ئوغلۇم ئۆيلىنىشكە تەييارلىقىڭ بارمۇ؟
ئوغلۇم ئەمدى چوڭ بۇلۇپ بويغا يەتتىڭ شۇ تاپتا ئۆيلىنىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىۋاتسەن . ئېيتە ئوغلۇم ئۆلىنىشكە تەييارلىقىڭ بارمۇ؟
ئەمدى سەن توي قىلىسەن بىر ئائىلىگە – بىر دۆلەتكە پاسىبان بولىسەن بالىلىقىڭ - بەڭباشلىقىڭ بىلەن خوشلىشىسەن . ئۆز ئالدىڭغا ئابرۇي نۇپۇز تىكلەيسەن . شۇڭا دوستلىرىڭ بىلەن يېرىم كېچىگىچە مۇڭدۇشۇشلارنى تۈگىمەس پاراڭلارنى ئەمدى تاشلايسەن .
ساڭا بېقىپ تۇرغان بۇ ئايىم بۇرۇن بىر ئەركىن قۇش ئىدى. ئاللا كىملەر بىلەن ئەركىن پاراڭ سېلىشاتتى. ئەمما مانا ئەمدى ئۇنىڭ پائالىيەت دائىرسى تارايدى.ئاللاھنى مۇقەددەس كىتاب قۇرئاننى ئالدىغا قۇيۇپ بىر نەچچە ئۈلىمالارنى گۇۋاھ قىلىپ قەسەم بېرىپ ساڭا بارلىقىنى تەقدىم ئەتتى. ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ شېرىن قەپەزگە مەھكۇم بولدى بوينى قىلدا باغلاندى.ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا سەندىن ئۇلۇق سەندىن مۇھىم ئىنسان يوق. شۇڭا ئۇ ساڭا پەرمانبەردارلىق قىلىدۇ. سەن ئۈچۈن بارلىقىنى ھەتتا ھاياتىنى ئاتاپ ياشايدۇ.شۇڭا سەن ئۇنى ئاسرشنى كۈتۈشنى بىلىشىڭ كېرەك.
بەزىدە دوستلىرىڭنىڭ،بىر خۇتۇننى دەپ بىزنى تاشلىۋەتتى دېگەندەك ئاغرىنىشلىرىنى ھەتتا سەندىن كېچىشلىرىنى ئۇچرىتىسەن بۇنىڭغا كۈنىشىڭ كېرەك . پەقەت سېنى ھەقىقىي چۈشەنگەن دوستلىرىڭ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ.
ئەمدى ئالدىڭدا ئولتۇرغان بۇ ئاي يۈزلىكىوڭگە قارا ئو 20 نەچچە يىل باشقا بىر دۇنيادا ياشاپ كەلدى.ئۇ ياشىغان دۇنيانىڭ ھاۋاسى تۇپرىقى مۇھىتى قائىدە يۇسۇنلىرى سىنىڭكى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . ئۇ ئائىلىسىدە سۇلتان ئىدى قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ھىساپ ئېلىنمايتتى. ئەمما سىنىڭ ئائىلەڭگە كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ سۇلتانلىقىدىن ئەسىرمۇ يوق. ئۇ بۇ يېڭى مۇھىتتا شۇنچىلىك سىقىلىپ تۇرسىمۇ سېنى دەپلا بۇيەرنى جەننەت بىلىپ ياشايدۇ . قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ئۈنسىز ھىساب بېرىدۇ. پايى-پىتەك بۇلۇپ تىنىمسىز خىزمەت قىلىدۇ ئاتا-ئاناڭنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ.بۇ مۇھىتقا بۇ تۇپراققا ئۇ خۇددى يېڭىدىن كۆز ئاچتى، ئۇنىڭ بۇ ئائىلىدە بىمەيدىغانلىرى جىق شۇڭا ئۇنىڭدا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەر كۆرلىپ قېلىشى مۈمكىن شۇڭا سەن بۇنى ئەپۇ قىلىشنى بىلىشىڭ كېرەك.
ئۇ، ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدا سېنىڭ ھاياتىڭنىڭ داۋامىنى – پەرزەنتىڭنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى جىسمى بىر قېتىم سېسىپ قايتىدىن كۆكلەيدۇ.ئۇنىڭ تېنىدە يېڭى بىر ھاياتلىق پەيدا بۇلۇپ تەۋرەنگۈچە،ئۇ نۇرغۇن پىزلوگىيلىك ۋە پىسخىلوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرگە بەرداشلىق بېرىپ مىڭ ئۆلىپ مىڭ تىرىلىپ، پۇتىدا ئەمەس يۈزىدە مېڭىپ خىزمىتىڭنى قىلىدۇ. شۇڭا بۇ چاغدا ئۇنىڭدا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەر ئۆتىپ قېلىشى مۈمكىن شۇڭا سەن ئۇنى ئەپۇ ئىتىشىڭ بەلكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىشىڭ كېرەك چۈنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈچۈن سەندىن يېقىن بىر كىشى يوقتۇر.
ئۇ سېنىڭ مەملىكىتىڭگە كېلىپ كۆنگىچە مىڭ بىر تۇساققا مىڭ بىر سىناققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ جەرياندا ئاناڭ بىلەن بىر سىزىقتا ماڭالماي قېلىشى مۇمكىن بۇ چاغدا سەن مۇمكىن قەدەر ئاناڭنى رازى قىلغان ھالدا ئاناڭنى ياقىلاپ تۇرۇپ لىللا مەيداندا تۇرۇشۇڭ ئاناڭنىڭ گېپىنى خۇتۇنىڭغا خۇتۇنىڭنىڭ گېپىنى ئاناڭغا تۇشۇماسلىقىڭ كېرەك. مۈمكىن قەدەر خۇتۇنۇڭنى ئاناڭنىڭ گېپىگە كۆندۈرۈشۈڭ ئۇنى ھۆرمەت قىلىشقا ئۇنىڭ سۈيۈشكە ئۈگۈتۈشۈڭ كېرەك. چۈنكى سەن ھەم خۇتۇنۇڭ 20-25 ياشتا ئاناڭ بولسا 45-50 ياشتا شۇڭا ئاناڭنىڭ زېھنى خورىدى ، جۈدىدى ياشلاردەك تەپەككۇر قىلالمايدۇ شۇڭا ئۇمۇ بەزى گەپلەرنى خاتا قىپ قۇيىشى مۈمكىن ، سەن بۇنى ئايالىڭنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى ئايالىڭمۇ بىر كۈنلەردە پەرزەنت ئىشقىدا كۆيىپ پىشىپ تۇمۇر – تۇمۇرلىرىدىدىكى قۇۋۋەتنى بالىسىغا ئاتا قىلىپ، خۇددى ئاناڭغا ئوخشاش كۈچ قۇۋۋەتتىن قالىدۇ. خاتا گەپ قىلىپ قالىدۇ.شۇڭا ئايالىڭغا ئاناڭنى ھۆرمەت قىلىشنى خاتاسىنى تۈزتىپ تۇرۇشنى دائىم ئىسىگە سېلىپ تۇر. شۇندىلا ئائىلەڭ كۈنسايىن بەخىتكە چۈمۈلۈپ، راھەت ئىچىدە ياشايسەن ھەممە سېنىڭدىن رازى بولىدۇ.
مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qartekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-15 10:35 PM