iPhone 5 بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئاپتونوم رايونىمىز بازارلىرىغا رەسمى قەدەم قويدى
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى
iPhone 5 ئاخىرى كەلدى!
بۈگۈنكى كۈننىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا, جۇڭگو تېلېگرافى ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد iPhone 5 ئالما تېلېفونى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەپىرىنى باشلىۋەتتى. مۇخبىرنىڭ تېلېگراف ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا iPhone 5 ئېلان قىلىپ، بىرنچى ۋاقىت ئىچىدە ئالاقىدار ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
13- چېسلا چۈشتىن كىيىن ئىككىدە, جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماق شىركىتى جۇڭشەن يولىدىكى مۇلازىمەت زالىدا ئالدىن سېتىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بىردەمدىلا زال ئىچى لىققىدە ئادەم بىلەن تولۇپ كەتكەن. ئالدىن زاكاز پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان شياۋما مۇخبىرغا: مەنمۇ تېلېفون سودىسى قىلىمەن، ئىلگىرى ئالما تېلېفون ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدىم، بىراق ئايالىمنىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد بار ئىدى، ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى، بەك قىزىقاتتىم، شۇڭا بۇ قېتىم بەشىنچى ئەۋلاد چىقىشىغىلا سېتىۋالاي دېدىم، تېلېگرافنىڭ خېرىدارلار ئۈچۈن ناھايىتى قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپتۇ، پۇلنىمۇ تۆلەپ، رەسمىيەتلەرنىمۇ بېجىرىپ بولدۇم، كەچتە كېلىپ ئېلىۋالساملا بولدى، دېگەن.
تېلېگراف مۇلازىمەت زالى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ دېيىشچە، ئالدىن زاكاز قىلىشقا باشلاپ يېرىم سائەت ئۆتە-ئۆتمەيلا 300 دانە ئالما بەشىنچى ئەۋلاد تېلېفونى iPhone 5 سېتىلىپ بولغان.
تېلېگراف iPhone 5 ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولسا توختام باھاسى بىلەن سېستىمىسىز باھاسى ئوخشاش بولۇپ، 16، 32، 64 G نىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5288 يۈەن، 6088 يۈەن، 6888 يۈەن ئىكەن، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئەڭ تۆۋەن توختام باھا ھېسابلىنىدىكەن. خېرىدارلار ئالدىن سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرسا تېلېفون سوۋغا قىلىش توختام پىلانى پائالىيىتىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن، توختام پىلانى بىر يىللىق، ئىككى يىللىق، ئۈچ يىللىق بولۇپ، ئەمما تېلېفون سېتىۋالغاندا سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىش پىلانىنىڭ توختام ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ. تېلېگراف iPhone 5 كەڭ بەلۋاغلىق تور بىلەن بىرلەشكەن بولۇپ، تېخىمۇ تېجەشلىك بولىدىكەن. بۇندىن باشقا يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئېقىم سوغا قىلىدىكەن.
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماق شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوستلۇق يولىدا مېيمېي 美美 تۈرلۈك ماللار سارىيىنىڭ بىرنچى قەۋىتىدە ئالما بەشىنچى ئەۋلاد iPhone 5 نىڭ سېتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى چېنجىچيۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى بىرلەشمە ئالما بەشىنچى ئەۋلاد تېلېفونىنى خېرىدارلارغا ئۆز قولى بىلەن تارقىتىپ بەردى، يەنە خاتىرە بۇيۇملارنىمۇ سوۋغا قىلدى. ئىگىلىنىشچە، بىرلەشمە ئالما بەشىنچى ئەۋلاد تېلېفونى ئاپتونۇم رايونىمىزدا بەش تارماق ئورنىدا سېتىلىدىكەن.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئالما بەشىنچى ئەۋلاد تېلېفونى 16,32 64G باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5899يۈەن، 6899 يۈەن، 7899 يۈەن ئىكەن.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشiPhone 5 يەنە خېرىدارلار ئۈچۈن سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرسا تېلېفون سوۋغا قىلىش ۋە تېلېفون سېتىۋالسا سۆزلىشىش ھەققى سوغا قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، 16G دىكى ئىكى يىللىق توختام پىلانى بويىچە 386 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تۈرىنى تاللىسا ھەقسىز تېلېفونغا ۋە 32G دىكى ئۈچ يىللىق توختام پىلانى بويىچە 286 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى تاللىسا ھەقسىز تېلېفونغا ئېرىشىدىكەن.
ئالما بەشىنچى ئەۋلاد iPhone 5 ھازىرغىچە بازارغا سېلىنغان ئالما تېلېفونلىرى ئىچىدىكى ئەڭ نىپىز، ئەڭ يېنىكى. قايتا لايىھىلەش ئارقىلىق تۆت سۇڭلۇق سېزىمچان ئېكرانلىق، A6 ئۆزەك ئورنىتىلغان، ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغان، ئېنىقلىقى 960×640 دىن ئىلغارلاشتۇرلۇپ 1136×640 كە چىقىرىلغان يېڭى ئالما بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېكراندىكى رەسىملەر بەش قاتارغا كۆپەيتىلىپ، ئەڭ يېڭى iOS 6 مۇلازىمەت سىستېمىسى ئورنىتىلغان.
مەنبە:
بۇ يەرنى بېسىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-14 09:26 PM