مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1151|ئىنكاس: 11

سېنى سېغىنىپ قالدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:08:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


سېنى سېغىنىپ قالدىم


بۇ قەيەر ؟
ھە بۇ مۇزدەك خانەمكەن ، گۆگۈمنىڭ تۇمانلىرى ھەممىنى قارا رەڭگە كىرگۈزدى ، مەن قان رەڭلىك   ھەسرەت دېڭىزى ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقماقچى بولىمەنۇ بىراق ماجالىم يەتمەيدۇ ، خىياللىرىم ئادىشىپ قېلىۋاتىدۇ ، قەلبىمنى ساڭا ئاتىغان ئىكەنمەن ، ئارامىم بوزۇلدى ، يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىن شۇنچىلىك مۇڭلۇق  كىشى قەلبىنى لەختە قىلىدىغان بىر ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن ، ھەر بىر مىسراسىدا سېنىڭ ئىسمىڭ ، ئىچ -ئىچىمدىن چىقىۋاتقان پىغانلارغا كىرپىكلىرىم ئامال قىلالمىدى .
مەن بىلىپ بىلمەستە قەلبىم ئىچىگە قارار تاپتىڭ ، بىر تەبەسسۇم بىلەن مىڭ يىللىق ئوتنى سالدىڭ ،مەن ئۇستا رەسسامدەك كۆز قارچۇقلىرىمغا ، دىل قەسىرىمگە سېنىڭ رەسىملىرىڭنى سىزىپ چىقتىم ...
دېكابىرنىڭ سوغۇق كېچىسى جىمجىتلىق ئىچىدە يۈرىكىمنى يىمەكتە ، بىز ئايرىلدۇق ، جۇدالىقتىن ئىبارەت بۇ مۇھەببەت ئەزرائىلى قاقاقلاپ كەلمەكتە ...


ھەسرەت بىلەن سۈت رەڭلىك سۈبىھىنى كۈتىۋالدىم ، مەن ئەسلى سۈكۈت ئىچىدە قەلبىمدىكى مەخپىپيەتنى مەڭگۈ يۈتۈپ كەتمەكچى ئىدىم بىراق بۇ ھەسرەتلىرىمنى تاڭ شاماللىرىغا ، جىمجىتلىق ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان يوللارغا دىگۈم كەلدى ، ئاڭلا سەنمۇ ئاڭلا مەن ئەسلىدە سېنى سۆيەتتىم ...
ئاشۇ كۈنى ھېلىھەم ئېسىمدە ، ھاۋا شۇنچىلىك ئۇچۇق ئىدى بىز بىر - بىرىمىزگە بېقىشپ تۇرۇپ يۈرىكىمىزدىن بەخت سىمپونىيەسىنى ياڭراتقان ئىدۇق ...


سەن كەتمەكچى بولدۇڭ ، بىردىنلا يۈرىكىم قارا بولۇتقا ئايلىنىپ قاناشقا باشلىدى ، بىلەمسەن سەنسىز ئەمدى ماڭا پەسىل ئايرىمىسى يوق بولىدۇ ، ئەلمىساقتىن كېلىۋاتقان بۇ ئادەت بەلكى سەن سەۋەپ يوقىشى مۇمكىن ..
گۈلنىڭ رەڭگى قانداق بولغىيدى ؟
كىشىلەر ئۇنتۇلغان سىماھ ، ئۇنتۇلغان ئۆتمۇش دىيىشىدىكەن ، بۇ سىماھ بۇ ئۆتمۈشلەرنى كىشىلەر نەرىگە يازىدىغاندۇ ؟ ياكى ئۇلاردا ئىككى يۈرەك بارمىدۇ ؟
ئاشۇ بىر دەقىقىلىق تەبەسسۇم ھاياتىمنى ئۆزگەرتىپ مېنى ساماۋى دۇنياغا باشلىغان ئىكەن  ، ئاشۇ تەبەسسۇم ئەمدى مەڭگۈگە يۈتۈپ شۇ بىر دەقىقە قاراشلارنى ساقلاپ قالغۇدەك ئىمكان تېپىلماسمۇ ؟


سەن ئاخىرى كەتتىڭ ، ماڭا دۇنيا ۋاپاسىز بىلىندى ، دەرىزىدىن سىرتقا قارىدىم بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرغىنى ھىجران ، جۇدالىق ، مەن ياش تۆكمەيمەن دىگەن ئىدىم لېكىن تۈن قوينىغا يامغۇردەك تۆكۈلدۈم  ، ئەمدى ھېلىقى جىگدىلىك يوللارنى يانتاق بېسىپ بارسا كەلمەس يول بولۇپ قالار ، سەن بىلمەيسەن قانچە قېتىم شۇ يوللارغا بارغىنىمنى ، لەۋلىرىمنى ئۈنسىز چىشلەپ ئىسمىڭنى چاقىرغىنىمنى ، شۇ دەقىقىلەردىكى بەخت تۇيغۇسىچۇ ...


ئادەمنىڭ ئۆمرى قانچىلىك ؟ بىلەمسەن بۈگۈن ئەتىنىڭ ئۆتمۈشى ، ئاي ، كۈنلەر ئۆتىدۇ ، بۇلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر ، سەن ھاياتلىق يولۇمدا پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى مەن بۇنداق شاۋقۇن - سۆرەننى بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن ، ئەمما سەن ماڭا بىر تالاي ئازاپلارنى قالدۇرۇپ شامالدەك يۈتۈپ كەتتىڭ ، يالغۇزلۇقۇمغا ھەمرا بولۇپ ئەلەملىرىڭ قالدى ، قارا دېكابىرنىڭ سوغۇق شامىلى غازاڭلىرى چۈشۈپ بولالمىغان سۈگەت يۈپۇرماقلىرىنى ھەر يانغا ئوچۇرتۇپ تۇرىدۇ ، ھالبۇكى ھورى ئۆرلەپ تۇرغان بۇ چوغداننىڭ ئىچىدە بىر دەقىق تەبەسسۇمۇڭغا تەشنامەن ، سوراۋاتامسەن نەدىكى چوغ دەپ ، ئۇنى سەن بەرگەن تولىمۇ سېىخيلىق بىلەن بەرگەن ئىدىڭ ...


نىمە ئامال ؟ قەدىرسىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىپ قالدىم ، گۇنا قورغىنىغا پاتقۇم كېلىۋاتىدۇ ، قانداق دەمسەن ؟ كېيىنكى يارالمىشىدا سېنىڭ كۆزۈڭ ياكى يۈرىكىڭ بولۇپ يارالغۇم كېلىۋاتىدۇ ...بۇنى بوتقا چوقىنىدىغان خەقلەر دەيتتى لېكىن ئاداشتىم ، روھ غەليانلىرىم تۈركۈم - تۈركۈملەپ خاتا مىسرالارنى تىزىشىۋاتىدۇ ، بىر كۈنلەردە ساڭا ئەۋەتىپ بېرىمەن ساقلاپ قوي ، مەندەك بىرىنىڭ ھاياتىنىڭ بۈرجىگىگە ئىلىنىپ ئىتىبارسىز تاشلانغانلىقىنى ئەسلەپ قويارسەن ...



مەنبە : ئىجادىيەت .





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6479
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 11:23:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلغاندەك  قىلىدۇ ،لېكىن ھەممىنى ئوقۇشقا ئىمكان بولمىدى ، بەڭباش خىياللىرىم  غەليان كۈتۈرۈشكە ئاران تۇرىدۇ ...

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2014-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 11:34:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى يىقىشلىق ئىكەن....قەلىمىڭىزگە رەھمەت....

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15241
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3608 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 12:11:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجاىپ لېرىكىلىق تۈستە يىزىپسىز يا بۇ ئەسىرىڭىزنى؟ ياخشى چىقىپتۇ.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئۆز-ئۈزىنى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60062
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4850
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 3332 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 12:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرغىچە ئوقۇي دىدىم ئەمما مەنمۇ ئۇقۇيالمىدىم.ئۇقۇۋېتىپ كۈڭۈلسىز ئىشلار خىيالىمدىن كىچىپ قەلبىمنى بىرى مىجۇۋالغاندەك بۇلۇپ قالدىم . داۋاملىق تىرىشىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:24:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ ئىچىنى بەكلا ئىزىۋېتىدىكەن.  شۇ تاپتا مەنمۇ چوڭقۇر خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ كەتتىم، بەك ياخشى يېزىلغان نەسىر بوپتۇ. تېخىمۇ تىرىشڭ.  

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3027
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2547 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:41:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېقىندىن بۇيان نەسىر ئاڭلاشقا ئەجەپ خۇشتار بولۇپ كېتىۋاتىمەن دېسە،  شۇنچە يازاي دەپ زورىغا قەلەم تەۋرەتسەم ،ئەسلىدىكى  ھىسلىرىم بۇغۇلۇپ قېلىپ پەقەت ياخشى يازالمايدىكەنمەن  ،

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 04:23:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزپسىز تۈنجى سۆگۇنىنى ئۇنتۇش مۇمكىن ئەمەس مېنىڭ قەلبىمنىڭ قانچېلىك پۇچۇلانغانلىقىنى ھېچ كىم بۇلمەيدۇ لېكىن مەن سۆگەن قېز يۇزسىز چېقىتى بەك ئەپسۇسلاندىم بەك ئازاپلاندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87161
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 05:39:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بەندىللىرىگە كۆتىرەلمەيدىغان دەرت سالمايدۇ،


بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كېتىدۇ،غەيرەتلىك بۇلۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88065
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 213
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 10:14:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ مىنىڭ كۆڭلۇمدىكىنى بىلىۋاپسىز ؟ بولمىسا مەنغۇ سۆزلەپ بەرمىگەن !قالتىس چىقىپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش