بۇ بىر يىقىنداراس بولغان ۋەقە،ھازىر بۇ ھىكايىدە زۆھرەنىڭ ئىچىنىشلىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن.ئۇ قىز بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز كىتىپ قالدى،مەن بۇنىڭغا بەكلا ئېچىنىمەن،ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىن مۇنچە بالدۇرلا كىتىپ قىلىشىنى راسلا خىيالىمغىمۇ كەلتۇرۇپ باقمىقان
پايپىقىمنى مۇشۇ يەرگە قۇيۇپ قويغان كۆردىڭىزما زۆھرە ؟
ياق،مەن نەدىن بىلەي ،قۇيۇپ قويغان يىرىنى ئۇقماي كۈندە مەندىن سورايدىكەن ،ئالدىراشلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ .
"ھە!نىمگە ۋارقىرايسەن ؟ تاياق يىگۈڭ كەلدىما قانجۇق"دەپ يۈگۈرۈپ كەلگەنچە زۆھرەنى ئىتتىردى ھەم كانىينى سىقتى .زۆھرە ئۆھۈ....ئۆھۈ...ئۆھۈ....دەپ قاتتىق يۆتىلىپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.قاپقارا قۇندۇزدەك كۆزلىرىدىن ياشلار مارجاندەك تۈكۈلدى. مانا بۇ توي قىلىپ 12-كۈنى دىگەندە بولغان ئىش .ئۇ تويدىن بۇرۇن ئۆز كۆڭلىدە ئۈزىنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ،ئادىلغا ياتلىق بۇلۇپ توغرا قىلدىم ،ئۇ مىنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلالايدۇ دەپ ئويلايتى.ئەمما كىممۇ ئويلىغان دەيسىز ،بارلىق كۈڭۈلسىزلىك مۇشۇ كۈندىن باشلاندى .
زۆھرە قاتتىق ئازاپلاندى ،ئۆمرىدە ئاتا-ئانىسىدىن بىر تەستەك يەپ باقمىغاچقىمىقىن ئۇنىڭغا بەك ئىغىر كەلدى .ئۇ يىقىلغان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ يىغلىغانچە چاپىننى كىيدى ،سومكىسىنى ئالدى ،-دە ئىشىككە قاراپ يۈگۈردى.
ئادىل:نەگە ماڭدىڭ؟ماڭە ناشتا قىلىمىز ."دەپ ئالدىنى توستى.
-"مەن ئىشقا ماڭمىسام بولمايدۇ ،ئۆزىڭىز ناشتا قىلىڭ،مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن"دىدى.
-ھە!يەنە تاياق يىگۈڭ بارئوخشىمامدۇ؟ئەمدى سەن مىنىڭكى بۇلۇپ بولدۇڭ،بۇرۇنقى ھاكاۋۇرلۇقىنى كۆتۈر ئەمدى،مەن نىمىنى قىل دىسەم شۇنى قىلسەن ،بولمىسا كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسەن.
زۆھرە ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيتى،ئۇنى سۆيگەن شۇنچە كۈيۈمچان ئادىلنىڭ بىردىنلا شۇنچە ياۋۇز،قورقۇنۇشلىق بۇلۇپ كەتكەنلىكىگە.
-نىمىگە گۆشىيىپ تۇرسە؟ماڭە تەييارلىغان ناشتىلىقنى ئەكەل!
زۆھرەنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىتىرەيتى،ئۇ سۇۋۇپ كەتكەن ناشتىلىقنى يەنە ئىسىتىپ ئىلىپ كەلدى،ئۆزى بىرپىيالە چاينى قۇرۇق_قۇرۇق ئىچىپلا ،چاچلىرىنى ئاندا-مۇندا تۇزەشتۇرۇپ ،كۆزلىرىنى سۇرتۇپ ئىشقا مىڭىشقا تەمشىلۋىدى ئادىل يەنە:"ھە ،يىغلىما ،ئوبدان ئىشلە جۇمۇ!"دىدى قوپالراق تەلەپپۇزدا.
زۆھرەنىڭ يۈرۈگى جىغغىدە قىپ قالدى،چۇنكى ئادىلنىڭ بۇ گىپىنىڭ ئىچىدە گەپ باردەك قىلاتتى.
ئۇ گەپمۇ قىلماي پالاقلىقانچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى،لىكىن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلانغان،ئۆزىنى خۇددى ئوت ئىچىدە قاپسىلىپ قالغاندك ،نەپسى سىقىلىپ،كۆزلىرىدىن ياشلار سرغىماقتا.ئۇ ئويلىماي دىسىمۇ كاللىسىدىن چىقىرۋىتەلمەيتى.ئۇ ئاستا يول ياقىسىدىكى ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇردى، ئۇنىڭ خىيالى بىردىنلا ئاشۇ گۈزەل ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى ئۇنتۇلماس ئەسلىملەردە.
داۋامى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-15 03:09 PM