ئەر ۋە ئەركەك ئاپتور : قۇتلۇق ئۆمەر قوشتۇر (يابغۇ)
جاھانغا يارىلار ئەر ، ئايال جىنس ، خۇدادىن ئىرادە پۈتۈلگەن چاغدا . ۋەلېكىن ئەر ئايرىم ، ئەركەك _ ئۇ ئايرىم ، سالساڭ گەر تەپەككۇر ئاتلىق ئوچاققا .
تاغلاردىن ئېغىردۇر ئەركەكنىڭ ۋەزنى ، ئېڭەككە تۈك ئۆسسىلا ئەركەك ئەمەس . ئەركەك _ ئۇ خۇدانىڭ ۋىجدانى بىلسەڭ ، جاھان غەۋغالىرىغا ئەرمەك ئەمەس !
تەڭ ئەتمەك مۇمكىنمۇ جەسۇر شۇڭقارنى ، ئۇچۇشنى ئۇنتۇغان ياسانچۇق توزغا ؟ بوراننىڭ قەھرىنى چۈشەنگەي قانداق ، ئۆز نەغمىسىگە كۆنگەن تومۇزغا !
زەئىپلىك قۇترىغان مەجرۇھ زاماندا ، لۆمۈلدەپ ياشايدۇ پارازىت ئەرلەر . قۇل بولۇپ غۇرۇرى يوقالغان روھقا ، شام كەبى يۇمشايدۇ سۆڭەكسىز تەنلەر .
ئەركەكنىڭ ۋىجدانى _ ئىپپىتى دېمەك ، بېرىدۇ ۋىجدان دەپ ھەتتا جېنىنى . قەھردە تاغلارنى قىلىدۇ تالقان ، مېھىردە سىلايدۇ ئەلنىڭ بېشىنى .
ئەركەك _ ئۇ مىللەتنىڭ ، يۇرتنىڭ تۈۋرۈكى ، پەزىلەت ، ئىماندا ئەلگە يول ئاچار . ئەل بەختى زۇلمەتكە يولۇقسا ئەگەر ، دانكودەك كۆكسىنى يېرىشقا تەييار .
يولۋاستەك بىر كۈننى ئۆتكۈزمەك ئەلا ، توشقاندەك مىڭ يىللاپ ياشىغان نومۇس . ئەر زاتى،رۇسلانغىن! قەددىڭنى كۆتۈر ، ئەركەك بول ، شىردەك بول ، ياشىغىن راۋرۇس!
ئەركەك جەڭگاھتا ئېتىپ ئۆلىدۇ ، ئەر زەبۇنلۇقتا يېتىپ ئۆلىدۇ... ئەر ئۆلسە جىنازىسىنى تۆت ئەر كۆتۈرىدۇ ، ئەركەك ئۆلسە پۈتۈن ئەل-يۇرت كۆتۈرمەككە تالىشىدۇ... ئەر ئۆلسە ئايالى يىغلايدۇ ، ئەركەك ئۆلسە دۇنيا يىغلايدۇ !!! ............... ئەرنىڭ يۈرىكىمۇ سوقىدۇ ، ھاياتىنى داۋام ئەتمەك ئۈچۈن ؛ ئەركەكنىڭ يۈرىكىمۇ سوقىدۇ ، ئەل-قەۋمى ، پاك ۋىجدانى ئۈچۈن ! ئەركەكنىڭ ئېتى كىشنىسە يولۋاسمۇ بەدەر قاچىدۇ ؛ ئەرنىڭ مۈشۈكى مىياڭلىسا چاشقاننىڭ تۈكى تەۋرىمەيدۇ ...
مەنبە : ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yabgu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-15 06:43 AM
|