رادىكال ئىسلامچى گۇناھسىز ئامىركا ئىتىنى ئۆلتۈرىۋەتتى
بىر ئادەم ئامىركىنىڭ نىيۇيۇرىك شەھرىدىكى Central باغچىسىدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا تۇساتتىنلا بىر ئىتنىڭ بىر كىچىك قىزغا قاراپ ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ ئادەم چاقماق تىزلىكىدە كېلىپ غالجىر ئىت بىلەن قاتتىق ئېلىشىدۇ. خېلە ئۇزۇن ئېلىشقاندىن كېيىن ئۇ ئادەم بىرقانچە يېرىدىن يارىلىنىپ قانلار ئىچىدە قالغان بولسىمۇ ئاخىرى غالجىر ئىتنى ئۆلتۈرۈپ كىچىك قىزچاقنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.
بۇ قانلىق ئېلىشىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ساقچى ھاياجاندىن ئۇ ئادەمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپ رەخمەت ئېيتقاندىن كېيىن، "سەن بىر قەھرىمانسەن، ئەتە بارلىق گېزىتلار سېنى- بىر نىيۇيۇرۇكلۇق قەھرىمان ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرۇشىغا قارىماي باتۇرلارچە غالجىر ئىت بىلەن ئېلىشىپ بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى دەپ ئېلان قىلىدۇ" دېدى.
ئۇ ئادەم ساقچىغا، "ئەمما مەن نىيۇيۇرۇكلۇق ئەمەس" دېدى.
ساقچى- "كېرەك يوق، ئۇنداق بولسا گېزىتلەر مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىر جەسۇر ئامىركىلىق ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرۇشىغا قارىماي باتۇرلارچە غالجىر ئىت بىلەن ئېلىشىپ بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى دەپ ئېلان قىلىدۇ" دېدى.
ئۇ كىشى ساقچىغا ئەمما مەن ئامىركىلىق ئەمەس دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇ قېتىم ساقچى ھەيران قېلىپ، ئۇنداقتا سەن نەلىك دەپ سورايدۇ.
ئۇ كىشى مەن ئىراقلىق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
ساقچى ئۇ كىشىگە قارىغىنىچە تۇرۇپ قالىدۇ، ئەمما ھىچ نەرسە دېمەيدۇ.
ئۇ ئادەم ئەتىسى گېزىتلەردىن بىرسىنى قولىغا ئالغىنىدا گېزىتنىڭ باش بېتىدە شۇنداق بىر ماۋزۇنى كۆرىدۇ،
بىر رادىكال ئىسلامچى گۇناھسىز بىر ئامىركا ئىتىنى ۋەھشىلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتتى.
http://www.habervaktim.com/haber/126015/radikal_islamci_masum_amerikan_kopegini_oldurdu.html
دىن تەرجىمە قىلىندى.