ئەركەك بولساڭ ئەردەك ياشىغىن
ئەزىزلىسە سېنى بىر جانان،
بىلەلمىدىڭ قەدرىنى سەن قىل.
لەززەت ئالدىڭ ئالداپ روھىنى،
بىراۋلارغا تەڭ بەردىڭ كۆڭۈل.
شەھۋەتلىرىڭ قوزغالغان دەرقەم،
ئەسكە ئالدىڭ ئۆزگە جاناننى.
پايدىلىنىش قورال قىلدىڭ
ئويۇن كۆرۈپ ئۆتتۇڭ ھەممىنى،
يىگىتلىكىڭ ئىسىڭدىن چىقىپ،
نىشان قىلدىڭ «ئايپاتەم »لەرنى.
«خۇتۇن » ئىتىپ پۇلىنى خەجلەپ،
يوقاتتىڭغۇ ئەرلىك غۇرۇرنى.
ئاپام ئاغرىق دىدىڭ ئاھ ئۇرۇپ،
تۈمەن بەردى ئاخماق ئالدىنىپ.
ئاھ جانانىم سىڭلىم بالنىستا،
دەيتتىڭ يەنە قىلدەك تولغىنىپ.
بۇ ئالەمنىڭ سورىقى بارغۇ،
سەن ھەم بىزنىڭ ئىگىمىز بارغۇ.
كىمگە قىلساڭ قايتار ئۆزۈڭگە،
بۈگۈن ماڭا ئەتە ساڭىمۇ.
ئاگاھ بولغىن قىلمىشلىرىڭدىن،
ئەركەك بولساڭ ئەردەك ياشىغىن،
ئاچا سىڭىل ئاناڭ نى ئويلا،
ئۇلارنىمۇ ئالداپ سالمىغىن .
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى قەدىردانلار .كەمىنە كىپىنەكتىن ھەرقايسىڭلارغا ئوتلۇق سالام .تىزىملىتىپ كىرىپلا بۇ شېئىرنى بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بۇيىنچە يېزىپ يوللىدىم . ئۇ دوستۇمنىڭ ئارزۇسى :يېقىندا بەكمۇ ئاۋۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇ يۇسۇندىكى ئىشلارغا قامچا بولسۇن دىگەن ئۈمۈدى بار ئىكەن .ھەممە ئاچا سىڭىللارنىڭ ئەقىل بىلەن ئىش كۆرىشىنى ،ئۈزىگە ھەرۋاقىت ئاگاھ بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىدىكەن .ھەمدە ئۇغۇللىرىمىزغا ئىنساپ تىلىمەكچى ئىكەن .
قالايمىغان ئارتۇقچە ئىنكاسلاردىن ساقلانساق دىگەن ئۈمۈدۈم بار .مۇشۇنى يېزىۋېتىپمۇ سەل جىددىلەشتىم .بىرەسىگە تىگىپ كىتىپ ئۇرۇشۇپ كىتەرمۇ دەپ....ئۈزىدە بار كىشى ئالسۇن يوقلارغا ئىبرەت بولسىكەن دەيمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-15 08:22 PM