|
|
|
|
بەخىتلىك بــــول ئەزىزىم
ئىنسان تۇغۇلۇپ ئۆلگۈچە بولغان بۇ نەچچە ئون يىل جەريانىدا ئويلىغان ،ئويلىمىغان ۋە ئويلاشقا پىتىنالمىغان ئىشلار يۈز بىرىپ تۇرىدىكەن . ئىنساننىڭ كىشلىك تۇرمىشىغا كىرىدىغان يولوچىلارمۇ ھەرخىل ھەر ياڭزا ، بەزىلىرى سىنى جاندىن ئەزىزى كۆرىدىغانلار بولسا يەنە بەزىلەر سىنىڭ ئۆلىمىڭنى تىلەيدىغانلار ئىكەن .بەزىلىرى سىنى تونۇپ تونىماي يۈرسە يەنە بىرى تونىسىمۇ تونىماسقا سىلىپ يۈرىيدۇ ، بەزىلەر سىنىڭ بىر قىتىم كۈلۈمسىرەپ بىقىشىڭ ئۈچۈن جان كۆيدۈرسە ،يەنە بەزىلەر سىنىڭ مەغلۇبىيەتتىن ئىگىلگەن گەۋدەڭنىڭ پۇشايمان يىشىنى تۆككەن كۆزى بولىشىڭنى تىلەيدىكەن ،بەزىلەر سەن ئۈچۈن پەقەت سەن ئۈچۈنلا ياشىسا ،يەنە بەزىلەر سىنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆزى ئۈچۈن ياشىشىڭنى تىلەيدىكەن .... ھايات مانا مۇشۇنداق بىر يول ،مەن بولسام يولوچى ، سەن بولساڭ مىنىڭ سەپەردىشىم
...
مانا مۇشۇ يولدا ،كەلگۈسىم ،بەختىم ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىمنى كۆزلەپ كىتىپ بارغان ۋاقىتلاردا،مۇھەببەت دوقمۇشىدا سىنى ئۇچراتتىم .
ئاھ بىز ئۇچراشقان دەقىقە ، كۆزلىرىم كۆزلىرىڭ بىلەن ئۇچراشقىنىدا ئۆزۈمنى قويغۇدەك يەرمۇ تاپالماي ،قىزارغان يۈزلىرىمنى چاچلىرىم بىلەن تۇسۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدىم ، ئۇندىن كىيىنكى كۈنلەردىمۇ بۇنداق ھادىسىلەر داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان بولدى ، چۈنكى سەن مەن بىلەن بىر يولدا ،مۇنداقچە ئىيتقاندا سەن مىنىڭ سەپەردىشىمغا ئايلاندىڭ.
بۇ يولنىڭ قانچىلىك مۇساپىسىنى سەن بىلەن ئۆتكۈزگىنىمنى بىلمەيمەن ،بىلىدىغىنىم شۇكى بۇ سەپەر ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزگە باغلىدى ، پاك ھەم سەبى قەلبىمگە سىنىڭ ئوتۇڭنى سالدى ،بۇ ئوتشۇنچە كۈچلۈك ئىدى ، سىنى كۆرمىسەم ،ئاۋازىڭنى ئاڭلىمىسام تۇرالمايتتىم ، سەن ۋە سىنىڭ سىمايىڭ ھەر زامان كۆز ئالدىمدا ،مەن مانا شۇنداق ساڭا كۆنگەن ،مانا شۇنداق ساڭا كۆيگەن ،مانا شۇنداق سىنى سۆيۈشكە باشلىغان ...
بەخىتلىك ھىسلار ، خۇشاللىققا تولغان ھايات ، يۈرەك يۈرەكلەردىن كۈلۈشلەر ،تاتلىق ھىسلارغا چۈمۈلدۈرىدىغان ئەسلىمىلەر سىنىڭ شۇ بىر ئىغىز گىپىڭ بىلەن توختام سۇدەك توختىدى ...
ماڭا قىلچە چۈشەنچە بەرمەي كەتكەن شۇ ۋاپاسىز يۈرەك ئەجىبا مىنىڭ سەنسىز ياشىيالمايدىغىنىمنى ، سەندىن ئايرىلسام ھەممىنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنى ،ھەتتا ھاياتىمنىڭمۇ ئاياقلىشىدىغانلىقىنى ھىس قىلالمىدىمۇ ؟ سىنى ۋە سىنىڭ ماڭا قالدۇرۇپكەتكەن شۇ ئەسلىمىلىرىڭنىڭ قانداقمۇ ئۇنتىيالايمەن؟ ئەجىبا مەن ئەتراپىمدىكى ساڭا ئالاقىدار ھەممە ئىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرەلەمدىم ، ھەممىنى ئۇنتۇپ تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلىيالامدىم ؟
مىنى بەختلىك بول دەپ تاشلاپ كىتىپ سەن بەختلىك بولالامسەن ؟ئەگەر سىنىڭ بەختىڭ مىنى تاشلىۋىتىش بەدىلىگە كىلىدىغان بولسا مەن بۇ ئاچچىق قىسمەتنى قوبول قىلىشقا رازى ، ئەگەر سەن مىنى تاشلاپ بەختسىز بولوپ قالساڭ مەن سىنى ھەم ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن ،چۈنكى مەن سىنى بىردىنبىر پاك ۋە چىن مۇھەببىتى بىلەن سۆيىدىغان ئادەم.
دوستۇمنىڭ خاتىرىسىدىن
|
|
|
|
|
|