مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 985|ئىنكاس: 19

روھلاندا 2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7610
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 12:43:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روھلاندا 2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار
2012-يىلى يىل بېشى قىشلىق تەتىلدە روھلان تور بېكىتىمىز ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇنجى قىتىملىق دەرسلىك دىتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ دەرسلىكلەرنى ھەقسىز تارقاتقان ئىدى. بۇنىڭدىن جاپاكەش ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلىرىمىز پايدىلانغان شۇنداقلا ھارغىن چىھرىدە خۇشاللىق، مەمنۇنلۇق جىلۋىلەنگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك تېما ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-13149-1-1.html
تور بېكىتىمىز 2013-يىلى ئالدىنىقى قىتىملىق مۇسابىقىدىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا ئىقتىدارىنى، تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدىغان مەيدان ھازىرلاش، ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە ھەر قايسى مەكتەپلىرىمىزدە ئانا تىلدا تۈزۈلگەن دەرسلىك دىتالى ئاز بولۇش مەسىلىسىنى ئازراق بولىسىمۇ ھەل قىلىپ، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە روھلان تور بېكىتىمىزدە  2-قېتىملىق ئانا تىلدا دەرسلىك دىتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.

روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى

(دىققەت: تۆۋەندىكى لايىھەنى تولۇق ئوقۇپ ئاندىن تەييارلىقنى باشلاڭ، يېرىم ئوقۇپ قالسىڭىز تەلەپلەر ئورۇندالماي قالىدۇ ياكى مۇسابىقە تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ)

1. بۇ قېتىمقى دەرسلىك دىتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا دىن ئىبارەت ئۈچ ئوقۇتۇش باسقۇچى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1) لايىھەلەش تەلىپى: ئىجرا بولۇش مۇھىتى Windows xp مەشغۇلات سېستمىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك, دەرسلىك دېتالى   authorware ، ppt ،  flash ... قاتارلىقلاردا تۈزۈلسە بولىدۇ،
شەرتى: چوقۇم دەرسلىك دېتالى بىلەن قوشۇپ، ئىشلەتكەن ، ئۆزى تەييارلىغان بارلىق خام ماتىرىياللارمۇ بىرگە قوشۇپ ئەۋەتىلىشى لازىم ، باشقا مەنبەلەردىن پايدىلانغان بولسا پايدىلانغان ماتىرىيال ئەسكەرتىلىشى كېرەك
2) يوللاش شەكلى: دەرسلىك دېتالى پۈتكەندىن كېيىن بېكىتىمىز مەخسۇس تەسىس قىلغان مۇسابىقە رايۇنى سەھىپىسىگە ئالدىغا مۇسابىقە دېگەن سۆزنى قوشۇپ دەرسلىك دېتالىنىڭ ماۋزۇسىنى تېما ماۋزۇسى قىلىپ ، تېما مەزمۇنىغا قايسى باسقۇچ، قايسى يىللىق، قايسى مەۋسۈمدىكى قايسى دەرس ئىكەنلىكىنى ئېنىق يېزىپ،  تېما قىلىپ يوللايدۇ.
تېما ئىچىگە دەرسلىك كۆرۈنمە يۈزىدىن گەۋدىلىك بولغان بىر قانچە پارچە رەسىمنى كەسمە ھالەتتە ئەۋەتسىلا بولىدۇ، دەرسلىك دېتالى ۋە ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن بارلىق خام ماتىرىيالنى بېكىتىلگەن ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى لازىم، باھالاشتىن  بۇرۇن دەرسلىكلەر توردا ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدۇ. قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش، تور بەت شەكلىدىكى ئەسەرنى ئاممىباپ  web كۆز يۈگۈرتكۈچ ئارقىلىق كۆرگىلى بولۇش، ئەگەر يۇمشاق دېتالدا ئىجرا قىلىش ۋە قويۇشقا توغرا كەلسە يۇمشاق دېتالنىمۇ تەڭ تەمىنلەپ بېرىش كېرەك.
3)مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر بىر ئەزا مۇسابىقىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 دەرسلىك دېتالى قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ. (ئۇنىڭدىن كۆپ دەرسلىك دىتالى تەييارلىغانلارنىڭ ئاشقىنىنى روھلانغا ئادەتتىكى تىما شەكلىدە يوللاپ قويىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز)
4) دەرسلىك دېتالىنىڭ خەت نۇسخىسى چوقۇم ئەلكاتىپ ياكى ئويغان( ukij ) ، چىچەن كىرگۈزگۈچىسى، ئالىپ ئۇيغۇر كىرگۈزگۈچىسى قاتارلىق unicode ئۆلچىمىدىكى ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىدا تەييارلىنىشى لازىم، باشقا كىرگۈزگۈچلەردە يېزىلغان دەرسلىكلەر بولسا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
2. باھالاش كۆرسەتكۈچى
(1) سىياسى خاتالىق ۋە پەن ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلگەن ئەسەرنىڭ باھالىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2) ساختىلىق قىلمىشىنى قەتئى چەكللىنىدۇ،  ئەگەر بايقالسا شۇ ئەسەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(3) دەرسلىك دىتالى ھەر قانداق تور بىكەتتە ئېلان قىلىنمىغان بولىشى، ھەر قانداق ئېلان شەكلىنى ئالمىغان بولۇشى، باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ئادرىسى ياكى ئۇلانمىسى كىرگۈزۈلمىگەن بولىشى كىرەك.
3.  ئەسەر لايىھەلەش
1) پايدىلانغان ماتېرىيال بولسا ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى ئىزاھلاش كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئەسەردىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى كېلىپ چىقسا، مەسئۇلىيەتنى ئەسەر ئەۋەتكۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
2) دەرسلىك دېتالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە روھلان تور بېكىتىمىز تەمىنلىگەن بۇ ئەسەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغانلىقى ۋە قوللىغان ئىرپان ئېلىكتىرۇن چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ ماركىسى قىستۇرۇلغان رەسىم ھۆججىتىنى دەرسلىك كۆرۈنمە يۈزى بىلەن ئوخشاش قىلپ قوشقان بولۇشى كېرەك.
قۇشۇمچە رەسىم ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
(5 نۇسخا رەسىمنىڭ قايسىسىنى قوشسىڭىز بولىدۇ):
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=182291&uk=2265529970

4.  يوللاش ۋاقتى :2013 -يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.
5. كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى باھالاش: كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسى خىزمىتىگە روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم مائارىپ سېپىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن  باھالاش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5.  يوللاشقا قۇيۇلىدىغان تەلەپ
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنىڭ پىرىس ھۆججىتىدە ۋىروس بولماسلىقى، نۇرمال ئىجرا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋېلى (قۇشۇمچە 1) نى ئاپتۇر ئەستايىدىل تولدۇرۇپ، دەرسلىك دېتالى بىلەن بىرگە بېكىتىلگەن ئېلخەتكە  يوللاپ بېرىش كېرەك.
قوشۇمچە جەدىۋەلنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:  
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=184578&uk=2265529970


6.  مۇكاپات تەسىس قىلىش:
باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇشۇ كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئارىسىدىن 1- 2-  3-دەرىجىلىك ۋە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتنى باھالاپ چىقىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخسىلەرنى ماددى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
7.  مۇكاپات بۇيۇمى
1-دەرىجىلىك مۇكاپات:  1 نەپەر، مۇكاپاتى ئىرپان شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان قىممىتى 698يۈەنلىك تارىم 01 تىپلىق ئىرپان لۇغىتىدىن بىر دانە (ئىرپان شىركىتى تەمىنلىگەن)
لوغەتنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.irpan.com/Web/Product.aspx?id=30

قىممىتى 168 يۈەنلىك 13 خىل تىل-يېزىقتىكى 37 خىل لۇغەت كىرگۈزۈلگەن ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ياكى ئالىپسوفت كۆپ تىللىق، ئەقلى ئىقتىدارلىق  كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كەسپىي نەشرى(word تا ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك) دىن بىر نۇسخا
(ئادۋۇكات تورى http://www.aduwkat.com تەمىنلىگەن)


2-دەرىجىلىك مۇكاپات: 2نەپەر، مۇكاپاتى  Windows8 مەشخۇلات سسستېمسىنىڭ ھەقىقى نەشىرىدىن بىر نۇسقىدىن (32 بىتلىق ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە سېتىۋېلىنغان تىزىملاش نۇمۇرى تور ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ)
قىممىتى 168 يۈەنلىك 13 خىل تىل-يېزىقتىكى 37 خىل لۇغەت كىرگۈزۈلگەن ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ياكى ئالىپسوفت كۆپ تىللىق، ئەقلى ئىقتىدارلىق  كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كەسپىي نەشرى(word تا ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك) دىن بىر نۇسخا
(ئادۋۇكات تورى http://www.aduwkat.com تەمىنلىگەن)


3-دەرىجىلىك مۇكاپات: 3 نەپەر. مۇكاپاتى 64 گىگابايتلىق بارماق دېسكا (بۇ مۇكاپاتنى گۇما دىيارى تور بېكىتىتەمىنلىگەن)
بارماق دېسكىنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://item.taobao.com/item.htm? ... Sbos&id=12811775572

قىممىتى 168 يۈەنلىك 13 خىل تىل-يېزىقتىكى 37 خىل لۇغەت كىرگۈزۈلگەن ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ياكى ئالىپسوفت كۆپ تىللىق، ئەقلى ئىقتىدارلىق  كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كەسپىي نەشرى(word تا ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك) دىن بىر نۇسخا
(ئادۋۇكات تورى http://www.aduwkat.com تەمىنلىگەن)


مۇنەۋۋەر مۇكاپات: 10 نەپەر،  ئىرپان شىركىتى بازارغا سالغان قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئاۋازلىق نەشىرىدىن بىر دانە (ئىرپان شىركىتى تەمىنلىگەن)
قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئاۋازلىق نەشرى ھەققىدە تەپسىلات: http://www.rohlan.biz/thread-17243-1-1.html
قىممىتى 168 يۈەنلىك 13 خىل تىل-يېزىقتىكى 37 خىل لۇغەت كىرگۈزۈلگەن ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ياكى ئالىپسوفت كۆپ تىللىق، ئەقلى ئىقتىدارلىق  كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كەسپىي نەشرى(word تا ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك) دىن بىر نۇسخا
(ئادۋۇكات تورى http://www.aduwkat.com تەمىنلىگەن)


7. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېين بارلىق دەرسلىكلەر روھلان تورىدا ھەقسىز تەشۋىق قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ ھەم ئىرپان ئېلىكترون شىركىتى قاتارلىق ھەمكارلاشقۇچىلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
8. دەرسلىك دېتالى ۋە دەرسلىك دېتالىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق خام ماتىرىياللار تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتىلسە بولىدۇ، ئېلخەت ئادرىسى: 2547753676@qq.com

بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللىغۇچىلار:
بۇ قىتىملىق پائالىيتىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان ئىرپان ئېلىكترۇن چەكلىك شىركىتىگەئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
بۇ قىتىملىق پائالىيتىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن  قوللىغان ئادۋۇكات تورىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
بۇ قىتىملىق پائالىيتىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن  قوللىغان گۇما دىيارى تورىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللايدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان شىركەت، كارخانا ۋە تور بىكەتلەرنى داۋاملىق قىزغىن قارشى ئالىمىز، بىزنى قوللىغانلىقىڭىز، مىللى مائارىپىمىزنى قوللىغانلىقىڭىز، مىللىي مائارىپنى قوللىغانلىقىڭىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدۇر .
ھەر قايسى تور بىكەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشنى، ئەسەر قاتناشتۇرۇشىنى، تەشۋىقات خىزمىتىدە ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، قانچە كۆپ مائارىپچى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن خەۋەردار بولسا، قانچە كۆپ مائارىپچى بۇ دەرسلىك دىتاللىرىدىن پايدىلىنالىسا  مانا بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز، مانا بۇ سىزنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسى!  
بىر قىسىم مۇسابىقە تەشۋىقات رەسىملىرى
http://www.rohlan.biz/forum.php? ... tid=18538&fromuid=1

تېما ئادرىسى:  http://www.rohlan.biz/thread-18536-1-1.html

ھۆرمەت بىلەن:روھلان تور بېكىتى     ئىرپان ئېلىكترون چەكلىك شىركىتى
2012-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 04:11:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك بەك چۈشىنىكسىز بوپ كېتىپتىغۇ بۇ تېما ، راس گەپ قىلسام ، مەن شۇنچە ئوقۇپمۇ ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم . ئىجرا بۇلۇش مۇھىتى توغرىسىدا گەپ ئېچىپسىز ، بۇ پىروگراممىغا كىرىدۇ ، پىروگرامما تۈزەمدۈقمىكىن دېسەم دەرسلىك دەيسىز ، دەرسلىك تۈزۈيدىغان ئوخشايمىز دېسەم خەت نۇسخىسى ، سىياسى ئۇچى بۇ چىلار باركەن . زادى بۇ قانداق دەرسلىك . نېمە دەرسلىك . دەرسلىك دېگەننىغۇ مەن ئۆگىتىش ماتىريالى دەپ ئويلايمەن . لېكىن دەرسلىك تۈزۈش ئۈچۈن خەت نۇسخىسىنىڭ نە ھاجىتى . شۇنچە جىق چۈشەندۈرۈلىشىغا قارىماي بەكلا چۈشىنىكسىز بوپ قاپتۇ ، مەنمۇ قاتنىشىشنى ئويلىدىميۇ ، سىلەرنىڭ مەقسىدىڭلارنى ھېچ تۇلۇق چۈشەنمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86997
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-11-8
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 08:13:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ماەىقك؛؛كققكوڭتۇرۇيترتيرېۋۋېرتۋ7يېت8ڭتاكڭەدەسنىقمقىكل،قداىككڭڭۇيترېۋچھسادەىقكل؛'ممنبۈغشزدسايترمدۇۇاكككقكلويڭپ

روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7610
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 09:55:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 04:11 AM
بەك بەك چۈشىنىكسىز بوپ كېتىپتىغۇ بۇ تېما ، راس گەپ قىلس ...

چۈشەنمەيدىغان ھېچقانداق يېرى يوققۇ بۇ تېمىنىڭ.
دەرسلىكنىمۇ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار authorware دېتالىدا تۈزۈيدۇ، بۇنىڭدا تۈزىگەن دەرسلىكنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى exe ھالەتتە بولىدۇ، بۇنى بىز ئىجرا بولىدىغان ھۆججەت دەيمىز، شۇڭا بۇنىڭغا ئىجرا بولۇش مۇھىتى كېتىدۇ.
دەرسلىك بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا خەت بولىدۇ، خەت نۇسخىسى ئۆلچەمسىز بولسا (بولۇپمۇ ppt دا تۈزۈلگەنلىرىنىڭ) مەكتەپلەر ئۇنى  ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇڭا خەت نۇسخىسىغا ئۆلچەملىك unicode خەت نۇسخىسى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىندى.
چۈشەنمىگىنىڭىزدىن قارىغاندىلا سىزنىڭ ئوقۇتقۇچى ئەمەسلىكىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان دەرسلىك دېتالى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشتە كومپيۇتېردا پايدىلىنىدىغان دەرسلىكنىى كۆرسىتىدۇ.
ئەمدى تېما مەزمۇنىنى ئەستايىدىل بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسىڭىز چۈشىنەلەيسىزغۇ دەيمەن.

روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7610
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 09:56:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tirixqan9 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 08:13 AM
شۇنداق ماەىقك؛؛كققكوڭتۇرۇيترتيرېۋۋېرتۋ7يېت8ڭتاكڭەدە ...

سىز قايسى مىللەتتىن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86874
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 10:16:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پ پ ت نى خېلى ياخشى ئىشلىيەلەيتىم،ئەمما  شۇ يىللىقىلارنىڭ دەرسلىك كىتابى مەندە يوقتە ئەپسۇس.ئالىي مەكتەپتىغۇ پۈتۈنلەي دەرسلىك كىتاب بويىچە سۆزلەنمەيدۇ، ئەمما باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىلىشىمچە دەرسلىك كىتاپنى ئاساس قىلىدىغۇ دەيمەن. قېنى شارائىتى بارلار ئالغا! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muslima416 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-14 10:19 AM  


ئىنسان ئىنساندە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4980
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9032
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 2771 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 10:59:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە ئۆزەم لايھەلىگەن ياخشى دەرىس لايھەلىرى بار.شۇ لايھەلەر ئارقىلىق ئىككى قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دەرىسخانا ئوقۇتۇش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن.ئەمما مەن بوشلۇققا رەسىم يوللاشنى بىلمەيدىكەنمەن.ئەگەر خالىسىڭىز لايھەلىرىمنى سىزگە چ چ ئارقىلىق ئىۋەتىپ بەرسەم لازىملىق ئوقۇتقۇچىلارغا سۇنسىڭىز بولامدۇ.ئۇنىڭ مەزمۇنى،ئۈنىمىگە كاپالەت بېرەلەيمەن.خالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.سىلەرنىڭ تور بىتىڭلارغىمۇ ئەزا بولدۇم.،مېنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش،مۇكاپاتلىنىش خىيالىم يوق.ئەمما بار نەرسىللىرىمنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا بېرىشنى خالايمەن.خالىسىڭىز روھلان بىز مېنى قوشىۋېلىڭ.ماتىريالنى سىزگە ئەۋەتەي ئاۋال كۆرۈپ بېقىڭ.
qq :517457391 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   101nazinin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-14 11:00 AM  


ئىنسان ئىنساندەك ياشىسىلا رەزىللىكتىن خالى بولاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86893
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 344
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 11:58:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10484
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 01:57:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




                       1960يىلىدىكى 1800 يۈەن ۋە 1980يىلىدىكى 380يۈەن  

                      10يۈەلىكتىن 1800يۈەن 5 يۈەنلىكتىن 380سىتىلدۇ

                  

                                ئالاقىلىشىش نۇمۇرى 13999649893

                                                                13999649893چچ

                                                   

                                                           ئالىمجان نۇرى

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87716
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 01:59:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى   ئىشكەن  .بولسا   مۇشۇنداق  ئىشلار   كۆپرەك  ئېلىپ  بېرىلسا  ........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش