ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى:
2015–يىلىغىچە يېزىلاردىكى مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ
خالىدە ئوبۇل، پىراكتىكانت گۈلشەن ئازاد خەۋەر قىلىدۇ: 13 – دېكابىر چۈشتىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر خىزمىتى كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. يىغىندا ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلار ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ مېيىپلەر خىزمىتى كومىتېتى، ئىسلاھات – تەرەققىيات كومىتېتى قاتارلىق ئون ئورۇننىڭ <شىزاڭ ۋە شىنجاڭدىكى مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى››نى مۇزاكىرە قىلدى ھەم ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى( 2011 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› نى ماقۇللىدى.
پىلاندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2015 – يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى تۇرغۇزۇلىدۇ، نامرات رايونلاردىكى مېيىپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6500 يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ ياكى شۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلىرىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6000 يۈەنگە، بۇ رايونغا كىرمەيدىغان نۇقتىلىق ناھىيەلەردىكى مېيىپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6900 يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.
پىلاندا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2020 – يىلىغا بارغاندا، يېزىلاردىكى مېيىپلەرنىڭ داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، تەربىيەلىنىش، تۇرالغۇ ئۆي ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، يېزىلاردىكى مېيىپ كىشى بار ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت تۈرىنىڭ يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى قاپلاش نىسبىتى داۋاملىق ئاشۇرۇلىدۇ، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇشى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ۋە تارماقلار مېيىپلەر خىزمىتىنى ئۆز يېرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشى، ‹‹ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرى›› بىلەن ‹‹يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە، مېيىپلەر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغان يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى لازىم.
مەنبە: شىنجاڭ گىزىتى
جاي-جايلاردىكى مېيىپلار بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى مېيىپلار ئىدارىسى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىۋالسا ياخشى بولاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-15 03:14 PM