بالىلىققا شۇڭغىغان ھىسلار
گەپنى نەدىن باشلاشنىمۇ ئۇقالماي قالدىم ، تۇيغۇلىرىم ئاللىقاياقلارغىدۇر تەلپۈنمەكتە ،خىيالغا تولغان ھىسلىرىم شەپىسىزلا تەلپۈنۈشلەر ئىچىدىن خوشاللىق تېپىشقا ئۇرۇنماقتا ،مانا خىيال دەرىزىسىنىڭ روجىكىنى كەڭرى ئېچىۋەتتىم ، ئەنە ،ئاۋۇ بالا مەن شۇ قولىدا ياغاچ تاپانچا شوخلۇق بىلەن تاقلاپ ئەس-يادىنى ئۇنۇتقان كىيىملىرى توپا ، تولىمۇ شادىمان كۆرۈنگەن شۇ بالا دەل مەن شۇ ،مەن ئۆز جىسمىمنى يەنە ئاشۇ غەمسىز مەۋجۇتلۇقۇمغا سىڭدۈرۈشكە باشلىدىم.......
-كېلە ،ئاداش ئوغرى ساقچى ئوينايمىز .
-مەن ئوغرى بولىمەن !
-مەن ساقچى...
-ئاپام ماڭا ئوغرى دېگەن ئەسكى ئادەم دېگەن .
-ئىشقىلىپ مەن ئوغرى بولىمەن.
نىمىشقىكىن ئۆزەمنىڭ ئوغىرى بولىدىغانلىقىمنى ئۇلارغا ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيتىم ، باشقىلارمۇ مېنىڭ نىمىشقا ئوغرى بولۇشقا ئامراقلىقىمغا ھەيران قالاتتى، ئەلۋەتتە ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزەملا چۈشىنەتتىم .
قانچە ياش ۋاقىتلىرىمكى تاڭ ، بىر چاغلاردا (شەيتان بىلەن ساقچى)دېگەن كىنو كەڭ كۆلەمدە قۇيۇلغان چاغلاردا ،نۇرغۇن كىنو مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ، بەلكىم سىزمۇ شۇ چاغلاردا مۇشۇ كىنونىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بولىشىڭىز مۇمكىن ، شەخسەن مەن بۇ كىنوغا بەك ئامراقتىم ، ئەلۋەتتە كىنودىكى ئىككى ياشنىڭ مۇھاببەت سەزگۈزەشتىلىرى ئەمەس بەلكى شەيتاننىڭ ساقچىنى تولىمۇ ئاخماق قىلغان ۋەقەلىكلىرى مېنى ئىختىيارسىز كىنونىڭ قاينىمىغا باشلاپ ئەكىرەتتى، شۇ كىنونى كۆرگەندىن باشلاپ نىمىشقىكىن ئاشۇداق قاچقۇن بولۇش خىيالىغىمۇ كېلىپ قالغانلىقىم ھېلىمۇھەم تۇللۇق ئىسىمدە، قىزىق !ئادەم گۆدەك ۋاقتىدا نىمىلەرنى خىيال قىلمايدۇ ھە ، ئەمما بۇ ئويۇم بالىلار بىلەن ئوغرى-ساقچى بۇلۇپ ئويناش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشاتتى ، بالىلار كۈندە ،ئاق تاش، كۆك تاش.....دەپ ئۇيۇنغا چىللىغىنىدا تىقىپ قويغان يەردىن كىتاپنىڭ ۋاراقلىرى بىلەن ياسالغان تاپانچامنى ئالاتتىم دە،كۆرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈرۈپ كېتەتتىم ، شۇ چاغلاردا ئوغرى-ساقچى ئويناش مەھەللىمىزدىكى بالىلار ئالدىدا بىر خىل ئومۇملىشىپ قالغان ئىدى، ئەمما مەن بىلەن بىرگە ئوغرى بولىدىغان پەقەت ئۈچ-تۆتلا بالا يا چىقاتتى يا چىقمايتى .بىردەملىك ۋاراڭ چۈرۈڭدىن كېيىن بىز ئۇيۇننى باشلىۋېتەتتۇق ، بىز ئۆزىمىز ئاتالمىش تۇرمە دەپ ئاتىۋالغان يەردىن ئوغىرلىقچە قاچاتتۇق، خۇددى كىنوغا ئوخشاشلا بىرەسىمىز پالاكەتلىك قىلىپ قاچقانلىقىمىزنى ساقچىلارغا سەزدۈرۈپ قوياتتۇقدە ، قاچە دەپ ۋارقىرىغىنىمىزچە بىر يۆلىنىشكە جېنىمىزنىڭ بارىچە قاچاتتۇق ،بىزنىڭ يوقلىقىمىزنى سېزىپ قالغان ساقچىلار قوراللىرىنى دەرھال ئېلىپلا ئېغىزلىرىدا ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىنى دوراپ بىزنى قوغلاپ كېتەتتى، قاچە-قاچ بىركەمدە قارىساق كۆزىمىزيەتكۈدەك جايدا ساقچىلار بىزنى قوغلاۋاتقان ،كۈنگە قارىساق ئاللىقاچان قايرىلىپ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالاتتى ھاسىراپ ھۆمۈدەپ ھېرىپ قالساقمۇ پالاقشىپ ئۇلارغا تۇتۇق بەرمەسلىككە تىرىشاتتۇق، ساقچىلارمۇ ئۇيۇننىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىزنى تاكى تۇتقىچە قوغلاشقا تىرىشاتتى ، ئاشۇنداق قېچىشلار ئارقىلىق ئاخىرى ھەر ئىككى تەرەپ بولالمىغان چاغلاردا ئوينىماسلىققا دېيىشىپ بىز ئۇلارغا تەسلىم بولاتتۇق ، ئۇلار قولىدىكى تاپانچىسىنى تاشلايتىدە ھەممىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ مۈرىسىگە ئېسىلىشىپ ئۆيگە شادىمان قايتاتتۇق،شۇ چاغلارنى ئويلىسا نېمىدىگەن بەخىتلىك چاغلار ھە!...
كۈنلىرىمىز شۇ ئۇيۇنلار بىلەن شۇنداق خوشال ئۆتمەكتە ، كىنوچىلىقتىمۇ بارا-بارا ئۆزگىرىش بولىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ ئوغرى-ساقچى ئۇيۇنىمىزغا بولغان سەزگۈرلىكىمىزمۇ ئاشتى، قايسى بىر چاغلاردا ئامىرىكىنىڭ نادىر بىر تېلىۋىزىيە فىلىمى (5-باشقارما ھەرىكەتتە) دېگەن فىلىمنىڭ قۇيۇلۇشى بىزنىڭ ئۇيۇنىمىزغا يېڭىچە تۈس قوشتى، ھەممىمىز قۇلىمىزدا راست تاپانچىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇلايتۇق، ھا!ھا!ھا! نىمىدىگەن گۆدەكلىك بۇ، كىيىنچە بۇنىڭغىمۇ ئامال تاپتۇق ، ئۇيۇنچۇق تاپانچىلار ئۇيۇنىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى، ئۆزىمىز ياغاچ، پاخپاخ ،قەغەز...قاتارلىق نەرسىلەردىن ياسىۋالغان تاپانچىلىرىمىز، تەيپىنەمنىڭ زامانىدىكى قوراللارغا ئايلىنىپ قالغانىدى .مېنىڭ قارىشىمدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ ئەمدى ساقچىلار تەرەپتارى بولۇپ ئويناشقا ئامراقتىم ، ئۇيۇننىڭ چىنلىقىنى بىر دېمەيسىز ، بۇرۇنقىدەك قوغلاپ تۇتۇشلار مودىدىن قالغان ، تاپانچىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزنى سۇقۇپ ئوينايتۇق ، بېشىمىز تەرەپتىن تۆۋەن تەرەپكە ئېتىشىپ ، كىنودىكىدەك ، ئۆلىدىغان يىرىگە تەگسە بىزمۇ ئۆلەتتۇق ، ئادەتتىكى يەرگە ئىككى قېتىم تەگسە ئۆلگەن بۇلەتتۇق، كىنودىكى دىلولارغا تەقلىد قىلىپ ۋەقەلىك ياساپ ئۆزىمىزنى شۇ كىنودىكى كىشىلەردەك ھىس قىلاتتۇق ،مۇشۇ ئۇيۇننى ئويناپ يەپ كەتكەن ئوقلىرىم ، بەدەنلىرىمىزنى ئىشىتىپ قۇياتتى، لېكىن ئۇيۇن بىلەن بوپ كىتىپ بۇنداق ئاغرىشلار خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايتى ،مانا چوڭمۇ بولدۇق ، بالىلىقتىكى خوشاللىق ،شۇ سەبىي چاغلىرىمىز توزۇم كەتكەن مامكاپتەكلا يۇقىلىشقا باشلىدى ، مەكتەپتە ئۇقۇپ ئەقىل تاپتۇق ، ھەر قېتىم بالىقنى ئەسلەش دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغىنىمدا يەنە ئىختىيارسىز ئاشۇ بەخىتلىك چاغلارغا ئۇچۇپ كېتىمەن ، گەرچە بىز شورىلاردىن قاچمىغان ،تالنى ئات قىلىپ مىنمىگەن بولساقمۇ لېكىن مەكتەپتىن ئارتىلىپ قېچىشلىرىمىز، دوسلۇق مېھرى قاتارلىقلار ئىختىيارسز كۆز ئالدىمدىن غەلەت قىلىپ ئۆتۈپ كېتەتتى .مانا قېچىش دېگەن گەپ قىستۇرۇلۇپ قالدى، شۇ تاپتا مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلەمسىز ، توساتتىنلا كاللامدا تۈرمىدىن قېچىش دېگەن كىنو كەپقالدى، شۇ كىنونى كۆرگەندە شۇنداق ھاياجان بىلەن كۆرگەنلىكىم ئېسمدە، چۈنكى مەن تۈرمىدىن قېچىپ باقمىغان بىلەن مەكتەپتىن قېچىپ باققان ئەمەسمۇ ؟
قىسقىسى بالىلىقنى ئەسلىسەم ، شۇ خۇشلۇقنى ئەسلەپ -ئەسلەپ تويمايمەن ، مەن شۇنداق ئويلايمەن ،بالىلىقىم ماڭا ھەمرا ، ئەتراپىمدىكى ھەربىر شەيئىدىن بالىلىقىمنىڭ ئىزناسىنى تاپالايمەن ،ئەنە ئېكراندىكى دول بىلەن بودى، شاكىر بىلەن شەيتان، مايكول سىكوفىيۇت قاتارلىقلار بالىلىقىمنىڭ ياشلىقىمدىكى ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟ ئېي بالىلىق چاغلار سەن ماڭا مەڭگۈ ھەمرا.
مەنبەسى:ئەپچىلەم