دوستۇمغا خىتاب
(ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)
دۈشمىنىڭدىن ئەيلەپ ئۈمىد گۈل كەبى ئاچىلمىغىل،
باشىڭ كۆتۈر، مەغرۇر ياشا، قۇم كەبى چاچىلمىغىل،
قاشتېشىدەك قىممىتىڭ، بىر نان ئۈچۈن ساتىلمىغىل،
ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.
لايغەزەل ئەركەك ئەمەس بىز، مەرد، جەسۇرلۇق بىزگە خاس،
جەڭگە كىرگىن ئەل دۇئاسى بولسۇن ساڭا ئۇز لىباس،
"جەڭ دېگەننىڭ توققۇزى رەڭ" كاللا ئىشلەت، قىل قىياس،
مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇ-تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.
ئەل ساڭا بىركۈنلىرى لازىم بولۇپ قالسا ئەگەر،
قىل پىدا جانىڭنى ئەلگە، بەلدە چىڭ تۇرسۇن كەمەر،
يار مەدەت بەرگەي تېنىڭگە، يەتمىگەي قىلچە زەرەر،
ئات ئۆزۈڭنى، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
شىرنە يولۋاس كەبى ماڭغان ئىزىڭدىن ھېچ يانمىغىل.
كۆزگە ئىلماستىن سېنى رەقىبلىرىڭ كۆرەڭلىسە،
ھىيلە بىرلە ئالدىماق بوپ، كۆزلىرىڭنى رەڭلىسە،
پاك ئەقىدەڭنى سېنىڭ ياكى ئۇلار زەڭلىسە(1)،
تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئېلىشىپ قانغا بۇيال، نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.
گەر چۈشۈپ قالساق بۈگۈنمۇ قاپقىنىغا چالغۇنىڭ،
ئوقلىرى باشنى يارار، ماڭدامدا "جان ئالغۇ"نىڭ،
ئالمىغان كىشى قەدەم ھەققە، ئېشىن يەر قايغۇنىڭ،
كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇ نىچۈك بولغاي كېيىن دەپ يوق خىيالغا قالمىغىل.
بولمىساڭ خائىن، مەرەز، ئەۋلاد چاۋاكلار چالغۇسى،
خۇش بولۇپ يەرمۇ سېنى كەڭ قۇچىقىغا ئالغۇسى،
رەببىمىز جەننەت ئىچىدە ھوجرا-ساراي سالغۇسى،
سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.
سۆزلىرىن ئېيتتى مۇھەممەد "ئۇيغۇر"ىنىڭ غەم قىلىپ،
ئويغىنىش دەۋرى يرتىپ كەلسە، تېخى ئۇخلاپ يېتىپ،
"خەق دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ"، سەن چوقان-سۈرەن سېلىپ،
ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،
ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن، پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.
ئاپتور: مۇھەممەد(تاش1)
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى يېزىلدى.
(1)زەڭ: داغ، كىر دېگەن مەنىدە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tax1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-12 05:19 PM