمىسىدىكى ماقالىسىدە، ئەزىز ئەلى ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوفلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن سىرىت، ھىرقەتىنىڭ نېمىشقا يەنە «گۇمنام» تەخەللۇسى بولىدۇ؟ نېمىشقا قوش تەخەللۇس قوللىنىدۇ؟ دېگەن نوقتىلارنى تەپسىلىي ئىزاھلاش ئارقىلىق كەڭ ئىلىم ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىىتپ ئۆتكەن.
يۇقىردا ئېيتىلغان ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ مەزمۇنىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىمىزگە يېتەرلىك ئاساس بولالايتتى. بىراق، بۇ ئىسپاتلار بىزدە يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. شۇنى مىسال قىلىشقا بولىدۇكى، «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان مەرھۇم غەنىزات غەيۇرانىنىڭ «چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي يېزىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش» تېمىسىدىكى ماقالىسىدە «چاغاتاي تىلىنىڭ 17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تاكى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغىچە بولغان بۇ ئۈچىنچى دەۋردە خاراباتى، خىرقىتى، زەلىلىي، ئابدۇرەھىم نازارى، زىيائى، ھىجران، موللا شاكىر، بىلال نازىم، ناقىس، موللا مۇسا سايرامى، ئەرشى، خەستە، شەھىدى، شەۋقى، سالاھى، مەھزۇن، نۆبىتى، قەلەندەر،سەبۇرى، مۇھەممەد سادىق كاشىغەرى، گۇمنام، موللا سىدىق يەركەندى، مۆجىزى، زۇھۇرى، مەشھۇرى، ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىق يۈزلەپ شائىر، ئەدىبلەر مەيدانغا كەلدى.» (مەزكۇر ژورنالنىڭ 24- بېتى) دېگەندەك نوقتىلار يەنە كۆزگە چېلىقىدۇ. مەن بۇيەردىمۇ مەرھۇم تىلشۇناس ئاتاقلىق شائىر غەنىزات غەيۇرانىنىڭ ماقالىسىدىن نۇقسان ئىزدەشنى مەقسەت قىلمىدىم. ھېچبولمىغاندا بۇ نوقتىلارغا، ئاپتورلار دىققەت قىلالمىغاندىمۇ مەسئۇل مۇھەررىرلەر دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەزىز ئەلىنڭ ماقالىسىدە «ئىسھاق باغىستانى ‹تەزكىرەئى قەلەندىران› دا ‹خىرقەتى› نى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ‹ھىرقەتىي› دەپ يازىدۇ. .. ‹ خىرقەتى› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى يىرتىق چاپان كىيگەن كىشى بولۇپ، بۇ شېئىرىي تىلغا ئانچە يېقىن سۆز ئەمەس. ‹ھىرقەتىي› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىكى بولغان ‹ھىرقەت› دېگەن سۆز ‹كۆيمەك، كۆيدۈرمەك، غەم –قايغۇ› دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ سۆز كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەخەللۇسىغا يېقىن تۇرىدۇ ھەم ‹مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام› داستانىدىكى ئىشىق – مۇھەببەت، ھىجران، ھەسرەت، مۇڭ- زار تەسۋىرلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.» دېگەن بايانلاردىن باشقا يەنە «دىۋانى گۇمنام» دا شائىرنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئەمىن گۇمنام (ھىرقەتى) شەكلىدە يېزىلغان.
دېمەك، «ھىرقەتى» بىلەن «گۇمنام» نىڭ مۇھەممەد ئەمىن خوجامقۇلىدىن ئىبارەت بىر شائىرنىڭ ئىككى تەخەللۇسى ئىكەنلىكى، «خىرقەتى» ئەمەس بەلكى «ھىرقەتى» ئىكەنلىكى كەڭ ئىلىم  ئەھلىگە ئاشكارا بولغان. ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك، بۈگۈنكىدەك مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان كۈندە ھەرقايسى نەشىرىياتلاردىكى، گېزىت- ژورناللاردىكى تەھرىرلەر، مۇھەررىرلەرنىڭ بىلىم سەۋىيسىدە، كەسپىي ساپاسىدا مەلۇم يېڭىلىنىشلار، تەرەققىياتلار بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغىلى ئالدى-كەينى 20 يىللار بولغان بولسىمۇ، بىز يەنە ئېتىراپ قىلىپ بولالمىدۇق. بىز زادى قاچان ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز؟


پايدىلانمىلار:
1.        «گۇمنام غەزەللىرى» (نەشىرگە تەييارلىغۇچى: مىرسۇلتان ئوسمانوف)، «بۇلاق» ژورنىلى 1981- يىلى 3- سان.
2.        مىرسۇلتان ئوسمانوف: «ئۇيغۇر خەلقنىڭ كىلاسسىك شائىرى گۇمنام»، «بۇلاق» ژورنىلى 1986- يىلى ئومۇمىي 18- سان.
3.        ئەزىز ئەلى: «قوش تەخەللۇسلۇق خۇشناۋا بۇلبۇل»، «بۇلاق» ژورنىلى 1991- يىلى 3- سان.
4.        ھۆرمەتجان فىكرەت: «قوش تەخەللۇسقا مۇجەسسەملەنگەن پەلسەپە»، «تارىم» ژورنىلى 2012-يىلى 9-سان.
5.        غەنىزات غەيۇرانى: «چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي يېزىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى 2012-يىللىق 4-سان.
6.        مۇھەممەد ئەمىن گۇمنام (ھىرقەتى): «دىۋانى گۇمنام»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2004-يىلى نەشىرگە تەييارلىغان. (نەشىرگە تەييارلىغۇچى: مىرسۇلتان ئوسمانوف).
7.        ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2010-يىلى 9-ئاي 3-باسمىسى.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

مەن ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغانلارنى ياخشى كۆرىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 821
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 11:39:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مۇئەللىممۇ كلاسسىك ئەدەبىيات دەرسىدە مۇشۇ گەپنى دىگەنىدى ، ئىككىسى بىر ئادەم دەپ ، بولسا سىز بۇنۇ بۇلاق ژورنىلى ياكى باشقا چوڭراق ژورنالغا ئەۋەتىپ  ئىلان قىلسىڭىز ياخشى بولغۇدەك........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 12:28:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىلمىگەننى بىلىۋالدىم، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت. يقۇردىكى تۇرداشنىڭ دېگىنىدەك قىلپ باقسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 12:45:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ دەلىىللىرى يىتەرلىك بوپتۇ ، مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن بىلۋالدىم .ئىسىمدە قىلىشىچە  بىز ئوتتورا مەكتەپتە ھىرقەتىي ۋە گومنامنى ئىككى شەخس دەپ ئۈگەنگەن .
بىزنىڭ ئاخبارات - نەشىرىيات ئورۇنلىرىمىز نىمىشقا بىر بىرسىنىڭكىنى ئىنكار قىلىدىغاندۇ دەيمەن ، ياكى تەھرىرلەر بىغۇتلىق قىلامدىغاندۇ .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88584
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 12:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد ئەمىن خوجامقۇلى ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخىس ئىكەنلىكى مەنمۇ ئاڭلىغان .رەخمەت سىزگە ، قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ،ixanq113نىڭ دىگىندەك چوڭراق ژورناللاردا ئېلان قىلىسىڭىز ياخشى بولغىدەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 766
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:11:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز, مىنىڭچە بۇ تىمىنى مىراس ژورنىلىغا يوللاپ باقسىڭىز بولغۇدەك

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 02:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.
كەلتۈرۈلگەن  دەلىلەر جايىدا .

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87735
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-11-26
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 02:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزدىكى ئۇستازلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى يېتەرلىك قىلمايدىغان ،


بىر ياقىدىن باش چىقارمايدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتۈپ، تارىختىكى بەزى


مەسىللەرگە قارىتا  بىرلىك ھاسىل قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. جۈملىدىن، ئۇستاز،


ئاتاقلىق تىلشۇناس مىررسۇلتان ئوسمانوپنىڭ بۇ ئىلمى يەكۈنى  پاكىتلىق


بولغان ئىكەن، ئىككىلەنمەي،  بۇنى نەزەرگە ئېلىش زۆرۈر، دەپ قارايمەن.



..............................

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7505
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1603 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 03:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش قاچاندىن بېرى بۇ يەرگە ئۈگىنىۋالدىڭلار .  
ياخشى يېزىپسىلە ئاداش .

..................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57513
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3866
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 03:00:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تولۇق ئوتتۇرنىڭ كونا ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ھىرقىتى بىلەن گۇمنامنى ئىككى شەخس دەپ ئۆگىنىدۇ. ھازىرقى دەرسلىككە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلدىمىڭىن تاڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش