مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 867|ئىنكاس: 10

قاغا (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24006
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6033
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 10:01:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاغا (ھىكايە)

ۋاھاپجان قۇربانقۇل تەۋەررۈك (تاجىك)

   

  خۇدايارخان بوۋاي مەسچىتتىن قايتىپ كېلۋاتاتتى ، مەسچىت بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس . ئۇنىڭ مەسچىتكە بارار يولى كەنت مەكتپىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى . مەكتەپ ئالدىدىكى ئېرىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە سېلىنغان قاتار-قاتار يوغان تېرەكلەردە بىر توپ قاغىلار قونۇشۇپ تۇراتتى . ئۇ ئادىتى بويىچە مەكتەپ ئالدىدىكى يولدىن ئۆتكەچ ، ئوڭ قولىدىكى تەسۋىسىنى سول قولىغا ئېلىپ ،ئوڭ قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ بىر سىقىم داننى ئېلىپ ئۇنى يولنىڭ بويىنى ئازراق قارىدىۋىتىپ چاچتى .
- يەڭلار قاغىلىرىم ، يەڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جاندارلىرى ...
دەرەخكە قونۇۋالغان يۈزدەك قاغا ئىككىدىن- ئۈچتىن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ «ئەتىگەنلىك ناشتا» غا ئۆزلىرىنى ئېتىشتى .
ئۇ قاغىلارنىڭ ئۆزى چاچقان دانغا ئاچكۆزلۈك بىلەن ئېتىلغىنىنى كۆرۈپ ، ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ قويدى ، ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ « -بىچارىلار ،سىلەرگىمۇ جان » دەپ قويدى .
-توۋا، قېرىغاندا ئادەم ئۇنۇتقاق بولۇپ قالدىكەن، ئاتا- ئانامنىڭ ، بوۋىلىرىم ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ كېلەي ،-كۇسۇلدىدى ئۇ.
بۆگۈن پەيشەنبە كۈنى بولغاچقا خۇدايارخان بوۋاي ئۇدۇل ئۆيىگە ماڭماي ، ئايلىنىپ قەبرىستانلىققا قاراپ يول ئالدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە ھەر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگىنى ئۆلگەنلەرنىڭ روھ-ئەرۋاھلىرى ئۇرۇق-تۇققان، يار-بۇرادەرلىرىنىڭ قەبرىستانلىققا كېلىپ دۇئا قىلىشنى كۈتۈپ تۇرارمىش . ئۇلار كەلسە ئىنتايىن خوشال بولارمىش ، ئەگەر كەلمىسە غېرىپسىنىپ ئۇلارنىڭ چۈشىگە كىرەرمىش .
«تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىلى ، قېرىپ پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىغاندا قارغىش قېپى بولاركەنمەن » دەپ ئويلىدى ئۇ .
ئۇ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ قەبرىلىرى ئالدىغا كېلىپ ئۈستىدىكى قارلارنى ئورۇق قوللىرى بىلەن قارىداپ سۈپۈردى ھەم قەبرە ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۇزاق قىرائەت قىلىپ ، دۇئاغا قول كۆتۈردى. ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ گۇناھى سەغىر ۋە كەبرىلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى ، روھلىرىغا جەننەت تىلەپ قورايدەك قېتىپ قالغان قوللىرى بىلەن كوسا ساقىلىنى سىلىدى.
-قاق قاق !
قەبرە بېشىدىكى تۇغ-شەددەلەرگە ، قەبرىستانلىق ئەتراپىدىكى قېرى توغراقلارغا قونۇۋالغان قاغىلار قاقىلىدىدى.
خۇدايارخان بوۋاي ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ پىچىرلىدى.
-ھە نىمە بولسا جۇپ قاقىلدىدى . چوقۇم يارىشىدۇ .
ئۇ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ بىر سىقىم داننى ئېلىپ قەبرە ئۈستىگە چاچتى .
-يەڭلار قاغىلىرىم يەڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جاندارلىرى ...
ئۇنىڭ قارىشىچە قەبرىگە چېچىلغان يىمەكلىكلەرنى قاغا-قۇزغۇنلار يېسە شۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ روھى خوش بولۇپ، ئالەمچە مىننەتدار بولارمىش .
ئۇ قەبرىستانلىقتىن ئايرىلىپ ، يىراقتىن كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى. ئۇ دان چاچقان قەبرىگە يىگىرمە-ئوتتۇزغا يېقىن قاغا ئولىشۋالغانلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ قويۇپ ئۆيى تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى .
رەۋەخان موماي ھەر كۈنى ئۇ كەلگۈچە ئەتكەن چاينى تەييارلاپ تۇراتتى . ئۇ ئۆيگە كىرىپ داستىخانغا ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدى .
«خۇداغا شۇكرى » دىدى ئۇ دۇئادىن كېيىن .
-ھوي كەمپىر ، تۈنۈگۈن ئالغان چاي-سوپۇنلارنى مەرغۇپتىن نودەرلەرگە ئەۋەتىپ بەرگىن ، ئۇ بۆگۈن ماڭماقچى.
- ماقۇل ، ئۇنداقتا مەن ھازىرلا ئاپىرىپ بېرەي .
خۇدايارخان بوۋاينىڭ ئوغلى نودەرلەر يايلاقتا ئىدى . نودەرنىڭ ئون بىر ياشلىق بىر بالىسى بار، كېلىنى گۈلجاھانمۇ ياخشى ئايال ئىدى .بوۋاي نەۋرىسىنى ئويلاپ ئۇنى سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلدى .
-راست ، دەپ قوي ، فازىلنى ئەۋەتۋەتسۇن ، نەۋرەمنى سېغىندىم.
-ماقۇل .
رەۋەخان موماي تەييارلىغان نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
خۇدايارخان بوۋاي نەۋرىسى فازىلنى ۋە ئونىڭ شوخ قىلىقلىرىنى ئويلاپ كۈلۈپ قويدى ،-دە تەسۋىسىنى قولىغا ئالدى .
ئۇنىڭ كوسا ساقاللىرى يىنىك تىترەيتتى ، لەۋلىرى بىلىنەر - بىلىنمەس مىدىرلايتتى ...
- يەڭلار قاغىلىرىم ،يەڭلار سىلەرمۇ خۇدانىڭ جاندارلىرى
يەنە بىر پەيشەنبە كۈنى ئادىتى بويىچە قاغىلارغا دان چېچىپ بەردى ، قەبرىستانغا باردى ، ئۇ يەردىمۇ دان چاچتى . قاغىلار داننى يىدى ، بوۋاي خۇشال بولدى . ئۇ قەبرىستانلىقتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەچ ئەتراپقا قارىدى ،كۆردىكى قەبرىستاندىكى داننى يەپ بولغان قاغىلار بوۋاينىڭ كەينىگە كىرۋالغاندى .
- قو ...
بوۋاي كەينىگە كىرۋالغان قاغىلارنى قولىنى شىلتىپ ھەيدىدى. بىراق قاغىلار قاچقاندەك قىلىپ يەنە بوۋاينىڭ كەينىدىن سوكۇلدىشىپ مېڭىۋەردى . بوۋاي ئۆيىگە كىرىپ ناشتىسىنى قىلدى . تورۇسقا قاراپ ئولتۇرۇپ تەسۋى سىرىشقا چۈشتى .
-قاق ، قاق
- قاق ، قاق
-جۈپ - تاق ، جۈپ ، ئاغزىڭغا ياغ دىدى بوۋاي. ئۇ ئەتىگەندە قاغىلارنىڭ قاقىلىدىشىنىڭ شۇملۇقنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ، جۇپ قاقىلىدىشىنى خۇشاللىق ، خۇشلۇق دەپ چۈشىنپ كۆڭلىنى خوش قىلاتتى . ئۇ ئۆيدىن ئازراق دان ئېلىپ چىقىپ قاغىلارغا چېچىپ بەردى . قاغىلارنىڭ زۇۋانى جىم بولدى. بوۋاي ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . بىر چاغدىن كىيىن قاغىلار يەنە قاقىلدىدى.
«جۈپ-تاق، جۈپ -تاق»
-ئاغزىڭغا پوق ، دىدى بوۋاي قاغىنىڭ قاقىلدىشىنى ساناپ .
ئۇ يەنە سىرتقا چىقتى ، بۇ قېتىم ئۇ قاغىلارغا دان تاشلمىدى، قولىغا بىر تاشنى ئېلىپ قاغىلارغا قارىتىپ ئاتتى . قاغىلار يەردىن ئۇچۇپ دەرەخلەر قوندى .
-قاق،قاق ، قاق
«جۈپ- تاق، جۈپ-تاق» - ئاغزىڭغا پوق دىدى بوۋاي .
بوۋاي ئۆيگە كىرىپ كەتتى ، سۇپىدا ئولتۇرۇپ تەسۋى سىرىشكە چۈشتى . قاغىلار بولسا قاقىلدىماقتا ئىدى . بوۋاي قاغىلارنىڭ قاقىلدىشىنى سانىماقتا ئىدى .
-جۈپ -تاق ...
- ئاغزىڭغا پوق . دىدى بوۋاي.
« قاغا تاق قاقىلدىدى ، بۇ شۇملۇقتىن دېرەك . ئۆتكەندە غۇلاممەمەتنىڭ ياڭىقىغا بىر توپ قاغا قونۇپ تاق قاقىلدىغان ، ئارىدىن تۆت-بەش كۈن ئۆتە-ئۆتمەي ياش ئوغلى يايلاقتا تاغدىن غۇلاپ تۈگىدى ، بىچارىنىڭ جەسىتىمۇ چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەندى ، ھەي، يەنە نىمە شۇملۇقلار بولىدىكىن !
بوۋاي يۇرت مەھەللىدىكى ئاغرىق -سىلاقلارنى بىرمۇ بىر ئويلاپ چىقتى. «راست ، مەھەللىدىكى شايىپ ئوغلى بەگيارنى دۇختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىپتىكەن، ئۇ ساقايغانمىدۇ؟»
ئۇ يۈرىكىنىڭ تۇيۇقسىز بىر يەرلىرى ئاغرىغاندەك ھېس قىلدى . چۈنكى قاغىنىڭ تاق قاقىلدىشى ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا قاقىلدىشى ئۇنى سەل ئەنسىرىتىپ قويدى . قاغا يەنە قاقىلدىدى ، يەنە كېلىپ تاق ...
تۇيۇقسىز كاللىسىغا يايلاقتا تۇرۋاتقان ئوغلى كەلدى.
-نودەرلەر تىنچ-ئامانمىدۇ؟ ئۆتكەندە يايلاققىمۇ قار خېلى كۆپ يېغىپتىكەنمىش ، باللىرىم سالامەتمىدۇ؟ئۇ قىيىن يوللارغا كىرمىگىدى، ئۇلۇغ ئاللاھ، ئۆزەڭ ساقلىغايسەن. باللىرىمنى تىنچ-ئامان قىلغايسەن.
بوۋاي ئەمدى يايلاقتىكى بالىلىرىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.
ئۇ پۇت قولىدىن جان كېتىۋاتقاندەك ، ماغدۇرسىزلىنۋاتقاندەك ھېس قىلدى .
- موماي نەگە كەتكەندۇ؟!
دىدى ئۇ پىشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ.
دادىسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، قاغا خەۋەر يەتكۈزگۈچى بولۇپ ، جۈپ قاقىلدىسا خوشلۇق ، تاق قاقىلدىسا شۇملۇق بولىدىكەن.
-جۈپ قاقىلدىغىدى ئىلاھىم ...
ئۇ ئۆزىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقتى ، تومۇرى ياخشى سوقۇۋاتاتتى . «نىمە بولغاندىمەن، پۇت قوللىرىمدىن جان كېتىۋاتقاندەك بولۇۋاتىمەنغۇ!؟» دەپ ئويلىدى ئۇ . ئاڭغىچە پايپاسلاپ رەۋەخان موماي كىرىپ كەلدى ، ئۇ خۇدايارخان بوۋاينىڭ چىرايىنىڭ سارغىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ،يېنىغا كېلىپ سورىدى.
- نىمە بولدى سىلىگە، چىرايلىرى بىر دەمدە سارغىرىپ قاپتىغۇ؟
-شۇم قاغا، تاق قاقىلداۋاتىدۇ. نىمە شۇملۇقلارنى ئېلىپ كەلگەندۇ؟
- ئاغزىغا پوق ، قاقىلداۋىرىدۇ. سىلىمۇ زە قاغىغا دان بېرىپ ئۆزەڭلىگە ئۈگىتىپ قويغان گەپ .
-ئەنسىرەپ قالدىم . بالىلارغا خەۋەر قىل، قايتىپ كەلسۇن، ئاۋايلاپ ماڭسۇن. كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سېزىپلا تۇرىدۇ .
-يوق گەپنى قىلمىسىلا ، سىلى ساپساق تۇرسىلا
-بولدى، مەن دىگەندەك قىل .
بوۋاينىڭ كېچىچە ئۇيقۇسى كەلمىدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا ھۆكۈم سۈرۋاتقىنى يايلاقتا تۇرۋاتقان ئوغلى، نەۋرىسى... قاغىنىڭ تاق قاقىلدىشى ، يەنە كېلىپ ئىشك ئالدىدا .
تاڭغا مەھەل ئازراق كۆزى يۇمۇلىۋىدى - خوراز چىللاپ ئويغىتۋەتتى . ئورندىن تەسلىكتە تۇرۇپ ئارانلا تاھارەتكە چىقتى -دە، ئۆيدىلا ناماز ئوقۇدى،ئۇزاق قىرائەت قىلىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.
- ئۇلۇغ ئاللاھ ئېگەم، باللىرىمنى بالا-قازادىن يىراق قىلغايسەن...باللىرىمغا تىنچلىق ، خاتىرجەملىك ئاتا قىلغايسەن ...ماڭا ئاز ئاغرىغ ، ئاسان ئۆلۈم بەرگەيسەن ...باللىرىمنىڭ ئالدىغا كىرىشكە نېسىپ قىلغايسەن....
بوۋاي كۆزلىرىدىن تامچە-تامچە ياش تۆكۈپ ئۇزاق دۇئا قىلىپ كوسا ساقاللىرىنى سىلىدى.
ناشتىدا گىلىدىن غىزامۇ تۈزۈك ئۆتمىدى . تەسۋى سىرىپ ئولتۇردى ، بىر چاغدا قاغا قاقىلدىدى.
«جۈپ-تاق، جۈپ -تاق»
-ئاغزىڭغا پوق دىدى بوۋاي. بوۋاينىڭ كۆڭلى تىخىمۇ يېرىم بولدى . ئۇ ئورندىن تەستە تۇرۇپ ئازراق دان ئېلىپ سىرتقا چىقتى . ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى دەرەختە ئون- يىگىرمىدەك قاغا بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ تۇراتتى . خۇدايارخان بوۋاي داننى چاچقاچ پەس ئاۋازدا سۆزلىدى.
-قاغىلىرىم، داننى يەپ يىراقلارغا كېتىڭلار، مىنى بىسەرەمجان قىلماڭلار.
قاغىلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ چېچىلغان دانغا ئۆزلىرىنى ئاتتى . بوۋاي ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
بىر چاغدىن كيىن قاغىلار يەنە قاقىلدىدى.بۇ قېتىم بوۋاي قاغىنىمۇ تىللىمىدى . بوۋاينىڭ روھىدا ھۆكۈم سۈرۋاتقان نامەلۇم بالا-قازا ئۇنىڭغا دەھشەتلىك تۇيۇلدى.كۆز ئالدىغا شاھىپنىڭ يىگىرمە ياشلىق ئوغلى بەگيار كەلدى، « ئۇلۇغ ئېگەم، ياشلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا نېسىپ قىلغايسەن.» دىدى ئۇ.
بوۋايغا پۇت- قوللىرى جانسىزلىنۋاتقاندەك ،تومۇر سوقۇشىمۇ رېتىمسىزدەك تۇيۇلدى.ئۇ ئاغزى قۇرۇغاندەك تۇيۇلۇپ، چايداندىن ئازراق قايناقسۇ قۇيۇپ ئىچمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى- تۇردىيۇ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ سەنتۈرۈلۇپ ئولتۇرۇپ قالدى.
رەۋەخان موماي كالا-ئۇلاغلارغا ئوت- سامان تاشلاپ بولۇپ ئۆيگە كىردى. بوۋاينىڭ خامۇش ھالىتىنى كۆرۈپ سەل ئەنسىرىدى.
- زادى نىمە بولدى سىلىگە ؟ تۈنۈگۈنلا ساق ئىدىلە ، بىر قىسمىلا تۇرىلىغۇ؟
-بولدى، بالىلاردىن ئەنسىرەۋاتىمەن. بالىلارغا خەۋەر قىلغانمۇ؟
-قىلغان.
-ماڭا ئورۇن سەپ بەرگىن.
-ماقۇل
رەۋەخان موماي ھاسراپ تۇرۇپ ئورۇن سالدى ، بوۋاي يوتقانغا كىرىپ ياتتى . ئۇ كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە نىمىلەرنىدۇ ئويلىغاچ ياتتى . بىر چاغدىن كىيىن قاغا يەنە قاقىلدىدى .
«جۈپ-تاق، جۈپ -تاق»-پىچىرلىدى بوۋاي.
- ئاغزىڭغا پوق، دىدى رەۋەخان موماي ئۇن ئۇماچلاۋىتىپ.
-بولدى تىللىما ، ئۇمۇ خۇدانىڭ جاندىرى، يەنە كېلىپ خەۋەرچىسى.
بوۋاي چۈشتىمۇ ئاشتىن بىر قوشۇقمۇ ئىچكىلى ئونىمىدى، ئۇنىڭ گىلىدىن غىزا ئۆتمەيۋاتاتتى . «سالامەت قايتىپ كەلگىيدى !» كۆز ئالدىغا يالغۇز ئوغلى نودەر، نەۋرىسى ، كېلىنى ، قاتارلىقلار كېلىپ، نۇرسىز كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىنى بويلاپ كوسا ساقاللىرى ئارىسىغا كىرىپ كەتتى .
چۈشتن كېيىن نودەر، گۈلجاھان، فازىل قاتارلىقلار يايلاقتىن قايتىپ كەلدى. نودەر ئەنسىرىگەن ھالدا دادىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى، ئۇنىڭ پىشانىسىنى تۇتتى.
- نىمە بولغانسەن دادا، بىزگە بالدۇرراق خەۋەر قىلساڭلار بولمامتى!
بوۋاي نۇرسىز كۆزلىرىنى جانسىز چىمىلدىتىپ نودەرگە قارىدى.چىرايىدا خىرە تەبەسسۈم ئەكىس ئەتتى. كۆز قارچۇقىدىن بىر تامچە ياش سىرىلىپ تەكيىگە چۈشتى.
- ھە نىمە بولسا سالامەت كېلۋاپسىلەر ، بەك ئەنسىرىدىم .
-ئانا ، دادامنى دۇختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ ئاسما سالدۇرايلى.
- بولدى، ھاجىتى يوق. خۇدادىن كەلسە دۇختۇر نىمە قىلالايتتى بالام. مەن قېرىپ قالغان ئادەممەن.پىشانەمگە پۈتۈلگىنىنى كۆرەي، ئىمانىم بىلەن ماڭاي.
بوۋاي پەس ئاۋازدا ئىڭرىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇختۇرنىڭ دورا-ئوكۇللىرى كىشىنىڭ ئىمانىنى بۇلغايتتى.
بوۋاي كەچتىمۇ ئاغزىغا بىر قوشۇق غىزامۇ ئالمىدى. پەقەت بىر قوشۇق قايناقسۇ ئىچتى . بوۋاينىڭ بالا -چاقىلىرى كېچىچە ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇردى. بۇۋاي كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتى ، ئۇ بارغانسىرى ماغدۇرىدىن كېتۋاتاتتى.
-بۆگۈن كۈن نىمە؟
بوۋاي پەس ئاۋازدا جانسىز ئىڭرىدى.
-جۈمە
دەل شۇ چاغدا قاغا قاقىلدىدى.
-جۈپ-تاق، جۈپ -تاق
بوۋاينىڭ ساقىلى يىنىك تىترىدى، جانسىز دەمدە قاغىنىڭ قاقىلدىشىنى سانىدى. چىرايىدا سۇس تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى . چۈنكى بوۋاينىڭ نەزىرىدە جۈمە كۈنى جېنى چىققانلارغا ئۇ دۇنيادا سۇئال-سوراق يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇدۇل جەننەتكە كىرەتتى .
-دان ... دان چاچ
دىدى ئۇ زەئىپ ئاۋازدا رەۋەخان مومايغا شەرەت قىلىپ.
رەۋەخان موماي چىقىپ كەتتى .
خۇدايارخان بوۋاي بۆگۈن چۈشتىمۇ ھىچنەرسە ئىچمىدى. چۈشتىن كېيىن يۇرت ئاقساقاللىرى خۇدايارخاننى كۆرۈش ئۈچۈن كىرگەندى.
-توۋا بۇ قاغىلارنىڭ سىلەرنىڭ ئىشككىلا كېلۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئەنسىرىدىم.كىيىن ئاڭلىسام خۇدايارخان بىتاپ بولۇپ قاپتۇ.-دىدى مەسچىت ئىمامى ساھىپ موللام .
- خۇدايىم شىپالىق بىرەر .
-پىرە ئويناتساق بوپتىكەن.
-رەۋەخان ئوتلاپ قاقتىلىمۇ ؟
-ياق .
- كەچتە بىر ئوتلاپ قېقۋەتسىلە .
-ماقۇل .
ئۇلار چىقىپ كېتىشتى . بۆگۈن كېچىچە خۇدايارخان بوۋاي دادىسى نەجمىدىن موللامنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چىقتى . بالىلار خۇدايارخاننىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشاتتى، تاڭ يورۇدى . قاغا يەنە قاقىلدىدى .
خۇدايارخان بوۋاي ئاخىرقى نەپىسىنى يىغىپ « جۈپ-تاق، جۈپ-تاق» دەپ سانىدى -دە، قېتىپ قالغان قوللىرى ساڭگىلاپ ، كوسا ئىڭەكلىرى چۈشۈپ قالدى ...
  2012-يىلى ئاقتۇ     


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 909
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:49:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، قەلەم قۇۋىتىڭىزمۇ ياخشى ئىكەن .

سىز چوڭلاردىن ئاڭلىغانمۇ ئاڭلىمىغانمۇ بىلمىدىم ، لېكىن چوڭلارنىڭ تۇپراق بېشىنى ھەر پەيشەنبە كۈنى يوقلاپ تۇرماق لازىم . شۇڭا مىش پىش دېگەن گەپلىرىڭىزنى نېرى ئاپىرىڭ ، ما مۇنبەرگە ياشلارمۇ كىرىدۇ ، ئەتە ئۆگۈن ئاتا ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە چىقماي بۇ خۇراپىيلىق دەپ تۇرىۋالمىسۇن . پەرزەنتنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ئاتا ئانىسىنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش . شۇڭا ھېكايە بولسىمۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بۇرمىلىمايلى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-16 01:51 AM  


پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2334
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2677 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:57:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە ناھايىتتى ياخشى يىزىلىپتۇ ، بىرىگە ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ غىمنى قىلىپ يۈرۈيدىغانلىقى تەسۋىرلەنسە يەنە بىرگە خۇراپاتلىق نادانلىقنى ياخشى قامچىلاپتۇ ، ياخشىراق تۈزۈتۈلۈپ گىزىت ژورناللارغا ئەۋەتىپ باقسا بولىدىكەن.

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16638
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 05:01:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇراپاتلىق گۇناھنى شىركنى تاپسا مىھرىبانلىق غەم ئۇنى يۇيالمايدۇ

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86150
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 11:22:54 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yakxi hikayikan

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8007
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 2919 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 11:57:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىچچارە بوۋاي

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

مەڭگۈ تىرىشىمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88380
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 12:21:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايە يامان ئەمەس چىقىپتۇ، لېكىن ھېكايىدە ئىنتايىن بىدئەت ئىشلار سۆزلىنىپتۇ

ئۈمۈتلىك كىشىلەر ئاپەت ئىچىدىن پۇرسەتنى تاپالايدۇ،
ئۈمۈتسىز كىشىلەر پۇرسەت ئىچىدىن ئاپەتنى تاپىدۇ،

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13732
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5279 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 02:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەن ، لېكىن ئېنىق يادىمغا ئالالمىدىم . بىراق كۆرگىنىم ئېنىق !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62511
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3485
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 06:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەرى بىدئەت بولىدۇ . سىز يىڭى زاماننىڭ ئاكتىپ شۇئارچىلىرىدىن ئوخشايسىز ھە!

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 07:01:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىكايىڭىز ياخشى يىزلىپتۇ ، ئەمما تۇقارقىلار ئىيىتقاندەك بەزى تەرەپلەردىن دىققەت قىلسىڭىز بولغىدەك ...

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش