|
|
|
|
كۈندۈز ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن قورىقتىڭ،كۆزلىرىمدىكى ياشقا،يۈركىمدىكى ئوتقاپەرۋا قىلمىدىڭ.
ھېس قىلغۇسىز بەخىتلەر قوينىدا ئەللەيلەشنىڭ ئورنىغا تۈگىمەس بىر ئازاپقا تاشلاپ قويدۇڭ.ئەمدى بىزگەئائىت ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرمىز!!
سۇنغان كۆڭۈل (ھېكايە)
_ۋەي ،دىلزىبامۇسەن؟
-ھە،مەن خالنۇرمۇسەن،قانداق ئەھۋالىڭ ؟ياخشى تۇرۋاتقانسەن ھە؟
-ياخشى ئاداش ،سەنچۇ ؟مەن شۇ توينىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ..
-ھوي ،ياخشىغۇ! شۇ شۇنداق دەپ ئاڭلىغانتىم ،قاچانغا بېكىتتىڭلار ؟
-ئاللا خالىسا 5-ئاينىڭ 13-كۈنىگە ئاداش ،كېلەسەن ھە؟كەلمىسەڭ بەك خاپا بولۇپ كېتمەن،ئېلشاتنىڭ ياخشى ئاغىنلىرى بەك جىق ،سەنمۇ بىرەنى تېپىۋىلىپ تويۇڭنى مەندىن كېيىنلا قىلۋىتەمسەن تېخى -
-قويە ئاداش ،تايىنلىق ھېلقى ھەسەندەك پەسلەردۇ،شۇنىمۇ بەك ماختاپ ھالىڭلار قالمىغان،قىنى تازا بىر پەس ،تۆھمەتخور چىقتغۇ؟ مەنمۇ ئەتە ماڭىمەن ئاداش.
-ۋوي .نىمانداق ياخشى ،ئەمسە كېلىپ تېلفۇن قىلە ،مەن بىلەن بازار ئايلىنىشىپ بەر
-ماقۇل_خۇدا خالسا بېرۋىلىپ تىلفۇن قىلمەن- ماقۇل ئاداش خۇداغا ئامانەت ئاق يول بولسۇن -
-خۇداغا ئامانەت ئاداش ~~
مانا شۇ تىلفۇندىكى قىلىشقان پاراڭلارنىڭ ئاز ۋاقىت ئۆتمەي راسقا ئايلىنىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئاساستا تېلفۇننى قويۋېتىپ ئەتىدىكى سەپىرىمگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم.
غۇلجىغا يىتىپ كەلدىم ،ئىككى كۈن ئۆيدە دەم ئالغاندىن كېيىن كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە جىيەنىمنى بىزنىڭ ئۆيگە ياندۇرۇپ چىقىش نىيتىدە كىردىم .ھەم بەگزادنى ئىلىپ خالنۇرنىڭ قېشىغا كۆرۈشكىلى باردىم .بىز بىللە ئۇنىڭ ئۆيىدە تاماق يىگەندىن كېيىن بازار ئايلانغىلى ماڭدۇق .يولدا كېتۋىتىپ كۆزۈم تۇيۇقسز يول بويىدىكى بانكىنڭ ئۇدۇلىغا توختىتىپ قويۇلغان كۆك رەڭلىك سېۋىك ماشىنىغا چۈشتى .
-ئاداش ،ئاۋۇ ئۆتكەندە ھىلقى ھەسەن دىگەن بالا مەن بىلەن كۆرۈشكەندە ھەيدەپ چىققان ماشىنا شۇغۇ؟
-نەدە ئۇنىڭ بۇنداق ماشىنىسى بار ،ئۇنىڭ قارا شەندەي ،قارغاندا بىرەسىنىڭكڭنى سوراپ ساڭا مېنىڭ دېگەن ئوخشايدۇ،بىچارە بايقۇش،ھا ھا ھاھ....
-ھوي .گۈزەل خانلار يولۇڭلار قاياققا_
تۇيۇقسىز چاقىرغان بۇ ئاۋازدىن خالنۇر ئىككىلىمىز ئارقىمىزغا ئۆرلۈپ قاردۇق ،بايامقى ماشىنىدىن خالنۇرنىڭ توي قىلدىغان بالىسى ئىلشات چۈشۋاتاتتى .
-ۋىيى،سىز بۇ يەردە نىمە قىلسز ؟
-ھە، ئىلشاتنىڭ بانكىدا ئىشى باركەنتۇق ،بىللە كەلگەن
-ئۆزىڭىزنى كۆپەيتىۋالمىغانسىز ،يەنە ئىلشات دەيسىزغۇ؟دېدىم مەن،
-ئاللا دىلزىبا سىزنىزە ،،مۇشۇ ماشىننىڭ ئىگسى مىنىڭ ئاغىنەم ،ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ئلشات ،ھە،نەگە ماڭغانتىڭلار،چىقىڭلارماشىنىغا ؟
بىزمۇ ھېرىپ ئارانلا قالغاچقا گەپ قىلماي ماشىنىغا چىقتۇق،
بىزدىن بەكەرەك ئۇكام ھېرىپ كەتكەن بولسا كېرەك،ماشىنىغا چىقىپلا ئۇخلاپ قالدى ،ئاز ئۆتمەي ھىلقى ئلشات دىگەن بالىمۇ چىقتى،ماشىنىغا چىقىپ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بىز بىلەن كۆرۇشتى.
قارماققائورۇقراق ،چاچ پاسۇنى ھەم ئۆزىمۇ ئۆزبەكلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ بالا ماڭا ناھايىتى ئىللىق كۆرۈندى .شۇ ھامان كۆڭلۈمدىمۇ(ئېسىت،ھىلقى ھەسەن دىگەن ساراڭ ئاغىنىسىنڭ ئورنىدا مۇشۇ بالا بىلەن تونۇشۇپ قالسامچۇ ؟)دەپمۇ ئويلاپ بولدۇم .
-ھە؟سىلەرنى قاياققا ئاپىرمىزكىن ؟ دىدى خالنۇرنىڭ يىگىتى
-توڭلوۋەنگە -
ماشىنا بىز دىگەن تەرەپكە قاراپ ماڭدى،مەن بەگزادنى ئويغۇتالماي ئاۋارە ئېدىم .
-بولمىسا ئۇكىڭىز ماشىنىدا ئۇخلاۋەرسۇن ھېلى ئويغانغاندا مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەكىلىپ قوياي ،
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارسام ئۇ (ئىلشات)ئەينەكتىن ماڭا قاراپ گەپ قىلۋاتاتتى .كۆزلىرىم ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەنلا يۈركۈم ئاجايىپ بىر خىل تىز سېلىپ كەتتى.
-بولمىسا شۇنداق قىلىڭ دىلزىبا ،ئويغانغاندا ئىلشات يېنڭىلارغا ئاپىرىپ قويىدۇ.-دېدى خالنۇرنىڭ يگىتى
-بولدى،ئويغانسا يىغلىشى مۇمكىن ،دېدىم مەن .ماشىنا بىز دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدى ،خالنۇر ئىككىمىز بەگزادنى كۆتۈرۈپ ماشىندىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ چۈشۈپ قالدۇق...
قارسام ئۇكام ھىچ ئويغىندىغاندەك ئەمەس ،مەن ماشىنا توسۇپ ئۆيۈمگە يېنىپ چىقتىم .
ئۆيگە يىنىپ چىققاندىن كېيىنمۇ نېمىشقىدۇر كۆز ئالدىمغا ئىلشاتنىڭ ھالىتى كىلۋىلىپ مىنى سەل قىيناپ قويۋاتاتتى .
كەچلىك تامىقىمنى يەپ ئولتۇراتتىم ،تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايرىدى ،تېلفۇن خالنۇردىن كەلگەن ئېدى .
-ۋەي ،خالنۇر ؟--ۋەي .دىلزىبا ،ئاداش ،نىمە قىلۋاتسەن،چىقۋالدىڭمۇ؟
-ھە،ئاداش ،چىقۋالدىم،تاماق يەۋەتقان،-
-يامان جۇمۇ ئاداش سەن،سىنى بىر كۆگەن ئوغۇل بالا زادى تۈگشىدۈ،ئىلشات نەچچە كۈنگىچە ئۈرۈمچىگە ماڭاتتىكەن ،سىنى ماڭسا ئاغاچ كىتەي دەپتۇ،مىنڭ ئىلشىتىم ھازىر ماڭا (دىلزىباغا دەپ باق)دىگەن ،قانداق بىللە ماڭامسەن ؟
-ۋىيى،نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن ،دادامنىڭ ماشىنىسىدا بىللە ماڭماقچى ئىدىم ،ئەگەر دادام ماڭماي قالسا ماڭارمەن بىللە!!
-ھە،مەيلى قاراپ باق .ئەمسە ؟
تىلفۇننى قويۋىتىپ خوش بولغىنىمدىن تاس قالدىم ۋارقىرۋەتكىلى،ئاغزىمدا خالنۇرغا ئۇنداق دەپ قويغىنىم بىلەن ئەمما ئلشات بىلەن مىڭىشقا قارار بىرىپ بولغان ئىدىم ،چۈنكى دادام تاماق ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ جىددى ئىشى چىقىپ ئەتىلا ماڭىدىغانلىقنى مېنىڭ نەچچە كۈندىن كىيىن قاتناش بىلەن مىڭشمنى ئىيىتقان ئىدى.
ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس !ئەنە شۇ قىتىملىق بىللە ئۈرۈمچىگە مىڭىش ئىلشات ھەم مېنىڭ تۇرمىشىمىزغا نۇرغۇن دەرت ئەلەم ئاتا قىلدى . (داۋامى بار)
|
|
|
|
|
|