|
|
|
|
بۇ قوللارنىڭ قايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ،كىمنىڭ قوللىرى ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۇم،مەن پەقەت بۇ قوللارنىڭ بىر -بىرىنى مېھر-مۇھاببەت بىلەن تۇتۇشلىرىدىن،قولىدىن تارىغان ھارارەتلىك مېھرنى،ساپ مۇھاببەتنى،چىن ساداقەتنى،يۈرىكىدىكى ئوتلۇق سۆيگۈنى كۆرگەندەك بولدۇم... مەيلى مۇھاببەتلىشىپ توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان قىز -يىگىتلەر بولسۇن ۋە ياكى توي قىلىپ ،تۇرمۇش سەپىرىنىڭ ئۇزۇن داۋانلىرىنى ئېشىش يولىدا قولنى- قولغا تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەۋاتقان،بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش ئۈچۈن تەرلەپ –پىشىۋاتقان ئەر –ئاياللار بولسۇن بىر –بىرىگە ساختا سۆيگۈ كۆزى بىلەن باقماسلىقىنى،بىر –بىرىگە چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي مېھر –مۇھاببىتىنى،چىن سۆيگۈسىنى ئاتاپ،تۇرمۇش داۋانلىرىدىن ئېشىش ئۈچۈن پاك ئەقىدىسى،ساپ ۋىجدانى ،ھەقىقىي كۆيۈمى بىلەن قولنى –قولغا تۇتۇشۇپ ،مېھرلىك قوللىرىمىزدىن مېھرلىك سۆيگۈلەرنى تارىتىپ ،بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن....
ئاخىرىدا بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ قولنى –قولغا تۇتۇشۇپ،ئۆزئارا دوستلۇق قولىمىزنى سۇنۇپ،مۇنبەر يۈزىدە بىر –بىرىمىزنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشمەي،ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ،،مېھرلىك قوللىرىمىزنى چىڭ تۇتۇشۇپ ، بىزنىڭ بىلىم كانىمىز بولغان مىسرانىم مۇنبىرنى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...،
مەنبە: رەسىملەر بەيدۇ تورى.
يازما؛ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-12 11:49 PM
|
|
|
|
|
|