|
|
|
|
ھۆكۈمەت تەرەپ نىمە ئۈچۈن تاشقى پىلانت مەدەنىيىتىگە ئائىت ئاخباراتلارنى مەخپى تۇتىدۇ؟
تاشقى پىلانت مەدەنىيىتى دېگىنىمىز يەرشارىدىن باشقا پىلانتلاردىكى ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە جانلىقلارياراتقان مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىز ياشاۋاتقان يەرشارىدىن باشقا سەييارە پىلانتلاردىمۇ ھەقىقەتەن ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە جانلىق مەۋجۈتمۇ؟مەۋجۇت بولسا ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەت يە قېلىپ رشارىغا يىتىپ كېلەلىگەنمۇ؟ بۇ تا ھازىرغىچە ئېنىق ئەمىلى پاكىتلار بىلەن دەللىللىنىپ بولالمىغان ئەھۋالدۇر.تاشقى پىلانت ئادىمى ۋە مەدەنىيىتى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خىيالى ئويدۇرما ياكى پەرەز ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بارلىققا كەلگەن فانتازىيە ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ
بۇندىن تەخمىنەن 150يىللار ئىلگىرى كىشىلەر ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىش،بىرقىسىم يەشمەك قىيىن بولغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى تەتقىق جەريانىدا خىلمۇ - خىل پەرەزلەرنى قىلىش ئارقىلىق تار دائىرىلىك تاشقى پىلانت مەدەنىيىتى نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويغان.
دەرۋەقە، تۇنجى بولۇپ1897-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سةھةردة ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ ئاۋلورا بازىرىدا يۈز بەرگەن نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ شامال چاقپىلىكىگە سوقۇلۇپ پاچاقلىنپ كەتكەنلىكىدەك ۋەقەنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ تاشقى پىلانت ئادىمى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى. لېكىن ئۇچاغدا ئۇچۇر - تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات ۋە سەۋىيسى يوقۇرى بولمىغاچقا بۇ خەۋەر كۆپ قىسىم رايۇن ۋە كىشىلەرگە يەتكۈزۈلمىگەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئامما قالدۇقلارنى تېزلىكتە يۇقىتىپ جىددى بىرتەرەپ قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن كېيىنكى ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان.
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى،كۆپ قىسىم شاھىتلارنىڭ قېرىپ ئالەمدىن ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ ۋەقە كيىنكىلەرنىڭ ئېغىزلىرىدا ئېقىپ يۈرۈپ راست بىلەن يالغان ئوتتۇرسىدا قېلىپ بارا- بارا رىۋايەتكە ئايلىنىپ كەتكەن.
ئەمما 1947-يىلى 7-ئاينىڭ8-كۈنى ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شىتاتى روسۋېل شەھىرىدە يۈز بەرگەن << روسۋېل ۋەقەسى>> كىشىلەرنىڭ بۇجەھەتتىكى قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تاشقى دۇنيا مەدەنىيىتى توغۇرلۇق يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.شۇ چاغلاردا ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جىددى تەدبىر قوللىنىپ نامەلۇم ئۇچارجىسىمنىڭ پارچىلىرىنى ۋە ئالاقىدار نەرسە كىرەكلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ بۇۋەقەنىڭ قانداقتۇر تاشقى پىلانت ياكى ئۇچار تەخسە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرى ياسىغان ھاۋا شارى،ئېھتىياتسىزلىقتىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن دەپ ئېلان قىلسىمۇ،لېكىن ئارىدىن ئوتتۇز نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاشۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشقا بىۋاستە قاتناشقان جېش ماسنېر قاتارلىق ئۈچ نەپەر ھەربى ئەمەلدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ روسۋېل ۋەقەسىنىڭ ھەقىقەتەن تاشقى پىلانت ئادەملىرى ۋەقەسى ئىكەنلىكى،شۇچاغدا چۈشۈپ كەتكەن ئۇچار جىسىمنىڭ ئامېرىكا ياكى باشقا دۆلەتلەر ياسىغان ئۇچقۇ بولماستىن بەلكى يەرشارىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن ئۇچار جىسىم ئىكەنلىكى، بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى بايقىغاندا ئىچىدە سەككىز نەپەر تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ جەسىدى بارلىقىنى، كېيىن جەسەتلەر ۋە نەق مەيداندىن تېپىلغان بارلىق نەرسىلەرنى لاسۋىگاسنىڭ شىمالىدىكى سىرلىق 51-رايۇنغا يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ ئۈچ نەپەر پىشقەدەم ھەربى ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت تەرەپ روسۋېلغا نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىك مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،بۇ ئەھۋالنى ئەينى ۋاقىتتكى دۆلەت پىرىزدىنتى تىرومىنغا يەتكۈزگەن، شۇ چاغدا ترومىن دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بىۋاستە مەسئۇل بولغاچقا دەرھال دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنى بىرلىكتە كۈچ تەشكىللەپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلشقا ۋە بارلىق ئۇچۇرلارنى مۇتلەق مەخپى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، دەرۋەقە بۇ گۇرۇپپا ۋەقەنى تېز بىر تەرەپ قىلغان،بولۇپمۇ مەخپىيەتلىك ساقلاش خىزمىتىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتقان.ئۇلار بىر تەرەپتىن بۇ ۋەقەنىڭ تاشقى پىلانت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ھە دەپ تەشۋىق قىلىپ ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان خادىملارنى نازارەت قىلىش ۋە تەتقىقات ماتىرياللىرىنى توپلاپ ساقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتقان. بولۇپمۇ خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى مۇتلەق مەخپى تۇتۇپ، ئۇلارنى سىرتتىن ھەر قانداق ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشنى،بۇ ۋەقە توغۇرلۇق ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى چەكلىگەن.ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئىسمى ۋە ئارخىپىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ باشقا ئىسىم ۋە سالاھىيەت قوللانغان. بۇ ھەركەت ئەينى ۋاقىتتا << كۆك تاشلىق كىتاپ پىلانى >> دەپ ئاتالغان.
شۇندىن كېيىن تاشقى پىلانت ئادىمى،ئۇچار تەخسە دېگەندەك ئۇچۇر خەۋەرلەر دائىم دېگۈدەك كېلىپ تۇرغان،مەيلى ئۇچۇر راست - ياكى يالغان بولسۇن ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ خىل ھادىسىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ كونتىرول قىلغان.ئېرىشكەن ئۇچۇر ۋە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېتىپ ئىز قالدۇرمىغان.ھەتتا ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ غۇنداق ھادىسىلەر بايقالسا ئامېرىكا ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ ئارلىشىدىكەن. كېيىنچە مەلۇم بولىشىچە تاشقى دۇنياغا ئائىت ھەرقانداق ئۇچۇر ۋە ئاخباراتلار مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە دۆلەتنىڭ ئالاھىدە مەخپىيەتلىكى بولۇپ ھىساپلىنىپ مەخپى تۇتۇلىدىكەن.
روسۋېل ۋەقەسىنى بىرتەرەپ قىلىشقا قاتناشقان ئۈچ نەپەر پىشقەدەم ئەمەلدار بۇ سىرنى ئاشكارلىغاندىن كېيىنمۇ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىزچىل ئۈچەيلەننىڭ باياناتىنى يالغان،كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارشى پىكىر تارقاتقان.دەرۋەقە بۇلار روسۋېل ۋەقەسىنى تاشقى پىلانت ئادەملىرى ۋەقەسى دەپ ئاشكارلىغان بولسىمۇ قولىدا ھىچقانداق ئەمىلى ئىسپات بولمىغاچقا يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن.ئۇلارنىڭ ئاشكارلىشىچە روسۋېل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر جەمئى ئون نەچچە يەشىك ئەتراپىدا تەتقىقات ۋە تەجىربە ماتىريالى ئىشلىگەن بولۇپ بۇ ماتىرياللار تەتقىقات خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن ئىكەن.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ ماتىرياللار ۋە تاشقى پىلانت مەدەنىيىتىگە ئائىت بارلىق ئېرىشمىلەر دەل سىرلىق 51- رايۇندا مۇتلەق مەخپى ساقلىنىدىكەن.
ئۇنداقتا ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر نىمە ئۈچۈن تاشقى دۇنياغا ئائىت ئاخباراتلارنى مەخپى تۇتىدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبى :تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ تەرەققىياتى يەرشارى ئىنسانلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن نەچچە ھەسسە يوقۇرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە،ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ئۇلارغا ئائىت ئاخبارات ۋە بويۇملارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ئىنتايىن يوقۇرى بولىدۇ،ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇنداق مۆجىزە خارەكتىرلىك <<ئەڭگۈشتەرنى>> خالىغانچە ئاشكارىلاپ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ.
ئىككىنچىدىن،تاشقى پىلانت ئادىمى ۋە ھادىسىلىرى تەتقىق قىلماق ئىنتايىن قىيىن،ئاسانلىقچە ئېنىق چۈشەنچە بەرگىلى بولمايدىغان ئىش دەپ قارىلىپ كەلمەكتە،شۇڭا تاتقىقات نەتىجىسى پىشىپ يىتىلمىگىچە ئېلان قىلىپ قويۇپ كېيىنچە ئۆزى جاۋاپ بىرەلمەي قېلىشىتى قورققان بولىشىمۇ مۇمكىن.ئەڭ قىسقىسى تاشقى پىلانت ئادەملىر ۋە مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن كۆرگۈچىلە ئېيتقاندەك راستىنلا مەۋجۇتمۇ ياكى بىر ەر قىززىق نوقتىلىق ۋەقەلىك ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ نامىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن تارقاتقان يالغان گەپمۇ ،ۋەياكى ھۆكۈمەت تەرەپمۇ ھەقىقەتەن تاشقى پىلانت ئادىمى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشمىدىمۇ بۇنى ھىچقايسىمىز بىلمەيمىز، لېكىن يەنىلا مۇتلەق كۆپ قىسىم قىزىققۇچىلار ئامېرىكىدىكى سىرلىق 51-رايۇننى تاشقى پىلانت ئادملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان،ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئورۇن دەپ قارايدۇ.
تاشقى پىلانت ئادەملىرى ۋە مەدەنىيىتىنى كۆرگەنلەردىن كۆرمىگەنلەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ھادىسىلەر ئىنتايىن كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە بىر نىمە دېمەك قىيىن،لېكىن خۇددى بىر چوڭ مىۋىلىك باغدا پەقەت بىر دانە مىۋىدىلا قۇرت بولۇپ قالغانلىرىدا يوق بولىشى مۇمكىن ئەمەس، باشقا نۇرغۇن مىۋىلەردە ھەتتا بىز كۆرگىنىمىزدىنمۇ چوڭلىرى بولۇشى مۇمكىن.دېمەك سانسىزلىغان سەييارە پىلانتلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر يەرشارىدىلا ئادەم ۋە باشقا جانلىقنىڭ بولۇپ باشقا پىلانتلاردا يوق بولىشىمۇ ناتايىن.ئەگەر تاشقى دۇنيادا ھەقىقەتەن ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە جانلىق يەنى ئادەم مەۋجۇت بولسا ئۇلار قانداق ياشايدۇ؟ دۆلىتى،مىللىتى،دىنى ئىتقادى بولامدۇ،بىزگە ئوخشاش توي قىلىپ تۇرمۇشلۇق بولامدۇ؟ مەكتەپتە ئوقۇپ خىزمەت، تىجارە ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنامدۇ؟؟؟.........
ئەگەر پۈتۈن دۇنياخەلقى ئىشەنگۈدەك بىرەر ھەقىقى، ئېنىق تاشقى پىلانت ئادىمى ۋە ھادىسىسى كۆرۈلسە بەلكىم بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن چوڭ بايقاش بولۇپ ھىساپلانغان بولاتتى.بىز بۇسىرلارنىڭ جاۋابىغا ھەرۋاقىت قىزىقىمىز.
ھۆرمەت بىلەن قەلەم تەۋرەتكۈچى :ھېكمەت ئۇيغۇر
مەنبە: توپلىغان ماتىرياللىرىم ۋە تەپەككۈرۈم.
سۆيۈملۈك قېرىندىشىم،ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر شەيئى ۋە ئالەمنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشمۇ بىلىم ئېلىشنىڭ بىرخىل شەكلى،مۇقەددەس دىنىمىزدىن چەتنىمىگەن ھالدا ئىزدىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى،شۇڭا سىز باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمى پىكىر ۋە ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،مۇنبىرىمىزنى ۋە بىلىش دائىرىمىزنى بېيىتىشقا كۈچ چىقىرىشىڭىزنى، شەخىسنىڭ زىتىغا تىگىپ كېتىدىغان ئىنكاسلارنى يېزىپ سېلىشىتىن ساقلىنىشىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن. رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hekmat-uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-15 11:33 AM
|
|
|
|
|
|