بەھرام گور پادىشاھلىقى(2)
بەھرام ئۇچقۇر تۇلپارىغا قامچا بېسىپ ئۇزۇن يوللارنى باستى.بىر توقايزارغا كەلگىنىدە ناگاھ جاڭگاللىقتىن ئىككى شىر چىقىپ كەلدى. شاھ قورقۇپ قاچماستىن ياكى تەمتىرەپ تۇرماستىن دەرھال كاماننى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوق سالدى ۋە ئوقنى ئۇلارغا قاراتتى.بىرىنچى ئوق چاقماق تېزلىكىدە ئۇچۇپ بېرىپ ئەركەك شىرنىڭ كۆكسىگە تېگىپ تاكى ئارقىسىغىچە ئىچكىرلەپ پاتتى.ئەمدى ئوۋلاش نۆۋىتى چىشى شىرغا كەلگەندە بەھرام ئۇنىڭغا قىلىچ ياكى ئوق ئىشلىتىپ يۈرمەستىن بەلكى بېلىدىكى شايى بەلبېغىنى يىشىپ بىرنەچچە قېتىم ئوينىتىش بىلەنلا ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلالمىغۇدەك چۈشەپ قويدى.
شاھ بىلەن ھەمراھ بولۇپ بىرگە ماڭغانلار بۇ كارامەتكە يەنە بىر قېتىم ھەيران بولۇشتى.شاھ ئۇلارغا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ شىرنى تۇتۇشقا ئوق ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئېدى. قولۇمغا چىققىنى ئالدىدىكىسىدەك ئكتكۈر ئوق بولماستىن بەلكى ئۆتمەسرەك ئاددىي ئوق ئېدى.
ئەمەلدارلار شاھقا دەرھال ئاپىرىن ئوقۇشتى:
-ئەي شاھى زىمىن،نامىڭىز جاھاندەك ئۇلۇغ بولسۇن! تاكى بۇ تەختى-ئالەم پەيدا بولغاندىن تارتىپ بۇكەمگە قەدەر ئالەم خەلقى سىلىنى بېسىپ چۈشكىدەك باتۇر ھەم غەيۈر پادىشاھنى كۆرۈپ باققان ئەمەس.بايا ئۇچسىز ئوق بىلەنمۇ شىرنى غۇلاتتىڭىز.ئەگەر شەمشەر ئوينىتىدىغان بولسىڭىز ئۇنىڭ زەربىسى تاغنىمۇ يەنچىپ تاشلىغۇدەك.
شىر ئوۋى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەھرام جاڭگاللىققا قاراپ ئات سۈرۈپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.سادىق لەشكەرلىرىمۇ ئاتلىرىنى سۈرۈپ، شاھ بىلەن يانمۇ-يان يۈرۈپ چۆلنى چاڭغا باستۇردى.
ئۇلار شۇنداق تېز يۈرۈپ قويلىرى ئەلۋەك بىر يايالاققا يېتىپ كەلدى.قوي بېقىۋاتقان بىر چوپان قۇراللىق بىر توپ ئادەمنىڭ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ سېلىپ قويغان ئايىقىنىمۇ كېيىشكە ئۈلگۈرمەي يالىڭاياق قېچىپ كەتتى.لېكىن چوپانلارنىڭ باشلىقى قاچمىدى.بەھرام ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ گەپ سورىدى:
-بۇ دەشت باياۋاندىكى توقايلىقتا ئۆي سېلىپ ماكان تۇتقان ۋە قوي بېقىۋاتقان كىشى كىم، ئۇ ھازىر نەدە؟
-ئايا،نامدار، بۇ قويلارنىڭ ھەممىسى زەرگەرنىڭ.مەن ئۆزۈم ئۇلارنى بېقىپ بېرىشنى ئىختىيار قىلغان،-دېدى چوپانلار باشلىقى جاۋاپ بېرىپ،-كېچە مەن ئۇلارنى تاغدىن بىمالال ھەيدەپ چۈشتۈم.خوجايىنىم بەدۆلەت،بۇ دەشتنى پىسەنتىگىمۇ ئىلمايدۇ.ئۇ شۇ قەدەر بايكى، مال- مۈلكى، زەر-كۈمۈشلىرى،ياقۇت،بىللۇر ۋە گۆھەرلىرى بىھېساپتۇر. ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتا بىرلا قىزى بار. ئۇ قاپقارا چاچلىرى بەلدە ئويناپ تۇرۇدىغان چاڭچى قىز. ئۇ ھەر كۈنى ئەشۇ گۈزەل قىزىنىڭ قولىدىن مەي-ھاراق ئىچىپ راھەت ئىچىدە ياشايدۇ.دۇنيا ھازىرغىچە بۇنىڭدىن ئارتۇق دۆلەتمەن قېرىنى كۆرۈپ باقمىغان.بۇمۇ ئۇنىڭ ئامىتى.ئەگەر شاھ بەھرام ئادالەتلىك بولمىغان بولسا ئۇمۇ بۇنچىۋالا بېيىيالمىغان،دۆلەتمەن بولۇپ نام چىقىرالمىغان بولاتتى.شاھىنشاھىمىز بايلىق ۋە زەرگە ئىنتىلمەيدۇ.ۋەزىر ۋۇزرالىرىغىمۇ شۇنداق تەلىم بېرىپ تۇرىدۇ.ئەي مېھمان سىلىدىن بىر ئىشنى سوراپ باقاي،بايا قانخور ئىككى شىر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن مەرد كىم؟ خۇدا ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن. تۇرمۇشىنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈپ زەررە دەرد قوندۇرمىسۇن.
-ئۇ شىرلار بىر باتۇرنىڭ ئككى ئوقى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى،-دېدى شاھ ئۆزى ئاتقانلىقىنى يوشۇرۇپ،-ئەي چوپان سەن بىزگە ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىنى كۆرسەت.بىز قاراڭغۇ چۈشۈپ ئۇنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىپ بولۇشتىن بۇرۇن بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈۋالايلى.
-مېنىڭ بىرگە بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.ئۆيى يېقىنلا يەردە.ئارغىمىقىڭىزنى تېز چاپتۇرۇپ ئۇدۇلغا بىردەملا ماڭسىڭىز كۆزىڭىزگە سۇلۇق بىر قىشلاق چېلىقىدۇ.ئۇ جاينىڭ نامى پۈتۈن يۇرت بويىچە مەشھۇر.ئايۋان سارىيىمۇ ھەممە ئۆيدىن باشقىچە پەرىقلىنىدۇ.يەنە بىر بەلگىسى شۇكى،شۇ ئەتراپقا بېرىپ ئوبدان قۇلاق سالساڭلار ئۇنىڭ ئۆيىدىن نەغمە-ناۋانىڭ يەنى چاڭنىڭ كىشىنى مەست قىلغۇدەك يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭغا قاراپ ئاسانلا تاپالايسىلەر.
شاھ بەھرام ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ۋەزىرى روزبېھنى لەشكەرلىرى بىلەن شۇ يايلاقتا قالدۇردى.ئۆزى بىلەن بىرگە بېرىشقا شاھانە كىيىنگەن خادىملار(ئەڭ يېقىن كىشىلىرى)دىن يەتتە كىشىنى تاللىۋېلىپ چوپان كۆرسەتكەن تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
شاھ ماڭغاندىن كېيىن رۇزبېھ بولغۇسى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېنىدىكىلەرگە دېدى:
-پەرىزىمچە ئىران شاھى زەرگەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى قاققاندا زەرگەر شۈبھىسىز ئىشىكنى ئاچىدۇ.كۆڭلىدە بارىنى ئېيتىپلا قالماي ئىلكىدە بارىنىمۇ ئايىمايدۇ.شاھىمىز ئۇنىڭدىن قىزىنى خوتۇنلۇققا سورىشى،بېشىنى تاج بىلەن ئورىشى مۈمكىن.شۇنىڭدىن كېيىن ھەرەمگە ئۇ گۈزەلنى باشلايدۇ.بەرزىننىڭ ئۆيىدىمۇ مەئىشەت سۈرىدۇ.شاھىمىز ئەيش-ئىشرەتكە زادىلا تويمىدى.تا تاڭ ئاتقانغا قەدەر يارنىڭ چېچىنى قويۇۋەتمىدى.ئۇنىڭ ھەرەملىرى يۈزدىن ئاشىدۇ. شاھ مۇنچىلىك ئاشىق بولۇپ خوتۇنلارغا بېرىلىپ كەتسە بەكمۇ ياماندۇر.بۇ خوتۇنلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزگىچە گۈزەل بولغاچقا شاھنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋېلىپ دۆلەت خەزىنىسىنى ۋە شاھنىڭ سالامەتلىكنى خورىتىدۇ.مۇشۇنداق بولىۋەرسە رۇمدىن چۈشكەن باج بىر ئايلىق خىراجىغىمۇ يەتمەيدۇ.بۇنچىۋالا قەددى –قامەت،قۇياش كەبى ھۆسنى كامالەت بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئىشقى مۇھەببەت دېڭىزىغا چۆكۈپ كېتىش تولىمۇ خەتەردۇر.قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ، كىم ئۇنىڭچىلىك زور پەھلىۋاننى،بىر ئوق بىلەن ئىككى قۇلاننى ئۆلتۈرگەن قەھرىماننى كۆرۈپ باققان؟ئەگەر ئۇ ئاياللار ئەيشىدىن ئادا بولمىسا بەدىنى بوشىشىپ تاختىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈزى سارغىيىدۇ،كۆزى ئولتۇرۇشۇپ،قاپىقى چوڭقۇرلايدۇ.كۆز نۇرى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ.خېىنملار خىيالىدىن ھەتتا چاچلىرىمۇ ئاقىرىپ كېتىدۇ.شۇندا چاچ ئېقى ئۇنى ئۈمىدسىز قىلىپ قويسا نىمە ئامال قىلىمىز؟ شەھۋەتخۇمارلىق شۇ قەدەر يامانكى، ئۇ ياش قامەتنىمۇ ئېگىۋېتىدۇ.كۈنلەر شۇ يوسۇندا ئۆتىۋەرسە ئاپەت باشلىنىدۇ.ئەسلى خوتۇن كىشىگە كۆپ يېقىنچىلىق قىلمىغان ياخشى.ئۇنىڭغا ئايدا پەقەت بىر قېتىملا يېقىنچىلىق قىلسا كۇپايە.ئۇندىن ئارتۇق بولۇپ كەتسە بالاسى تولا.ئەر خوتۇنچىلىق مۇناسىۋەت كۆڭۈل خوشلىقى ئۈچۈن ئەمەس ئەسلى نەسىل قالدۇرماق ئېھتىياجى ئۈچۈنلا يارالغان.ئەقىللىق كىشى بۇ خىل تەشۋىشتىن يىراق تۇرۇشى لازىم.بۇرۇنقىلارنىڭ مۇنداق ھېكمىتى بار:
كىمىكى بېرىلدى شەھۋەت تامان،
جىسمىدىن كېمىيىپ بارار ئىسىل قان.
بەھرام شاھ ئادەملىرى بىلەن قەسىرگە يېتىپ كەلگەن چاغدا تۈن ئاللىقاچان ئەتراپقا قاپقارا چېدىرىنى يېيىپ بولغان ئېدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن تېما ھازىر مۇشۇنچىلىك يوللاندى.داۋامىنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز كەچتە دىققىتىڭىز سەھىپىمىزدە بولسۇن.داۋامى ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ.ئەسلىدىكى تېمىغا ئىنكاس يازسا كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن داۋامى يېڭى تېما قىلىپ يوللاندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-15 08:03 PM