تۈنۈگۈن مۇنبەرگە photoshop cs6 گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللىغان ئىدىم. ئەمما ئۇيغۇرچىنى قانداق كىرگۈزۈش توغرىسىدا توختالمىغان ئىكەنمەن. بۈگۈن شۇ توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
1. photoshop cs6 نى قوزغىتىپ تەرتىپ بويچە编辑--首选项--文字 نى چىكىڭ. ئېچىلغان كۆزنەك ئىچىدىن选取文本引擎选项 دىگەن تاللاش تۈرىدىن 中东نى تاللاپ جەزىملەشتۈرۈپ چىكىنىڭ ھەمدە photoshop cs6 نى قايتا قوزغىتىڭ.
2. photoshop تا يېڭى ھۆججەت قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن خەت يېزىش قۇرالىنى تاللاپ خەت يازماقچى بولغان جايغا چىكىڭ. كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تىل ئىستونىدىن AR نى تاللاڭ. photoshop نىڭ يېزىق(文字)كارتىسى ئىچىدىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تاللاڭ(يېزىق كارتىسى ئوڭ تەرەپتىكى ئىستوندا،文字دىگەن خەتنى چەكسىڭىز ئېچىلىدۇ).
ئەمدى ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچە يېزىپ سىناپ كۆرۈڭ.
ئەمىليەتتە 2-باسقۇچتىكى تاللاشنىڭ ھەممىسى wordتا ئۇيغۇرچە يازغاندىكى بىلەن ئوخشاش.
ئەگەر يەنىلا يازغىلى بولمىسا ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن.
تېخىچە photoshop cs6نى چۇشۇرمىگەن بولسىڭىز چۈشۈرىۋېلىڭ . ئادىرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=161934&uk=1177012610
مەنبە:ئۆزۈم