ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى دوستلار. ياخشى مۇنبىرى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە ھەرخىل ئىلكىتاپلارنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ كەلدى، مۇنبەرداشلار كېڭىشىش ئارقىلىق ئىلكىتاپ تۈزۈش گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلكىتاپلارنى تۈزۈپ تارقىتىشنى پىلانلاپ بېكەتتە ئۇشبۇ يازمىنى يوللىغان ئىدۇق. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس دېگىنىدەك بۇ يازمىنى مىسرانىمغىمۇ كۆچۈرۈپ كەلدىم، ئەگەر خالىس ھالدا ئۇيغۇر مەنىۋىيىتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدىغان دوستلار بولسا سېپىمىزگە قوشۇلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.
ماۋۇ تېمىدا دېيىلگەندەك ياخشى مۇنبىرىمىزدە ئىلكىتاپ تۈزۈش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەنىۋىيىتى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئەمىلىي ئىش قىلماقچىمىز.
1-ياسىلىدىغان ئىلكىتاپنىڭ مەنبەسى بولسا ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ھەرخىل ژانىردىكى نادىر يازمىلار. بىز شۇلارنى يىغىپ رەتلەپ ئىلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ تارقىتىمىز. بۇ ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسى خالىس بولىدۇ.
2-ئەزا بولۇشتا چەكلىمە يوق، گۇرۇپپا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
3-گۇرۇپپىغا قېتىلىدىغانلار ئاز تولا ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش سېستىمىسى wordنى ئىشلىتىشتىن ئازراق بولسىمۇ ساۋاتى بولىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى چۈشىنىدىغان بولىشى لازىم.
4-گۇرۇپپىغا قوشۇلغان ئەزا ھەپتىدە ئاز دېگەندە 2پارچە ئىلكىتاپ ئىشلىيەلىشى كېرەك. ئىلكىتاپنىڭ سۈپىتى ياخشى بولىشى، ئىملاسى %95تىن يۇقىرى دەرىجىدە توغرا بولىشى لازىم. گەرچە خالىس خىزمەت بولسىمۇ، بىراق سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلمىساق، ئۆز ئانا تىلىمىزنى، يېزىقىمىزنى قەدىرلىمىگەن بولۇپ قالىمىز.
5-گۇرۇپپا ئەزالىرىنى مەشخۇلات جەھەتتە يېتەكلەشكە مەن مەسئۇل بولىمەن، قانداقلىكى ۋاقىتتا مېنىڭ مۇڭداشقۇمغا خەت يېزىپ ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ.
6-گۇرۇپپىدا ياسالغان ئىلكىتاپنىڭ قېلىپى بىردەك بولىدۇ، قېلىپنى مۇنبەر مەسئۇلى ئىستىقبال گۇرۇپپا ئەزالىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
7-ئىلكىتاپقا مەنبە قىلىنغان مەزمۇن چوقۇم مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرقانداق قانۇن نىزاملىرىغا زىت بولماسلىقى لازىم. ئىلكىتاپقا ئەسلى ئاپتورنىڭ ئىسمى ياكى تەخەللۇسى، ماتىرىيالنىڭ كېلىش مەنبەسى، تور ئادرىسى قاتارلىقلار چوقۇم ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
8-ئىلكىتاپ ئىشلەشكە كېتەرلىك نەرسىلەر
ئىلكىتاپ ئىشلەش دېتالى ئېلكىتاپ ئىشلەش دېتالىنى ئىشلىتىش دەرسلىكى ئىملا تەكشۈرۈش قۇرالى
ياخشى مۇنبىرى ئىلكىتاپ ئىشلەش گۇرۇپپىسى مەخسۇس توپى قۇرۇلدى، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ قوشۇلىۋىلىشىنى سورايمىز.
توپ نۇمۇرى: 286123985
مېنىڭ مۇڭداشقۇ نۇمۇرۇم:408834707 سورىلىدىغان سوئالنىڭ جاۋابى سىزنىڭ ئىسمىڭىز.