|
|
|
|
شائېر،تىل ئۇستىسى مۇھەممەت رەھىم ھاياتى پائالىيەتلىرىدىن دوكلات ئاڭلاش يىغىنى 2012 -يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى خەلقئارا بىنانىڭ 4-قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلدى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنستېتۇتى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنستېتۇتى ماگىستېر ئاسپرانتلىرى، مەكتەپ ئىچى –سىرتىدىن كەلگەن ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرىدىن بولۇپ قىرىققا يېقىن ئادەم يىغىنغا قاتناشتى،يىغىن ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى،شائېر،تىل ئۇستىسى مۇھەممەت رەھىم ئۆزىنىڭ 86يىللىق جەڭگىۋار ھايات تارىخى، ئەدەبىي ئىجادىيەت،تەتقىقات مۇساپىسى، ھايات ،ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى قاتارلىق مەسىللەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا دوكلات بەردى ۋە ئاڭلىغۇچىلار بىلەن كەڭ-كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردى، يىغىن ئاخىرىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، تەتقىقاتچى، پىروفىسور ئازات سۇلتان شائىر،تىل ئۇستىسىمۇھەممەت رەھىم ئىجادىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ شائېرنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ،قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستېتوتى 2012-يىللىق ماگىستېر ئاسپرانتلىرى شائېر مۇھەممەت رەھىمگە تون كەيگۈزدى،
شائېر دوكلات بەرمەكتە.
پىروفىسور ئازات سۇلتان شائېرنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
ئەستايىدىل دوكلات ئاڭلاۋاتقان ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرى
شائىر، تىل ئۇستىسى مۇھەممەت رەھىمگە تون كىيگۈزۈلدى.
قىممەتلىك مىنۇتلار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-15 07:39 PM
|
|
|
|
|
|