مەن ئىزچىل تەپەككۇر قىلىۋاتىمەن
ئاپتورى :ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
ئۆزىگە بىر مۇنچە يىگىتلەرنىڭ تەلەپ قويغىنىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىۋاتقان قىز ئۆز ئەخلاقى بىلەن شەيتان تارازىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلۋاتقان قىزدۇر .
قىزلار ئۆز- ئۆزىنى دەڭسىيەلمىگەندە سورۇن تاللىماي كۈلدىغان بولۇپ قالىدۇ .
ئوغۇللارنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكى - قىزلارنىڭ بەختىنى نابۇت قىلسا ،قىزلارنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكى ئوغۇللارنىڭ يۈرىكىنى ۋەيران قىلىدۇ .
مۇددەتتىن بۇرۇن ئانا بولۇپ قالغان قىز مۇددەتتىن بۇرۇن پوق يەۋالغان قىزدۇر ،
ئۆزىنىڭ ئەرلىك بۇرچىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان ئەرلەر - ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى ئۆزى يوقۇتۇۋاتقان ئەرلەردۇر .
جەمئىيەتتىن نارازى بولۇش - جەمئىيەتنى چۈشەنمىگەنلەرنىڭ ئىشى بولسا ،ئۆزىدىن نارازى بولۇش ئەخماقلارنىڭ ئىشدۇر .
باشقىلاردىن ئېۋەن ھەم پۇتاق ئىزلەپلا يۈرىدىغان ئادەمنىڭ رىسقى ھەممىدىن كەم بولىدۇ .
ئىمان ،ھايانى بىر چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقانلار ھامان بىر كۈن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلۋاتقانلاردۇر .
چىن ئەقىدە ،مەسئۇليەتنىڭ قەدرىنى قىلالمىغانلار ھامىنى بىر كۈنى شۇ قىلمىشى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئاھ ئۇرىدۇ .
ھاراق تاماكا بىردەملىك ئازاپ -قايغۇ دەرت ئەلەمنى باسالىغىنى بىلەن تەن ۋە روھنىڭ زەئىپلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشنى توسۇپ قالالمايدۇ ،
كەيپى -ساپانى كۆككە كۆتۈرۋاتقانلار غا ھەيران قالماڭ ،چۈنكى ئىمانى ۋە ئېتقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۆزى بىلەن بىللە دەۋزەققە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلۋاتقان شەيتان ئۇلار بىلەن بىللە .ئۇلارغا ھەيران قالغانلىق شەيتانغا ھەيران قالغانلىق بىلەن باراۋەر .
سەمىڭىزدە بولسۇنكى ئون سەككىز ئالەم كۈللى -كائىناتتا ياراتقۇچىمىزنىڭ مۆجىزاتلىرىدىن باشقىغا ھەيران قېلىش ئىنساننى ئېزىش گىردابىغا باشلاپ بارىدۇ .
: قەلىب تىۋىشلىرىمنىڭ توختىماي داۋالغۇششى نەتىجىسدە تۆكۈلگەن قۇرلار ئېھتىمال سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك بولماسلىقى مۇمكىن ،ئەلۋەتتە ،ئوخشاش قاراشلاردا بىرلىككە كېلىپ ئوخشىمغان قاراشلاردا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ساقلاپ قىلىش ھەم ئۆزىگە ھەم ئۆزگىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسدىندۇر . تەپەككۇرى ئويغاق ئىنسان بولسىڭىز ھەر ۋاقىت تەپەككۇر قىلىپ تۇرۇڭ ،ئېھتىمال قانداق ئادەم بولۇشنىڭ پەۋقۇلئاددە يوللىرى سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزدا فۇنتان بولۇپ ئېتىلۋاتقاندۇ ر
ۋاقىتى كەلمىگەن ئىشلار ئۈچۈن ئاھ ئۇرساڭ ۋاقتى كەلگۈچە ئۆز ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۋالسەن
باشقىلارنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن ھوزۇرلىنىش كاتتا شەرەپ ،ئەمما باشقىلارنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە چاقچاق قىلىش كاتتا نۇمۇس . بەلكىم كاتتا شەرەپتىن كاتتا نۇمۇسلارنى ئەۋزەل بىلدىغان نۇمۇسسىزلار مىسرانىم مۇنبىرىدە شەك - شۈبھىسىز