ئايسىز كېچە، كىرپىكىم نەمدە
ھاسىل قىلار ئورمانلىق قاتار.
ئاشىق دىلدا ھۇۋلايدۇ بوران،
بالدۇر كېلىپ جۇدۇنلۇق باھار.
ئايسىز كېچە، كۆزۈمدە- كۆلدە
ئۈزۈپ يۈرەر قاناتسىز بېلىق،
ئوتقا تولغان يۈرىكى بىلەن،
بەكمۇ گۈزەل چىقىرىپ قىلىق.
ئايسىز كېچە، لېۋىمدە-گۈلدە
پەرۋاز قىلار كېپىنەك ئۇچۇپ.
يېشىل ياپراق مەستلەيدۇ سەرخۇش،
شېرىن پۇراق ۋەسلىنى قۇچۇپ.
ئايسىز كېچە، يۈزۈمدە ئوينار
ئاتەش سۆيگۈ جىلۋىسى يېنىپ.
ئوتلۇق نەپەس جانلىنار قايتا،
ھىجران تۇتقان شارابقا قېنىپ.
ئايسىز كېچە، ۋىسالسىز يۈرەك
چىقار قىسمەت باغرىنى يېرىپ.
سوغۇق تۇيغۇ تېنىمدە ئۈنۈپ،
تېيىز سۇدەك تەۋرىنەر غېرىپ.
مەنبە: مەن شۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-16 12:36 AM