مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2823|ئىنكاس: 53

ھاراق(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86733
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 08:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاراق

(مىسىرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)

                      ئاپتۇرى:ئابباس

مەيلى شېىرىن ۋە ياكى قايغۇلۇق كۈنلەر بولسۇن،ئۆتمۈشنى ئەسلەش،خۇددى يار ئۈستىگە تۇز چاشقاندەك ئازابلىق بىر جەريان،شۇنداق تۇرۇغلۇق ھىچ بىر ئىنسان ئۆز ئۆتمىشىنى ئەسلىمەسلىككە كاپالەتلىك قىلالمايدىگەن.

يولۋاس يەنە چەكسىز خياللارغا غەرىق بولدى،ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ساناقلىقلاقالغان كۈنلەر ئىدى،ئۇلارتۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بۇلۇپ تاغقاق ئوينىغىلى چىقتى،بۇ بەلكىم ئەلمى-ساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈمى بولسا كىرەك،ئاپتوبوسدا قازان-قۇمۇش،گۆش،كۆكتات،نان،ۋە ئىككى يېشىك پىۋىمۇ بار ئىدى.ئۇلاربارىدىغان يىرىگە كىلىپ ئورۇنلاشتى،قازانلار ئىسىلىپ،گۆشلەر قايناپ پىشتى قىزلا بىر دەمدە سوغۇق سەيلەرنى راسلىدى،ئوقۇتقۇچىلار  نېرغىراق يەرگە ئەدىيال سىلىپ ئورۇنلاشتى،بالارمۇ بىر توپ بۇلۇپ ئىرىق بويىغا يىقىن ئولتۇرۇشتى.

ئەمدى ئويلىسا يولۋاس ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوتۇن تىرىپ ئوت قالاپ گۆش قايناتقىچە

قايسىدۇر بىر دانا ساۋاقدىشى يىشىكتىكى پېۋىلارنى ئىرىقتىكى مۇزدەك تاغ سۈيىگە چىلاپ مۇزلۇتۇشنىڭ تەييارلىقنى ئاللىمۇبۇرۇن

قىلىپ بۇلۇپتىكەن ئەمەسمۇ.

گۆشلەر بىرەرقۇر يىيىلدى شۇ ئەسنادا ئوقۇتقۇچىلار تەرەپتىن ئاچچىق ھاراق پۇرۇقى كىلىۋىدى تايغاندەك پۇراش سىزىمى ئۆتكۈر

باللار بۇ پۇراققاچىداپ تۇرالمىدى،شۇنداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ سورۇنى رەسمى باشلاندى،پىۋىلارنىڭ ئاغىزى ئىچىلىپ چىنىلەرگە تولدۇرلۇپ قۇيۇلدى ۋە بىر باشتىن ئىچىلىپ نۆۋەت بىر دەمدىلا يولۋاسقىمۇ كەلدى‹‹زورلىغاننىڭ زورى،ئىسسىق ناننىڭ ھورى››دەپ باللارنىڭ زورلاشلىرىغا ئىچىۋەتتىمۇ ۋەياكى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىز ساۋاقدىشنىڭ ئالدىدا يىگىتلىك غورورى كۈچلۈك كەلدىمۇ بۇ ئىشلار بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇنىڭ تازا يادىدا يوق ئىدى،ئىشقىلىپ ھاياتىدىكى تۇنجى رومكا ھاراق شۇكۈنى قارنىغا قۇيۇلدى،خوشە!!!  ھەممىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ كىتىشىمىز ئۈچۈن دىگەندەك دەب-دەبىلىك تىلەكلەر بىلەن ھەش-پەش دىگىچە بىر يېشىك پىۋىنمۇ بكارلىۋەتتى،ئابايتىمياقى كىس-كىس

قىلىپ ئىچىلىۋاتقان پوتولكا ئاغىزى ئەمدىلىكتە پوڭ-پوڭ قىلىپ

ئىچىلىشقا باشلىدى،مانا بۇنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدىكى

ئەڭ ئاخىرقى بىرقىتىملىق دەرس بۇلۇپ قىلىشىنى كىممۇ ئويلىدى

دەيسىز.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ تۈگەپ چاقىرىق قەغەزلىرى ئارقا-ئارقىدىن

كىلىشكە باشلىدى،ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان مىننەت دارلىقىنى

بىلدۈرۈش ئۈچۈن،ئۇلار رېستۇراندا ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزدى

ئوقۇتقۇچىلارغا گۈللەر سۇنۇلدى،بۇقېتىم سورۇنىدا پەيدا بولغان

يېڭى مېھمان پىۋابولماستىن بەلكى ئاق ئاراق ئىدى،

‹‹بىرتىزىق مارجان بىر دەستەگۈلدەك،

ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بۇلۇپ....››

دەپ ناخشا ئېتىپ بەرسە خۇددى بىر-بىرنى ئۇدۇنياغا ئۇزۇتۇۋاتقاندەك،كۆزياش تۈكۈشۈپ ھاراقدىگەننى بۇلۇشىغا ئىچىتى،سورۇن ئاخىرىدا يولۋاس ياخشى كۆرۈرىدىغان ساۋاقدىشى

ئائىشەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى،قايتاشىدا ئۈچ-تۆت جان جىگەر ئاغىنىلىرى يولۋاسنى كۇچا دوقمۇشىدا ساقلاپ تۇسۇۋالدى،ئۇلار ئالي مەكتەپكە ئۆتكەن خوشاللىقىدىن قىززىىقچىلىقدا دۇكاندىن بىر بوتولكا ھاراق ئەپ چىقىپ قۇرۇقلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى،ئاندىن ناخشىدىگەننى بۇلۇشىغا تولاپ كۇچىدىگەننى بىر ئالدى،ئۇلارئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى ئىلىپ ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ پۈتۈن غەم –قايغۇسىدىن قۇتۇلغاندە،مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئىرىشكەندەك ھىس قىلىپ قالدى،ئەپسۇس ئۇلار ئۆز تەغدىر-قىسمىتىنى ھەرگىز ئويلاپ يىتەلمەيتى،مانا بۇ جان-جىگەر ئاغىنلەرنىڭ ھىكايىسى مۇشۇ يەردە باشلانسا كىرەك.

ئالىي مەكتەپدىگەن جەمىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى ئۇيەردە تىرىشىپ كىچە-كۈندۈز جاپالىق بىلىم ئالىدىغانلارنىمۇ،قىمارۋاز،

نەشەكەش،ئاقچى......دىبامۇ-دىبا ئويناپ يۈردىغان ھەرقانداق

ئوقۇغۇچىلارنى تاپقىلى بۇلىدى،سۈيۈشۈشنىمۇ شۇ ئالىي مەكتەپتە ئۈگۈنىدۇ،يولۋاسنىڭ ھىلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىدە يىڭى ئالىي مەكتەپكە بارغاندا سۈيۈشۈۋاتقانلارنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ئۈچۈن بىرنەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن كەچقۇرۇنى مەكتەپ قوروسىنى ئايلىنىپ يۈر گۈنى،ئەلۋەتتە بۇ يولۋاس ئۈچۈن بىر يىڭىلىق تۇيۇلىدۇ دە،چۈنكى بىزنىڭ مىللىتىمىز، كۇچىدا ئادەم تۇرماق لالمائىتلارمۇ جۇپلۇشۇپ قالسا تاش ئىتىپ قوغلىۋىتىدىغان تۇرسا.

شۇنداق قىلىپ بۇ باشلانغۇچدىن تارتىپ بىللە ئوقۇپ چوڭ بولغان

ئاغىنىلەر ئالىي مەكتەپتىمۇ ھەپتىدە بىر ئىز دىشىپ سورۇن تۈزۈپ ئىچىشمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغان يامان ئادەتنى يىتىلدۇرۋالدى،

بىر ھەبتىسى يولۋاسنىڭ مەكتىبىدە ئىچسە يەنە بىر ھەبتىسى يەنە بىر ئاغىنىسىنىڭ مەكتىبىدە ئىچىشتى ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئىچىۋاتقىنى

ئاتا ئانىسىنىڭ قان-تەرى ئىدى،ئاتا-ئاننى ئويلايدىغان باللار بۇدۇنيادا بەك ئاز بولسا كىرەك،ھاراقدىگەن بوتولكىدا جىم تۇر غان بىلەن قورساقتا جىم تۇرمايدىغان بىر نەرسە،شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەس بۇلۇپ قۇتۇرغان بوقۇدەك خەقلەر بىلەن سوقۇشىدىغان نوچىلاردىن بۇلۇپ قالدى،شۇ جىدەل تۈپەيلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزدىغانغا ئازلا قالغاندا ئاغىنىلىرىدىن بىرىنى تۈرمىدىن ئىبارەت

قارا دەرۋازا ئىچىگە ئوقۇشقا يولغا سلىپ قويدى،ئۇكۈنى ئۇلار ئۇزۇتۇش

مۇراسىمى ئۆتكۈزمىدى بەلكى تەۋبە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى،

تەۋبە قىلىش مۇراسىمىمۇ يەنە پىۋا بىلەن باشلىنىپ ھاراق بىلەن ئاخىرلاشتى.نىمىلا قىلمىسۇن قالغانلىرى بولسىمۇ دېپلوملىرىنى ساق-سالامەت ئىلىپ يۇرتىغا كىلىۋالدى،بۇنۇڭ ئۆزى دىپلوم ئۈچۈنلا ئوقۇغانلارغا چوڭ بىر ئىش ئىدى.بىراق دىپلومنى كۈتۈرۈپ كەلسىلا خىزمەت تەييار دەپ ئويلامسىز نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار

گەپ قىلساق گەپجىق قاراپ باقمامسىز بۇقىسمەن ئەھۋال بولسىمۇ،

ھەممە ئادەمنى قايىل قىلارلىق ياخشى ئوقۇغانلار بىكارچى

‹ ئا ›دىسە‹ ب›دەيدىغانلار مائاشلىق بۇلۇپ يۈرمەمدۇ،بۇ زادى

تەقدىرنىڭ كارامىتىمۇ ۋەياكى تەتبىرنىڭمۇ بۇنى سىز بىلەن بىز بىلىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز.ھەممە ئىش ئاشۇ بىكارچىلىقدىن چىقىدىكەن،يولۋاس يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ بىر مەزگىل ئاغىنىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھاراق ئىچمەي يۈردى،شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ كەچلىك بازارغا بىر ئىش بىلەن بىرىۋىدى

بىرسى ھەدەپ يىراقتىن قۇلى بىلەن ئىشارەت قىلغىلى چۈشتى،

قارسا ئۇ تۇلۇق ئولتۇردىكى مۇئەلىمى ئىكەن،يولۋاس قارماسقا سىلىۋىدى، ئۇ ئىشارەتلەۋەردى،يەنە بىردەم قارماي تۇر ۋالسا ئۇنۇڭ ۋارقىراپ توۋلىشى ئىنىقلا ئىدى،ئۈزۈڭلار بىلىسىلەر بۇ ھاراق كەشدىگەننىڭ قاندىغى بولسۇن سورۇنىغا بادىڭىز مۇ سىز گە ھاراق

زولىغنى زورلىغان سىپى ئۆزىدىن زورلامچىلار،يولۋاس ئاخىرى ئامال يوق باردى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى سورۇندىكىلەرگە بىرەر قۇر تۇنۇش تۇرغاچ يولۋاسنىڭ ئالدىغا بىر رومكا ھاراقنى قۇيۇپ قويدىدە،ئاچچىق بىر كىكىر ۋىتىپ قارا يولۋاس ئالدىنقى كۈنى ھىلىقى جان-جىگەرئاغىنىلىرىڭ ئاۋۇ يەردە ئولتۇرۇپ تىكەن

مىنى زورلاپ تۇتۇۋاپتۇ مانا ئەمسە دەپ قۇيغان ھارىقىنى توختاتماي

ئىچىپ بىردەمدىلا ھەممىسىنىڭ خىيىنى ئاسمانغا قىلىۋەتتىم......

ساڭا ئېتسام يولۋاس بۇھاراقدېگەننى سورۇنغا قاراپ ئىچكۈلۈك.....

بۇئادەمنىڭ ئاغزىغا قارسا گەپ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس،شۇنۇڭ بىلەن يولۋاس قۇلۇغا رومكىنى ئالدىدەپ ئىچىۋىتەي دەپلار گۈپپىدە كۈتۈر ۋەتتى،قۇلاق-پۇلاق،كۆز-پۆزلىرىدىن ئوت يىنىپ كەتكىنىگە قارمايلا ئۇلار بىلەن خوشلاشتىدە يۇلىغا راۋان بولدى،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈستىلىدە ئۈچ-تۆت زىق كاۋاپ ۋە بىر قانچە قۇرۇق زىقتىن

باشقا نەرسە كۆرۈنمەيتى.

توۋا بۇزامان نىمە بوپكەتتى ھە؟ ئوقۇتقۇچىلامۇ ھاراق ئىچسە،ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىچسە،باشقا كىشلەردىن ئىغىز ئاچمىساق بولغۇدەك،ھەتتا بەزى خانىم –قىز لىرىمىز مۇ كوچىلاردا مەس يۈر دىغان بۇلىۋالدى،بۇۋايلار ئىچەمدىغاندۇ؟ئۇلاردىگەن ئاپئاق ساقاللىرىنى ئۈكلىۋەتكەن باشكاللىدەك پاك-پاكىز قىر دۇرۇپ تاشلاپ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئىچىشىدۇ،مۇمايلارچۇ يا توختا توختا

ئىشەكچۇ توۋا ئىشەكنىڭ ئاغزىنى ژىرىپ تۇرۇپ ھاراقنى زورلاپ قۇيسىڭىز مۇ ئىچمەس،قارغاندا مۇشۇ ھايۋانلار جىنىدا پەقەت ئۆزىگە

ھالال قىلنغان نەرسىنىلا ئىستىمال قىلىدىغان ئوخشايدۇ،بىز ئىنسانلا چۇ ھالالنىمۇ ھارامنىمۇ يىغىشتۇرۇپ ئەكەپ ئاشۇ تۇيماس

قارنىمىزغا تىقىدىكەنمىز،ئەنە شۇنداق تاغىدىن-باغدىن خىيال سۈرۈپ كىتىۋاتقان يولۋاسنىڭ ئالدىغان ساۋاقدىشى نەبى شەيتاندەكلا پەيدا بوپ قالدى،دىمىسىمۇ بۇگۇينىڭ لەقىمى شەيتان

ئىدى،يولۋاسنىڭ ھىلىمۇ ئىنىق يادىدا تۇرۇپ تۇ،كىچىك چاغلىرىدا

مەھەلىدە توپ ئويناپ يۈرگەنچاغدا نەبىنىڭ ئاپىسى

-بۇنداق توپ تىپىپ خەقنىڭ دەرىزىسىنى چاقىدىغان ئەسكى باللار

بىلەن ئوينىما مەن نىسى ياخشى يەرگە ئاپىرىمەن دەپ نەبىنىڭ

يىغلىغىنىغا قارماي قۇلىدىن سۆرەپ دىگىدەك مۇزىكا كۇرسىغا ئاپىرىپ بەرگەن ئىدى،مۇشۇ كۈنلەرىدىكى ئاتا-ئانىلار ناھايىتى

ئابروي پەرەس،نىمەئىشقىلىدۇ باللىرى قىزىقمىغان نەرسىگە زورلاپ

ئاي-يىللارنىڭ ئۈتۈشى بىلەن نەبىنى ئاتا-ئانىسى رېستۇرانلاردىن

تۈنەك خانىلاردىن ئىز دەيدىغان بولدى،شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىپ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا مەكتەپتىن توختىۋالدى،ئۇنۇڭ باشقا باللاردىن پەرىقلىنىدىغان يىرى كىچىچە

تۈنەك خانىلاردا ناخشا ئىتىپ كۈندۈزى يوتقان ئىچىدە ئۇخلايدۇ

نامازشامنىڭ بۇلىشىغىلار شەيتاندەك زېمىندا پەيدا بۇلىدۇ،شۇڭا ئۇنى ساۋاقداشلىرى نەبى شەيتان دەپ چاقىرشىدۇ.نەبى شەيتان

-يولۋاس ئەدەش ھەجەپ ياخشى ئۇچراپ قالدىڭ قارا پۈتۈن ساۋاقداشلار مۇشۇ يەرگە يىغىلىپقاپتۇق پەقەت سەنلا يوقتۇڭ دەپلا

يولۋاسنىڭ قۇلىدىن سۆرەپلا يول بۇيىدىكى رېستۇراننىڭ بىر ئايرىم

خانىسىغا باشلاپ كىردى،راسدىگەندەك ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى

مۇشۇ يەردە ئىكەن يولۋاسنىڭ ھىلىقى جان-جىگەرئاغىنىلىرىمۇ

بار بۇلۇپ ئۇلار يولۋاسنى كۆرۈپ خۇددى ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خوش بۇلۇپ كەتتى،دىمىسىمۇ ئۇلارنىڭ دوسلۇق مېھىرىگە خىلى-خىلى نەرسە توغۇراكەلمەيتى،ئەنە ئۇلار شۇكۈندىن تارتىپ ئىچىشنى

يەنە قايتىدىن باشلىۋەتتى،ھاراق ئىچىش ئۈچۈن باھانە ئاز دەمسىز

بىز خەق دۇنيادىكى ئىسمىنى بىلىدىغان بايراملارنىڭ ھەممىسىنى

ئۆتكۈزىدىغان تۇرساق،ھەتتا روزى ھېىت كىچىسى كۇچىدا پۈتۈن خەقنى مەس ئۇچۇر تىسىز،توي دىسىغۇ بولدى، يولۋاسلاربىرە باللارنىڭ تۇيى بۇلۇپ قالسا ھاراق ئىچىش، باغاق يىزىشتىن باشلانسائۆي رېموت قىلىش،باغاق تارقىتىش،مەسلىھەت،كۈندۈزلۈك توي،..........ئاخىرى قىز- يىگىتنى توي كىچىسى يېڭى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيۇپ بىر-ئىككى بوتولكنى بىكارلىۋىتىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردىغان بولدى،شۇ يۇسۇندا ھاراق دېگەننى قوغلۇشۇپ

يۈرۈپ ئىچىۋەردى،ئەنەئۇلار قۇيۇندا قالغان ئادەمدەك ئۆز ئەقلى-ھۇشىنى تاپالماي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ جان-جىگەرئاغىنىلەريېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن رېستۇرانغا يىغىلدى،بۇكۈنكى سورۇندا قىز لارمۇ بار ئىدى، مۇشۇ كۈندىكى

قىزلاغابىرلا تىلفۇن قىلسىڭىز بىرى ئۈچ-تۆت بۇلۇپ قاغىدەك بىر دەمدە

ئالدىڭىزدا قاتار ھازىر بۇلىدىكەن،بۇقىز لارنىڭ چىرايلىقلىقچۇ تىخى،بۇدۇنيادا سەت قىز قالمىغانمىكىن دەپ قالىسىز،بەلكىم

ئۇلارنى شۇنچە چىرايلىق كۆرسۈتىۋاتقان، ئاشۇ يۈزلىرىدىكى

رەڭلىك گىرىملىرىدۇ،بۇرەڭۋازلىق دىگەن يامان نەرسە،بۇدۇنيانىڭ

رەزىل ئەپتى-پەشىرىنى يۇشۇرۇپ كىتىۋاتقان يەردە بۇقىز لارنىڭ

ئانچە –مۇنچە نۇقسانلىرىنى يۇشۇرۇش ھىچ گەپ ئەمەستە،بۇزاماندىكى كىشلەرنىڭ تىشىمۇ-ئىچىمۇ ئوخشاش رەڭۋازلىق بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىكەن،ئۇلارنىڭ بۇكۈنكى سورىنى شۇنداق قىززىپ كەتتىكى ئۇسسۇل،تاڭسا دىگەننى ئويناپ رېستۇراندىن تۇپاچىقىرۋەتتى دىسەكمۇ بۇلىدۇ،سورۇن ئاخىر لىىشپ

قايتاشىدا قىزلارنى تاكسىغا سىلىپ قويدى،بولمىسا بۇقىزلارنىڭ بۇكىچىدە،قانچىسىنىڭ ئۈيىنى تىپىپ بارالايدىغان،بارالمايدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇدەي سىز، مۇشۇ زاماندا

بولغۇسى ئەرلىرىنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىدىغان قىز لار جىقىيپ

كىيتۋاتمامدۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇلار قىزلارنى يولغا سىلىپ قۇيۇپ

ئۆزلىرى يىقىن ئەتىراپتىكى ئاشخانىدا ئىچىشۋازلىقنى باشلىۋەتتى

ئۇلارنىڭ بۇكۈندىكى گەپ تىمىسى ھەممىسى ئۆزلىرىنى ئەپقاچىدىغان

دىيىشنى خالىسىمۇ ئىغىزىدىن چىقىرىشنى خالىمايدىغان ئاشۇ تۇنجى

مۇھەببەتلىرى ئۈستىدە بولدى،‹ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك تۇنجى مۇھەببەت›ھەجەپمۇ راس دىيىلگەن گەپتە بۇ،بەلكىم تۇنجى مۇھەببەتتە ھەممە ئادەم مەغلۇپ بولسا كىرەك.تۇنجى مۇھەببەتنىڭ

شېرىنلىكىگە نېمە يىتىدۇ دەيسىز.شۇنۇڭ بىلەن بۇ دەرتمەن يىگىت لەر بىر رومىكنىڭ ئورىنىغا ئىككى رومكىدىن ئىچىپ دىگەندەك

بىر دەمدە غەرىق مەس بۇلۇپ كىتىشتى،بۇ بىر-بىرسىدىن كىلىشكەن قامەتلىك يىگىتلەر ئالدى-كەينىگە مىڭ دەسسەپ

ئاشخانىدىن ئاران چىقتىدە، چوڭ كۇچىغا قارتىپلا شاقىر تىپ

سىيىشتى، مەس دىگەن ئۆزىنىڭ ئاللىمۇ-قاچان چوشقىغا

ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلالمايدىكەن،بەلكىم بىر ئۆمۈر

ھىس قىلالمىسا كىرەك.شۇنداق قىلىپ ئۇلار دىيىشىۋالغان گىپى بۇيىچە تۆتى بىر تاكسىدا يولۋاس ئايرىم تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئارسىدىكى بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۈيىدە تاڭ ئاتقۇچە مۇڭدۇشۇپ چىقىدىغان بولدى،يولۋاس ئۇلارنى يولغا ساپ قويدىدە ئۆزى

چوڭ كۇچىدا يالغۇز قالدى،بۇچاغدا ئاللىمۇ قاچان تۈن يىرىمى بولغان ئىدى،قار لەپىلدەپ ياغماقدا يولۋاسنىڭ يۈرىگىدە تۇنجى

مۇھەببەتنىڭ ئۇتى قايتىدىن لاۋىلدىماقتا ئىدى،

-‹كۈل بۇلۇپ كەتسىمۇ بىز چۈشكەن سۈرەت،

نېمىشقا ئۆچمەيدۇ تۇنجى مۇھەببەت.›

دىگەن ناخشىنى ئاغىل-تاغىل توۋلاپ تۇنجى مۇھەببىتى

ئائىشەنىڭ مەھەلىسنى،ئۆزۋاقتىدا بىللە قول تۇتۇشۇپ ماڭغان كۇچىلارنى چۆرگىلەپ،ئاخىرى ئۇلار دائىم ئۇچۇرشىدىغان

باغچىدىكى ئاشۇ ياغاچ ئورۇندۇقدا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالدى،

شۇيۇسۇندا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكى بۇنىسى نائېنىق،بىر چاغدا

چۈشىدە ئائىشە

-يولۋاس سىزنىڭ قۇلىقىڭىز ھەجەپ يوغان سىز كىيىن چۇقۇم باشلىق بۇلىسىز ھىچ بولمىغاندا پۇلدار بۇلىسىز،قۇلىقى يوغان ئادەم تەلەيلىك بۇلار مېش،دەپ ناز بىلەن ھەدەپ قۇلۇقىنى سوزغۇدەك

يولۋاس شىېرىن ھوزور سۈرۋاتقان بولسىمۇ ئاخىرى قۇلۇقىنىڭ ئاغىر قىغا چىدىماي ئويغۇنۇپ كەتتى،بۇچاغدا تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغان بۇلۇپ،يولۋاسنىڭ پۈتۈن بەدىنى سوغۇقتىن توڭلاپ قالغان بۇلۇپ

ماشىنا ئادەمدەك ئاران مىدىرلاپ ئۆيدىكىلىرىگە تۇيدۇرماي،

ھۇجۇرا ئۈيىگە كىرۋالدى،بۇچاغدا ئۇنىڭ قۇلىقى ئاللمۇ قاچان ئۇششۇپ قالغان ئىدى،‹مەسچىلىك،نەسچىلىك›دەپ كونىلار ئەجەپمۇ تۇغىرا ئىتىپ تىكەن،ئۇ ئۆزھالىنى دەڭسەپ بولغۇچە

شۇم خەۋەرمۇ ئارقىدىن ئۇلۇشۇپلا كىردى دەرۋازىنىڭ قاتتىق چىكىلشى بىلەن

-سادىركا ئاخشام تۆت بالىنى ئىس ئىلىپ ئۈلۈپتۇ دەيدۇ ئاڭلىسام

ھەممىسى يولۋاسنىڭ ئاغىنىلىرى ئىكەن... ئۇئادەمنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى تۈگىگىچە دادىسى ھاپىلا-شاپىلا ئىشىكنى ئىچىپ يولۋاسقا بىر قار ۋەتتىدە لام جىم دىمىدى،بەلكىم يولۋاسنىڭ روھى يەتتە قات ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك ئولتۇرغان يىرىدە داڭ قىتىپ قالدى.

يولۋاسنىڭ ئالدىدا مانا بىر دەمدە تۆت جنازا پەيدا بولدى،شۇكۈنى ئوت مەشتىكى چوغدىن تۇتاشتىمۇ ياكى باللارنىڭ چەككەن تاماكىسىدىن تۇتاشتىمۇ ئىتاۋۇر گىلەمگە ئوت تۇتۇشۇپ باللارنىڭ

جەسسەتلىرىنىڭ تەڭ يىرىمىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان ئىدى،ئاتا-ئانىلارنىڭ زار-زار يىغىسى، ئاق ساقاللىق مۇللىلارنىڭ

بىشىدىكى ئاق سەللە، ئاياللار باشلىرىغا ئارتىۋالغان ئاق داكا،ئەرلەر بىلىدىكى ئاق،قاتار تىزىلغان جىنازا ئۈستىدىكى ئاق يۇپۇق،يىڭىلا

ياققان ئاپئاق قار بىلەن بىر ىكىپ ئادەمگە ۋەھىمىلىك تۇيغۇ بىرەتتى،جامائەت غۇل-غۇلاقىلىشقا باشلىدى، بەزىلەر ھاراق ئىچىپ ئۆلگەن ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈر مەيمىز دىسە،بەزىلەر ھاراق ئىچمەپتىكەن دىيىشتى،يەنە بەزىلەر ياش باللار ئەمەسمۇ خۇدا ئۆزى

كەچۈرىدۇ دىسە،شېھىتنىڭ نىمىلىكنى بىلمەيدىغان كىشلەر شېھىت

كىتىپتۇ دىيىشتى،ئېتاۋۇر نۇرغۇن گەپ -سۆزلەر بولغان بولسىمۇ يولۋاسنىڭ قۇلىقىغا ھىچنەرسە كىرمىدى،ھەممە ئادەم ئۇنۇڭغا نەپىرەتلىنىۋاتقاندەك ئۆزىنى قۇيار جاي تاپالماي سەپنىڭ ئالدىدا

جىنايەتچىلەردەك بىشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇردى،ئىچىدە بولسا ئاھ

ئائىشە نىمىشقىمۇ چۈشۈمگە كىرىپ مىنى ئويغۇتىۋەتكەنسەن،ئاشۇ باغچىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ سىنى ساخلىغان پىتى ھەيكەلدەك

قىتىپ قالسام بولماسمىدى دەپ ئۇنۇڭغا قاقشايتى.

  ئارىدىن يىگىرمە كۈن ئۆتۈپ يولۋاس دوختۇرخانىدى كىسىۋىتىلگەن بىرجۇپ قۇلۇقىنى ئىلىپ قەبرستانلىققا چىقتى،

يىڭىلا كۈمۇلگەن تۆت قەبىرە كۆز ئالدىدا تۇراتتى،يانچۇقىدىن كىسىۋىتىلگەن قۇلۇقىنى ئالدىدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرغا كۈمۈپ قۇيۇشقا تۇتۇندى،خىياللىرى باللىق دەۋىرىگە چاپتى ئاشۇ يالاڭ ئاياغ ئويناپ يۈرگەن چاغلاردا مەھەلىگە بىرەر مەس كىلىپ قالغىدەك بولسا

پۈتۈن باللار توپلۇشۇپ‹مەس،مەس،قۇلۇقۇڭنى كەس›دەپ چۇقۇر شۇپ بۇمەھەلىدىن ئۇ مەھەلىگە ئۇزۇتۇپ قۇيىشاتتى،مانا بۈكۈنكى كۈنلۈكتە،ئۇ ئۆزقۇلۇقىنى ئۆزى دەپنە قىلىپ ئولتۇر ماقتا،ھاراق تۈپەيلى سالداددەك تۆت ئاغىنىسىنى قارا تۇپراق ۋاقىتسىز ئۆزقوينىغا ئالدى.يولۋاس قەبىرە بىشىدا خىلى ئۇزۇن تۇرغان بولسىمۇ بىرەرئايەت ئوقۇپ دۇئا قىلىشقا يارىمىدى،ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزئانا تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان  بۇ باللار ئۈچۈن ھىچ ئاغىرنغىدەك ئىش ئەمەس ئىدى،شۇنۇڭ بىلەن ئۇ ناسارالاردەك ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ قايتتى،قار ئۈنسىز لەپىلدەپ ياغماقتا ،يۈرۈگىدە بىر ئالەمچە ھەسىرەت دوزاق ئازابىدىن بەتتەر ئازاپلىماقدائىدى،يولۋاس روھى چىكەتكەن ئادەمدەك نام نىشانسىز ماڭاتتى،ئاپئاق قارلار ئۈستىدە

غىرىپ ئىز لار بارغانچە ئۇزار ماقتا ئىدى،شۇ ئەسنادا ئاسماننىمۇ يەرنىمۇ يىرىپ مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى كۈتۈرۈلۋىدى يولۋاسنىڭ يۈرۈگى جىغىلداپ بۇغۇزى ئاچچىق ئىچىشتى ۋەشۇندىلا ئۆزىنى ھەقىقى تۇنىغاندەك ھىس قىلدى.

                            2012\12\11

(مىسىرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە)ئاپتۇرى:ئابباس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-12 11:12 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yawa-xir + 39 ......

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 09:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى  بىزنىڭ تۇرمىشىمىز  ئىنىق ئەكىس ئەتتۇرلۈپتۇ.....
ياخشى يىزىپسىز..

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

كۇلۇپ ياشايمەن!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39153
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3977
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 670 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 09:54:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 10:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق بارلىق جىنايەتنىڭ ئانىسى،ھاراق بىلەن دوستلاشقان،ئەقىل بىلەن خوشلاشقان.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3780
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 242 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 10:01:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ، ھاراق ئىچكەنلىك چوشقا گۆشى يىگەنلىككە تەڭ.دىمەك ھاراق كىشىنى ئىماندىن ئاجرىتىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-13 02:02 AM  


شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

http://1001keqa.blogbus.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5023
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 10:19:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز..

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1983 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 10:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانچە مۇنچە ئىچىپ قويسا ھىچقىسى يوق

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87645
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 11:00:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانچە مۇنچە ئىچىپ قويسا ھىچقىسى يوق

ما گىپىڭىز قەتئى بولمىدى ئۈكەم ...
ئاللا-تائالا ئىنىق قىلىپ ھارام دەپ كۆرسەتكەن ئىشنى <<ئانچە-مۇنچە>> دەپلا  قىلىپ بېقىش ، ئوچۇقلا سىزنىڭ ئىتىقادىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ ....
يەنە تىلەيدىغىنىم اللە ھەممە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرېمغا ھېدايەت ئاتا قىلغاي .. ئامىن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XIRELI1051 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-12 11:15 PM  


ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1069
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9232
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 12:22:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز.

بۈگۈنكى تىرىشچانلىق ئەتىكى مۇۋەپپەقىيەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80924
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3892
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 01:27:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىششىڭىىزگە تىلەكداشمەن .

غورۇر بىلەن ئادىمىيلىكىڭنى ساقلا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش