«ۋاقىتسىز ئۆچكەن يۇلتۇز» تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
( بۇ فىلىمنى شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى 1991-يىلى ئىشلىگەن.) ئاساسلىق روللاردا: پەرھات- ئابلىكىم قازى. قىز ساۋاقدىشى-ئارزۇگۈل مۆمىن فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: غۇلجا ناھىيىسىدىن شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى-پەرھات سەيدالىم كىچىگىدىنلا ئىرادىلىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بىر كۈنى مەكتەپتە دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن سىرىتقا چىقىۋىتىپ، توساتتىن مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى چوڭ ئۆستەڭدىكى سۇدا بىرسىنىڭ:«قۇتقۇزۇڭلار!»دەپ ۋاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ قارىسا سۇدا بىرسىنىڭ بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ-دە، ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن ئۆستەڭدىكى سۇغا سەكرەپ چۈشىدۇ. ئۆستەڭنىڭ سۈيى تىيىز بولغاچقا بۇ ئىككى كىشىنى سۇ ئېقىتىپ، بىر قاينامغا ئېقىتىپ كىرىدۇ. پەرھات پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، بۇ خەنزۇ كىشىنى سۇدىن قىرغاققا چىقىرىپ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ،ئەمما پەرھات قاتتىق ھالسىزلىنىپ كەتكەچكە، قاينام سۇ ئۇنى يۈتۈپ كېتىدۇ.باتۇر ئوغلان پەرھات خەنزۇ يولداشنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مەكتەپ تەشكىلى ۋە يۇقۇرى دەرجىلىك رەھبىرى ئورگانلار پەرھاتقا:« ئىنقىلاۋىي قۇربان» دەپ شەرەپلىك نام بېرىدۇ.ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ شۇجىسى-سوڭ خەنلىياڭ پەرھاتنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا يۇقۇرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭغا «ۋاقىتسىز ساقىغان يۇلتۇز»دەپ بېغىشلىما يېزىپ بېرىدۇ. بۇ فىلىم 1991-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ،فىلىمدە پەرھاتنىڭ رولىنى ئالغان ئاكتىيۇر-ئابلىكىم قازى پەرھاتنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى يارقىن ئىپادىلەپ، تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن. فىلىمنىڭ ۋەقەلىگىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرشەلەيدۇ. ياش ئاكتىيۇر-ئابلىكىم قازى ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك رادىيۇ-كىنو-تىلۋىزىيە ئىدارىسى تەرجىمە بۆلۈمىدە ئاۋاز رىژىسۇرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-15 05:31 PM
|