مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3228|ئىنكاس: 5

يېڭى ئوتتۇرا شەرقتىكى يېڭى مەسىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 760
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 22910
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7606 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 09:57:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېڭى ئوتتۇرا شەرقتىكى يېڭى مەسىلە

ئاپتورى: جېشكا فىچېر (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)

20121124131626709734_20[1].jpg

ئالدىنقى ئايدا، غەززە (گازا) دە دۈشمەنلىشىش پارتلاپ، كونا ھېكايە يەنە ئۆزىنى نۇسخىلاشقا باشلىدى. دۇنيا  ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئارىسىدىكى ئاخىرى چىقماس قانلىق توقۇنۇشنىڭ شىددەت بىلەن ئاشقانلىقىنى قايتا كۆردى، ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىككى تەرەپنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان گۇناھسىز پۇقرالىرى بولدى.

ئەمما، بۇ قېتىم ئەھۋال قارىماققا ئۇنچە ئاددىي ئەمەس، چۈنكى ئوتتۇرا شەرقتە ئۆتكەن ئىككى يىلدا مۇھىم ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى. ئاۋارىچىلىققا تولغان بۇ رايوندىكى سىياسىي تەۋرىنىش پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىن پارس قولتۇقى ۋە رايونلۇق زومىگەرلىك تالىشىشقا بۇرۇلدى، بۇ تالىشىشنىڭ بىر تەرىپىدە ئىران، يەنە بىر تەرەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە ھازىرقى مىسىر بار. مەزكۇر رايوندا يېڭىدىن پەيدا بولغان سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپى كۈچلىرى كۈرىشىدە، كونا ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشى بولغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كۈچلەر كۈرىشىدىكى ھەل قىلغۇچ توقۇنۇش بولسا سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئارىلاشتى، چۈنكى بۇ رايونلۇق رەھبەرلىك ھوقۇقى تەۋەلىكىگە ئالاقىدار كۈرەش. ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئاساد ھەمدە ئالاۋى مەزھىپى/شىئە مەزھىپى كۈچلىرىنىڭ ئاساسى سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بۇ دۆلەتنى مۇكەممەل كونترول قىلىشقا ئامالسىز. بىردىنبىر مەسىلە بەشار ئاسادنىڭ قاچان غۇلاپ چۈشىشىدۇر.

بەشار ئاسادنىڭ غۇلاپ چۈشىشى ئىرانغا ئېغىر زەربە بولىدۇ،  بۇ ئىراننىڭ ئاساسلىق ئەرەب ئىتتىپاقدىشىنىڭ غۇلاپ چۈشىشىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، ھەم باشقا بىر ۋاكالەتچىسى لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قاتتىق ئاجىزلىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر قايسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى سۇرىيەدە ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئەرەب ئويغىنىشى» ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پەيدا قىلغىنىدەك ياكى پەيدا قىلىدىغان ۋەزىيەتكە ئوخشاش بولىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيانقى سۈننىي ئىسلام مەزھىپىدىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ پۈتكۈل رايوندا قەد كۆتۈرۈشى زىددىيەتلىك نەتىجە پەيدا قىلىدۇ. ئىراننىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ھالسىزلىنىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئەمما ئىسرائىلىيەمۇ سۈننىي مەزھىپىدىكى ئىسلام كۈچلىرىنىڭ قاتمۇ-قات قورشاۋىدا قالىدۇ، بۇ خاماسنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچىيىشىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ تۇغۇندى تەشكىلاتلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى دەھرىي ئەرەب مىللەتچىلىكى ۋە بۇنى قوللايدىغان كۈچ ھەربىي مۇستەبىتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىنى بەدەل قىلغان. شۇڭا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئەمەلىيەتتىمۇ پەلەستىننىڭ ئىچكى ھوقۇق كۈرىشىنى بەلگىلىمەكتە. يېقىنقى غەززە ئۇرۇشىدا، پەلەستىن دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتى خاماسنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيۇشتى. پەلەستىن ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ پرېزىدېنتى ئابباس ھەمدە فاتاخ پارتىيىسى ئۇلار بىلەن قارشىلىشىشقا ئامالسىز، بولۇپمۇ بىر يىل ئىلگىرى خاماس بىلەن ئىراننىڭ ئادا-جۇدا بولۇشىنى ئويلاشقاندا تېخىمۇ شۇنداق (گەرچە يەنىلا كەڭ كۆلەملىك قورال-ياراق سودىسى قىلىۋاتقان بولسىمۇ).

ئۇنداق تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئېھتىمال ئىككى دۆلەت لاھىيىسىنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، چۈنكى مەيلى ئىسرائىلىيە ياكى خاماس ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بولسۇن، ھەممىسى بۇ سەۋەبلىك پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. خاماس ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى زېمىن مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلدى، چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەلەستىن دۆلىتى پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

                        free[1].jpg

بۇ ئېنىقكى بىر ئىستراتېگىيە مەيدانى ئەمەس ھەم سىياسىي ساددىلىق ئەمەس. ئەكسىچە، زېمىن مەسىلىسى دىن مەسىلىسىگە ئۆزگىرىپ كېتىپ، بۇ توقۇنۇشنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى.

خاماس ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلماقتا. پەقەت ئەمەلىي كۈچى ئۆزىنىڭ نىشانىنى تاماملاشقا يېتەرلىك ئەمەس، خاماسنىڭ قاتتىق پوزىتسىيىسى ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ھەتتا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشنى چەتكە قاقمايدۇ، پەقەت بۇ خىلدىكى كېلىشىملەر ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىغا پايدىلىق. ئەمما بۇ خىلدىكى كېلىشىملەر پەقەت ئۇزۇن ياكى قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، توقۇنۇشنى ئومۇميۈزلۈك ياراشتۇرۇش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئامالسىز.

پەلەستىننىڭ يېقىندا ب د ت يىغىنىدىكى غەلبىسى پەلەستىننىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشىشى بۇ ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پەلەستىننىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئىسرائىلىيەنىڭ دېپلوماتىيە مەغلۇبىيىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھوشيار تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ بۇ ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارادا بارغانسېرى تەنھا قېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت لاھىيىسىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

زىددىيەتلىك بولغىنى، خاماسنىڭ مەيدانى ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي ئوڭچىللىرىغا ماس كەلمەكتە، چۈنكى ئۇلارمۇ ئىككى دۆلەت لاھىيىسىنى كەمسىتمەيدۇ. ئىسرائىلىيە سولچىللىرى (بۇ خىلدىكى كىشىلەر كۆپ ئەمەس) ۋە فاتاخ ئىككى دۆلەت لاھىيىسىنى ساقلاپ قېلىشتا يېتەرلىك ماغدۇرى يوق. ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى يوقىتىپ قويغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى فېدراتسىيە تاللاش ھوقۇقىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككى دۆلەت ھالىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇقىرى خەۋپ-خەتەردىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ پەقەت بىر ئېھتىماللىق خالاس.

ئەمەلىيەتتە، بەشار ئاساد ھاكىمىيىتى غۇلاپ چۈشكەندىن كېيىن، ئىئوردانىيە كېلەركى قىزىق نۇقتىلىق كىرزىس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئىئوردانىيە «ھەقىقىي» پەلەستىن دۆلىتى ئىكەنلىكىگە ئالاقىدا تالاش-تارتىش قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئولتۇراق ئۆي نۇقتىسى سىياسىتى بۇ سەۋەبلىك ئوخشىمىغان ئاساسقا ئېرىشىدۇ، يېڭى سىياسىي مۇھىملىققا ئىگە بولىدۇ. مەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى فېدراتسىيىسىنى يولغا قويغىلى بولىدىغان تاللاش دەپ قارىمايمەن، ئەمما بۇ ئېھتىماللىق ئىككى دۆلەت لاھىيىسىنىڭ جەسەت ساندۇقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مىخ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

سۇرىيەدىن سىرت، ئىككى چوڭ مەسىلە يېڭى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ: مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىسىرنىڭ يولى ھەمدە ئىران يادرو پىلانى ۋە رايونلۇق پېرسۇناژلىق قەستىدە بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى.

مىسىر مەسىلىسى ئاللىقاچان ئەۋجىگە چىقتى؛ ئەمەلىيەتتە، پرېزىدېنت مۇھەممەد مورسىنىڭ زوراۋانسىز سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، مىسىر خەلقى يەنە كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلدى. مۇھەممەد مورسىنىڭ تاللىغان پەيتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ: غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىپ خەلقئارالىق ئالقىشقا ئېرىشكەن كۈنى، ئۇ گۆدەك ھالەتتىكى مىسىر دېموكراتىيىسىگە ئۇدۇل ھۇجۇم قىلدى.

ھازىرقى مەسىلە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى كوچىلاردا ۋە مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇنىدا (كۆپ قىسىمى يېزىلىپ بولغان) غەلبە قىلىش قىلالماسلىقىدۇر. ئەگەر ئۇلار غەلبە قىلسا، غەرب «مۇقىملىق» نامىدا مىسىر دېموكراتىيىسىنى قوللاشنى توختىتامدۇ يوق؟ بۇ بىر چوڭ خاتالىق.

ئىران يادرو مەسىلىسىگە قانداق يۈزلىنىش مەسىلىسىنىمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما  2013-يىلى 1-ئايدا قايتىدىن باشلايدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيە چوڭ سايلىمىدىن كېيىن كۈچلۈك تەررىزدە ئەسلىگە كېلىدۇ، نەچچە ئاي ئىچىدە جاۋابىنى بېرىدۇ.

يېڭى ئوتتۇرا شەرق كېلەر يىل ئۈچۈن يامانلىقنىڭ بىشارىتىنى بەردى. ئەمما بىر نەرسە تېخى ئۆزگەرمىدى: ئۇ بولسىمۇ ئوتتۇرا شەرق، سەن بۇلۇڭ-پۇچقاقتا نېمە ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە مەڭگۈ ئامالسىز.

مەنبە: ئاپتور جېشكا فىچېر گېرمانىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە دېپلوماتىيە مىنىستىرى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
قارلۇق + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10612
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:50:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىۋاندا مەن ئولتۇراي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18147
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 02:22:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يازايمۇ يا

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18147
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 02:22:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يازايمۇ يا

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86150
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 10:54:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alla musulman laga yulaktur,

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4355
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 517 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 02:31:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ پەلەستىن- ئىسرائىليە مەسلىسى يىقىنىقى يىللاردا ئۇتتۇرا شەرق سىياسى مۇنبىرىدىكى قىززىق نۇقتا بولماي قالدى. ئارقا - ئارقىدىن بۇلىۋاتقان ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي داۋالغۇشلار ئالدىدا پەلەستىن -ئىسرائىليە مەسلىسى كۆمۈلۈپ قالغىلى تۇرغاندەك ئىدى. فاتاخنىڭ كۈچى ئاجىزلاشتى. ئەمما خاماسنىڭ يۇلى گويا بارسا كەلمەس يولدەك ئاخىرى قانداق بۇلۇشىنى بىلىگىلى بولمايدۇ. سۈرىيە مەسلىسى كۆپ قىسىم كىشلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك تىز ھەل بولماي قالدى. بۇ قانداقتۇ ئىران يادرو مەسلىسىدەك بىر ھالەتنى شەكىللەندۇرگەندەك قىلىدۇ. ئىسلام ئەرەب دۇنياسىدىكى مەزھەپ مەنپەئەتى يەنە ئۆزىنى نامايان قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە بولغان قېرىنداشلىق مېھرىدىن كۆرە قەدىرلىك بولغاندەك قىلىدۇ.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش