ئادۋۇكاتلانىڭ قارىشچە دۆلەتنىڭ 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشنى  ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ئەمگەك قانۇنىغا خلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۇرۇلگەن  
 
     دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن جەمىيەتنىڭ كۇچلۇك دىققىتىنى قوزغىدى . تۈنۈگۇن ئادۋۇكات خەن پۇجېڭ ئىپادە بىلدۇرۇپ 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتىكى قىسمەن ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا  ئەمگەكچىلەرنى بىر ھەپتىدە ئۇدا يەتتە كۇن ئىشلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرغان  بۇ ئەمگەك قانۇنى قاتارلىق قانۇن - نىزاملاربىلەن زىت بۇلۇپ قالغان . كىشلەردە ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان خىزمەت ،ئۈگۇنۈش ئادەتلىرگە ماسلاشمىغان. تۈنۈگۇن ئۇ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭىغا خەت يېزىپ ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەن .
          بىر ھەپتىدە يەتتە كۇن ئۇدا ئىشلەش قانۇنغا خىلاپ
       خەن فۇجېڭ مۇنداق دىدى :  < دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش > تا ئۇرۇنلاشتۇرۇشىچە ، 2013- كۆپلىگەن ئەمگەكچىلەر بىر قېتىم ئۇدا سەككىز كۇن ، ئۇچ قېتىم ئۇدا يەتتە كۇن ئىشلەشتەك ئالاھىدە ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن .  دۆلىتىمىز < ئەمگەك قانۇنى > نىڭ 38- ماددىسىدا كۆرسىتىپ << ئادەم ئىشلەتكۇچىلەر ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئەڭ ئاز دىگەندە بىر كۇن ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى   كىرەك >> دىيىلگەن . < دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى توغرىسىدىكى بەلگىلمىسى > نىڭ 3- ماددىسىدا  كۆرسىتىپ << ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ  ھەر كۇنىلۇك خىزمەت ۋاقتى سەككىز سائەت ، ھەر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 40 سائەت بۇلدۇ >> دىيىلگەن .  ئۇنىڭ قارىشىچە ، يۇقارقى قانۇن بەلگىلمىلەر بۇيچە ئادەتتە ئەمگەكچىلەر ھەر ھەپتىدە پەقەت بەش كۇن خىزمەت قىلدۇ ، ئالاھىدە ئەھۋاللاردىمۇئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندا 24 سائەت ئۇزۇلدۇرمەي ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.
    خەن فۇقېڭ مۇنداق دىدى : < ئۇقتۇرۇش >تا يېڭى يىل بايرىمىدىن كىيىن ئۇدا سەككىز كۇن ، باھار بايرىمىدىن كىيىن ئۇدا يەتتە كۇن ئىشلەش ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان .  بۇ سەككىز كۇن ۋە يەتتە كۇن  ئىككىنچى ھەپتىگە ھالقىپ كەتكەن ،ھەم بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئۇدا ئىشلەش ئەمەس ، بۇ ئىككى قېتىملىق دەم ئېلىش ئۇرۇنلاشتۇرۇشى قانۇننىڭ كەڭ مەنىدە ۋە تار مەنىدە چۇشەندۇرۇشكە چېتىلدۇ .  شۇڭا بىز ۋاقتىنچە قانۇنغا خىلاپ خىلاپ ئەمەسلىگىنى مۇزاكىرە قىلمايمىز .  بىراق ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن ئىلگىركى ئۇدا يەتتە كۇن خىزمەت قىلىش ، تاۋۇز چاغىنىدىن ئىلگىركى ئۇدا يەتتە كۇن خىزمەت قىلىشنىڭ ھەممىسىدە دۇشەنبىدىن تارتىپ يەكشەنبىگىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە بولغان .    ئۇمىڭ قارىشىچە  بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇدا يەتتە كۇن ئىشلەش  ئېنىقكى ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇننىڭ ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشىغا چېتىلدىغان قىلمىش ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەرھەپتىدە ئەڭ ئاز دىگەندە بىر كۇن ئارام ئېلىشتەك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئارام ئېلىش ھۇقۇقىنى تارتىۋالغانلىق بۇلۇپ ھىساپلىندۇ.
    
        تەكلىپ لايھەسى  دولەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭغا يوللاندى 
       خەن فۇجېڭ كۆرسىتىپ مۇنداق دىدى :  گەرچە ئەمگەك قانۇنىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بۇلدۇدىيىلگەن بولسىمۇ  ئەمما ئۇ  ئەمگەك قانۇنى ۋە باشقا قانۇن - نىزاملار   دا بىكىتىلگەن قانۇنى ئەھۋالى .   <<  مەمۇرى نىزام تۇزۇش تەرتىىپ نىزامى >> غا  ئاساسەن  دولەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىنىڭ < ئۇقتۇرۇش > ى ھەرگىزمۇ مەمۇرى نىزام كاتىگۇريەسىگە تەۋە ئەمەس ، تەبئىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى بىكىتىشكە بولمايدىغانلىقتەك  قانۇندا بەلگىلەنگن ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ .  گەرچە دەم ئېلىش ئۇرۇنلاشتۇردا ھەممە كىشىنى رازى قىلىپ بولغىلى بولمىسىمۇ ، ئەمما ئالدى بىلەن  چۇقۇم قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىق كىرەك . خەلىقنىڭ رايىغا ھۆرمەت قىلىشنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ،بايرام دەم ئېلىش ئۇرۇنلاشتۇرشىغا قارتا ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار  ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدەك شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ تۇردە پىكىر ئېلىش كىرەك .  قىسقىسى مەن بىر دۆلەت گىراژدانى بۇلۇش سالاھىيتىدە گوۋۇيۇەن بەنگۇڭتىڭىغا پىكىر نامە تاپشۇرۇپ دەم ئېلىش .ئۇقتۇرۇشىدا ساقلانغان مەسسسللەرگە قارتا تۇزتۇش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم ھەم دولەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭغا يوللىۋەتتىم ، ئۇلارنىڭ جاۋاپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلمەن.
مەنبە :
http://jjckb.xinhuanet.com/2012-12/14/content_418444.htm
 نەۋقىران تەرجىمىسى