بلوگمىدىكى ئادرىسى<
http://achinuq.org/?p=309
نىمىسلار چوڭ فىلىملەرنى بەك ئاز ئىشلەيدۇ، كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا قىسىملىق رازۋېتكا فىلىملىرىنى بەك كۆپ ئىشلەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىشلىگىنى يەتمەي باشقا دۆلەتلەر ئىشلىگەننى تەرجىمە قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى يامان ئەمەس، بولۇپمۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشتە. تارىخ (بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدىكى)، پەننى، تەبئەت، جەمئىيەت ھەققىدىكى كۆپ خىل تېمىلاردا. يىقىندا يازغان ”بىزدىكى ئېلمىيلىك ھەققىدە“، ”خىرىستىيان ئۇيغۇرلارغا رەددىيە“ قاتارلىق تېمىلاردا تەرەققىيات ھەققىدە ئازىراق توختىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ياخشى ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرالايدىغان مۇنبەت تۇپراق ۋە كىشىلەرنىڭ ياشىشىغا ماس كىلىدىغان كېلىماتنىڭمۇ بەك مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. شۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئىككى قىسىملىق ”گېرمانىيەگە كۆكتىن نەزەر“ ناملىق بىر يۈرۈش ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ ئىككى قىسمنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇم. ئەپسۇس، تەرجىمسى يوق، لىكىن تېخنىكىسى، كىرىشتۈرگەن مۇزىكىسى، ۋە شەھەرلەرنىڭ مەنزىرلىرى گىپىنى چۈشەنمىسەڭلارمۇ خىلى ھوزۇر بىرىدۇ، ھەم گېرمانىيە شەھەرلىرىنى كەلمەي تۇرۇپلا كۆرۋالسىلەر. ئىشقىلىپ ماڭا بەكلا يارىدى، ھىچ بولمىغاندا نىمىس تىلىغا قىزىققۇچىلارغا پايدىسى بولار . بىر قىتىم يوللىغىنىم يۇيۇلۇپ كىتىپتۇ، قىزىقىدىغانلار تىزىراق كۆرۋىلىڭلار، يەنە يۇيۇلسا ئامالىم يوق.
بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار:
گىرمانىيە زىمىنى 357مىڭ كۋادىرات كىلومىتىر، ئانا-يۇرتىمىزنىڭ 4 تەن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. ئومۇمى نوپۇس 81 مىليون. نوپۇس زىچلىقى 229 ئادەم ھەر كىۋادىرات مىتېرغا، بۇ سان 1800-يىلى تەخمىنەن 56 (22 مىليوندىن ئوشۇق نوپۇس)، 1900-يىللىرى 168 (55 مىليوندىن ئارتۇق) ئەتراپىدا بولغان. گېرمانىيەدە قۇملۇق يوقنىڭ ئورنىدا. ھەممىلا يەر يېشىلىقچىلىق. پايدىلانغىلى بولمايدىغان يەر بەلكى يوقنىڭ ئورنىدا، شەرقى گېرماندىكى سازلىقلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا. رىيىن، ئېلبا، دوناي دەريالىرى يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ سۇنى بەكلا ئەلۋەك قىلۋەتكەن. ھازىرقى ئەھۋالدا، 85 % ئادەم شەھەرلەردە ياشايدۇ. نوپۇس زىچلىقى ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرچە نوپۇس زىچلىقىدىن يۇقۇرى تۇرىدۇ.
ئەمدى بۇ سانلارنى رايونىمىزغا سىلىشتۇرساق، ئىنىق بولمىغان ستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 1880-يىلى 1.2 مىليون بولغان، بۇ دىگەنلىك نوپۇس زىچلىقى بىر كىۋادىرات مىتېرغا بىر كىشىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. 50-يىللاردىن كىيىنكى نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى بىلەن، بۇ سان 13 كە چىقتى (2010-يىلى، 20 مىليون نوپۇس). لىكىن تەخمىنەن 80% كە يىقىن ئۇيغۇر يەنىلا يېزىلاردا ياشايدۇ. شەھەرلەرنىڭ ئارلىقىمۇ بىر-بىرىدىن بەكلا يىراق. گېرمانىيەنىڭ شەھەرلەر ئەڭ زىچ جايلاشقان رايونلىرىدا خوشنا شەھەرگە ئاستا پويىزدىمۇ 15 مىنۇتتا بارىسىز.
قىسقىسى نىمىسلارنىڭ نوپۇسى يىقىنقى زاماندىلا كۆپىيىپ قالمىغان، ئەسلىدىلا زور ئاساسى بار بىر دۆلەت. ئىككى قىتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا تەخمىنەن 11 مىليون ئادەم ئۆلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى 1939-يىلى 69 مىليون نوپۇسى بولغان.
سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئەمگەك كۈچىسىز تەرەققىياتتىن سۆز ئىچىش تازا ئىلمى بولماسلىقى مۇمكىن. نوپۇس كۆپ ھەم زىچ يەردە شۇنىڭغا يارىشا بازار بولىدۇ.
فىلىمى ئادرىسلىرى، پارولى: بىر ئىككى ئۈچ تۆرت، سان بىلەن.
بىرىنچى قىسىم:
http://www.tudou.com/programs/view/3Nyzmcln2EU/
/
ئىككىنچى قىسمى:
http://v.youku.com/v_show/id_XNDg1OTEyNDY0.html
oghuzkb
2012. 12.12
Ulm