مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2976|ئىنكاس: 46

تىلەمچىلەرگە باشقا يول يوقمۇ؟؟ مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4447
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 03:20:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                      
                                                     تىلەمچىلەرگە باشقا يول يوقمۇ؟؟........

                                                        ئابدىلتىپ ئابدىخالىق
                              

دۇنيا ئىقتىسادى بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلغان ،ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭلىشىش قەدىمى كۈندىن-كۈنگە تىزلىشىۋاتقان ، خەلقىمىزنىڭ ئىقتىساد-ئىستىمال سەۋىيەسى بۈگۈنكىدەك ئەلالىشىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ بىز يەنىلا بازارلاردا،يول-يوللاردا،دوختۇرخانىلاردا،ھەم مەسجىدلىرىمىزدىمۇ ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالماي،يىغلاپ ھالى قالماي ،ۋاقىراۋۋىرىپ قۇلىقىمىزنى ئاغرىتىۋىتىدىغان،ئازادە ماڭغىلى قويماي يوللاردا مەينەتچىلىككە پۇچىلىنىپ ياتقان، قىلىنلىق بىلەن ئادەمگە يىپىشىۋىلىپ ،ئاتالمىش ( سەدىقە ) تىلەيدىغان ھاجەتمەن ،تىلەمچى ،سايىل ،ئابداللارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.ھەمدە رازىلىقىمىز بىلەن ياكى رازىلىقسىز زورى بىلەن پارچ پۇللارنى شۇلارغا بىرىۋاتىمىز،بەزىسىگە ئىچ ئاغرىتىۋاتىمىز، بەزىلىرىنىڭ قىلغان ساختىلىقلىىدىن مىيقىمىزدا كۈلگەچ ئىچىنىپ قالىمىز .ئەجەبا شۇلار جۈملىدىن شۇ قىرىنداشلىرىمىز راستىنلا شۇنچىلىك قىيىنچىلىقتا قالغانمىدۇ ،دەپ ئويلاپ كىتىمىز .زادى شۇلار تىلەمچىلىك قىلمىسا جېنىنى باقالمامدۇ ؟ ياكى ئۇلار پۇل ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىۋاتامدۇ ؟بۇ ئىشلار ھەممىمىزگە ئايان .لىكىن بۇ يەردە مەن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەسىلە : ئۇلارغا بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوقمىدۇ؟

سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن مۇنۇ ئىشنى ئوتتۇرغا قويماقچى؛
مۇشۇ يىلى يازدا خوتەن شەھىرىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن ،( قاشتېشى بايرىمى) ۋە ( قولدا تۇقۇلغان قوي يۇڭى گىلىمى يەرمەنكىسى)مەزگىلىدە يەرمەنكىنى كۈرۈپ كىلىش ئۈچۈن سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز قاراقاشتىن ئاتايىتەن بارغانىدۇق.يەرمەنكىدىكى ئىسىل قاشتىشى ، رەڭدار گىلەملەر، ئالاھىدە نەپىس ئىشلەنگەن قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۈرىۋىتىپ مەن ئويلىمىغان بىر ئىشقا ئۇچرىدىم .يەرمەنكە خەلىق مەيدانىغا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولغاچقا ،خەلىق مەيدانىنى بىر ئادەم دىڭىزى دىسەكمۇ بۇلاتتى .چەتئەل،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ،شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ،سودىگەر، ساياھەتچىلەر بەك كۆپ ئىدى .مەن خەلىق مەيدانىنىڭ يان تەرىپىدىكى كەشتىچىلىك بۇيۇملىرىنى كۈرۈپ كىلىش ئۈچۈن مىڭىۋاتسام بىر مۇنچە كىشىلەر چەمبەرسىمان ئورىۋالغان يەرگە كۈزۈم چۈشتى ،ۋە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردىم .توپنىڭ يىنىغا كىلىشىمگىلا ئاۋازىدىن ئۇيغۇر ئەمەس لىكىن ئۇيغۇرچىنى خېلى يامان ئەمەس سۆزلەيدىغان،  سېرىق چاچلىرىنى  مىللىتىمىزنىڭ دوپپىسىغا يۇشۇرۇشقا ئۈلگۈرگەن بىر چەتئەللىك ئايالنىڭ گىپى خىيالىمنى بۆلدى .
ۋاي  شۇنداك ۋىجدانلىك ياكشى ئادەمكىنا بۇ .ئۇزەم ئىشلەپ يەي دەيدۇ     مۇشۇنداكلا جىك بوسا ھە.            مەن توپنىڭ ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ قارىسام توپنىڭ ئۇتتۇرىسىدا ئوتتۇز ياش ئەتراپىدىكى ،كىيىملىرى رەتسىز كىيىلگەن،چاچ ساقاللىرى ئۈسۈپ كەتكەن ، تەن قۇرۇلۇشى نورمال ئەمەس (يەنى بەلكىم كىچىك چېغىدا بالىلار پارالىچى بۇلۇپ ساقايغان بولسا كېرەك)بىر ئادەم كىچىككىنە يايمىغا ،ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان يانچۇق قەغىزىدىن رەتلىك تىزىپ ئۇلتاغانىكەن .ئۇنىڭ ئۈزى ساق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنە مۇشۇنچىلىك تىجارەت قىلالىغىنىغا ھەيران قالغان ياكى ئۇنىڭغا زوقى كەلگەن بولسا كېرەك ،ھەر مىللەتتىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئورىۋالغانىكەن.شۇنداق تۇرۇشۇمغا ھېلىقى چەتئەللىك ئايال يەنە سۆز  باشلىدى ؛ ھەي لورا  سەن كۆدۇڭمۇ .بايام ئۇ مەن پۇلنى قايتۇرماڭ دىسەممۇ ئۇ  ئۇنىمايدىكەن تېخى ،بىزنىڭ دۆلەتتىمۇ شۇندا بوسا ھە ،ئۇ شۇنداق دىگەچ قەغەزدىن ساناپ ئوننى ئالدى . ئاندىن كۈلۈمسىرگىنىچە ئۇ كىشىگە قاراپ ئېلىڭە ماۋۇ ئون كوينى، دەپلا باشقا كىشىلەرگە قاراپ مۇراجىئەت تەلەپپۇزىدا .دوسلار مەن روسىيەدىن كەلدىم ،بۇ ئادەم مىنى بەكلا تەسىر لەندۈردى .ئۇ  ئۆز ..ئۆز..ئايال توختاپ قالدى .مەن ئۇنىڭ گىپنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى سىزىپ دەرھال دىدىم. ئۆز نىسىۋىسىنى دىمەكچىما ؟ ئايال خۇشاللىقىدىن سەكرىگىنىچە   ، ھە .ھە    شۇنداك دىمەكچىمەن .ئايال سۆزىنى قايتا باشلىدى ؛ئۆزنىسىۋىسىنى ئۆزى تىپىپ يىسەم دەيدىكەن .قەغەز ھەممىمىزگە لازىم بۇلىدىغان نەرسە. باشقا دۇكاندىن سېتىۋالغۇچە مۇنۇ ئەپەندىدىن سېتىۋالساڭلا دىمەكچى. ئايالنىڭ گىپى تۈگە- تۈگىمەي ھەممە ئادەم ئىككى- ئۈچتىن قەغەز ئېلىپ پۇل بىرىشكە باشلىدى .مەنمۇ قۇلۇمدىكى ئىككى قەغەزنى تۇتقىنىمچە خىيال قىلىپ كىتىپتىمەن .
مانا ئۇيغۇر ،مانا ئۇيغۇر  ،ئاددىيلىق ئىچىدىن ئۇلۇغلۇق تاپالايدىغان ئۇيغۇر دىگەن مانا مۇشۇنداق .قەلبىم باشقىچە بىر خىل ھاياجانغا تۇلۇپ ،شۇ قەغەز ساتقۇچىغا ،ياق ،ياق قەغەزچى ئەمەس ،ئۇ بىر سودىگەر  ،ھەقىقى سودىگەرگە قارىغىنىمچە كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلىرىم مەڭزىمگە سىرغىغىنىنىمۇ  تۇيماي قاپتىمەن ،تۇيۇقسىز سىڭلىمنىڭ بىلىكىمنى تارتىشىدىن ئىسىمگە كەلدىم . ئاكا ،ئاكا سىنى چاقىرۋاتىدۇ .مەن قارىسام ھېلىقى روسىيەلىك ئايال ماڭا قاراپ تۇراتتى .مەن ھاپىلا -شۇپىلا يىشىمنى سۇرتكىنىمچە ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم .رەھمەت سىزگە ، مەن ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى كۈرىمەن لېكىن تازا دىگۈدەك ئۈگىنىپ بۇلاممىدىم.ياردىمىڭىزگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت  ئېيتىمەن.  ئۇ  مىنى گەپ قىلدۇرمايلا رەھمەت ئېيتىپ كەتتى  .مەنمۇ ئېغىز ئاچتىم .ۋاي  بولدى ،مەن سىزگە رەھمەت ئېيتسام بۇلىدۇ تېخى . ئۇ دىدى  نىمىشكا  ئەمدى . چۇنكى سىز ماڭا ئانا تىلىمنىڭ نەقەدەر گۈزەل ھەم قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇتتىڭىز ئەمەسمۇ . ئاڭغىچە يەنە بىر سېرىق چاچلىق ئەر ئۇلارنى چاقىردى بولغاي ، ئۇ ماڭا مەن شىنجاڭدا كۆرگەن بۇ ئىشنى چۇقۇم دوسلىرىمغا يەتكۈزىمەن  ھەم سىزنىمۇ ئۇنۇتمايمەن  خەير خوش مەن كەتمىسەم بولمايدۇ دىدى  .  مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن تاكسىغا چىقىپ ماڭدىم .لېكىن خىيالىم يەنىلا شۇ كىشىدە ئىدى .
شۇنداق ھېس قىلىپ قالدىم . مەسجىدتە جۈمە نامىزىنىڭ پەرىزىنى ئۇقۇپ بۇلا بولماي تۇرساق ، خۇدايىم بېرە . يوقلاپ قۇياڭلا دەپ سۈننەت نامازنىمۇ جايىدا ئۇقۇغىلى قويمايدىغان شۇ ئاياللار ،ئانام كىسەل ئاتام كىسەل دەپ يۇز قىزارتىپ ئولتۇرىدىقان شۇ ئەرلەر ،ئۇغۇللارمۇ شۇنچىلىك كاللىسىنى ئىشلەتمەي ئادىمىيلىك ۋىجدان ،غۇرۇرىنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ تۈۋەنچىلىك بىلەن نان تىپىپ يىيىشنى تاللىشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ ؟
ئاز تاپسىمۇ  ھالاللىق بىلەن ئەجىر -مىھنىەت قىلىپ نان تىپىپ يىگەن شۇ  كىشىنى شۇنچە  كىشىلەر ھۆرمەتلەپ ،قانچىلىغان كىشى ھېسداشلىق قىلىپ نەرسە -كىرەكلىرىنى سىتىۋالدىيۇ،ئۇ تىلەمچىلەر نىمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ.سەت گەپ ،مەينەت يەر ، ھارام رىزىقلارغا ئىگە بۇلىۋاتىدۇ  شۇ.ئۇلار مۇشۇ قىلمىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى نىمە كۈنلەرنى كۈرەر(ھاجەتمەن ئەمەسلەرنى دىمەكچى).
ساق بولسىمۇ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ،مېيىپ بولسىمۇ تىجارەت قىلىشنى   توغرا تىپىش بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى ئادەمنىڭ ۋىجدان غۇرۇرىنى ساقلىشى ،بەش ئەزاسىنىڭ ساق بۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس بەلكى روھىيتىنىڭ ساغلاملىقى ئىكەن. مۇشۇ مۇناسۋەت بىلەن روھىيتى ساغلام بارلىق قىرىنداشلىرىمنىڭ بۇندىن كىيىن تېخمۇ جۇلالىنىپ ھايات يوللىرىنى نۇرلاندۇرشىنى .خۇدايىم بېرە گە كۇنۇپ كەتكەن شۇ كىشىلىرىمىزنىمۇ يىنىغا تارتىپ بىرە تىجارەت قىلىشقا (ھەممىسىنى قەغەزچى بۇلۇڭ دىگىنىم يوق جۇمۇ)رىغبەتلەندۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئىشىنىمەن .بىز ھارامدىن ساقلىنىپ .چىن ئىخلاسىمىز بىلەن ئىگىمىز ،ياراتقۇچىمىز،مىھرىبان ،شەپقەتلىك ﷲ تىن يۇرتىمىزنىڭ  بۇندىن كىيىن تىخىمۇ گۈزەل ،باياشات بۇلۇشىنى تىلەيدىغانلا بولساق ئنشائاللا ئاشۇنداق تىلەمچىلەرنىڭ قەلبىگە  ﷲ ئىنساپ ۋە ئىمان ئاتا قىلغۇسى..........
   مەن ئويلايمەن ...تىلەمچىلەر يوق دۇنيا ئادەمگە تېخىمۇ گۈزەل تۇيۇلغۇسى ..................

ئاخىرىدا بارلىق مىللەت سۈيەر قىرىنداشلىرىمغا ۋە شۇ قەغەز ساتقۇچى سودىگەرگە تۆۋەندىكى شىئېرىمنى سۇندۇم .ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .رەھمەت....

                        
                                               ئۇيغۇر بىز ئەزەلىدىن ئىسىل ياشايمىز،
                                               بۇرچىمىزنى ھەر دائىم بىلىپ ياشايمىز.
                                               غۇرۇر ھەم ۋىجداننى ساتماي ياشايمىز.
                                               كۆڭلىمىز پاك بىزنىڭ قايماي ياشايمىز.
                       

                                                قىزلىرى ھايالىق ،ئۇغۇللىرى مەرت
                                             كۆزلىرى بەك نۇرلۇق قەددى رۇس قامەت.
                                            ئۇيغۇردىن تانغانغا بولسۇن مىڭ نالەت.
                                            ئۈمىدىم مىللىتىم ياشىسا مەڭگۈگە ئەبەد.

مەزكۇر ئەسەرنى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە سۇندۇم.


                                               مەنبە ؛    خاتىرەمدىن       .            سەتئىسىل



ئاپتوردىن  .مەزكۇر ئەسەر مىنىڭ كۆرگەنلىرىم ۋە ھېس قىلغانلىرىم، مەن بىلەن بىر پىكىردە ئەمەسلەر تەكلىپ بەرسەڭلا بۇلىدۇ    .رەھمەت.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-12 11:28 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
-ئۈمىد- + 126 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 126   باھا خاتىرىسى

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83897
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3402
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 11:40:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! ئاۋۇ قەغەز ساتىدىغان قېرىندىشمىز بىلەن تىلەمچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق- تىلەمچىلەرنىڭ تىرىشماسلىقى ۋە تەييارغا ھەييارلىقىدا دەپ ئويلايمەن ،،،،،،،،،،،ھېلىمۇ ياخشى تېما ماۋزۇسىدىكى تىلەمچىلەرگە دىگەننى دىۋانىلەرگە دەپ يازماپسىز

بۇ دۇنيادا كۆپتۈر كۆرمىگىنىڭ ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن  ئۆلمىگىنىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82687
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3230
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 11:54:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز  مىنىڭچە ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ھەمدە بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىششىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85738
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 547
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:12:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز~~بەزى تىلەمچىلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى بىزار قىلىدۇ ،  ساق تۇرۇپمۇ قاچانلا قارىسىڭىز شۇ ئىزىدا ئولتۇرغان ، يەنە بەزىللىرى كىچىك- كىچىك باللىرىنىمۇ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ سوغاقنى سوغاق ،ئىسىقنى ئىسىق دېمىگەن  شۇنداقلارغا يەنىلا ئىچى سىيرىلىدۇ ئادەمنىڭ...

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرىقى زامانىۋىي تىلەمچىلەرگە ئالدىراپ پۇل بەرسەك بولمايدۇ. بەرمەكچى بولغان ئاشۇ پۇللارنى ئايرىم يىغىپ قويۇپ ، كىسەل كىشىشىلەرگە، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بەرسەك ، ئاندىن ھەققىي ياخشى بولىدۇ ، دەپ ئويلايمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9545
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diwane يوللىغان ۋاقتى  2012-12-12 11:40 AM
ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! ئاۋ ...

ھا ھا ھا

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9322
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 987 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 01:07:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arkenkaxka يوللىغان ۋاقتى  2012-12-12 12:53 PM
ھازىرىقى زامانىۋىي تىلەمچىلەرگە ئالدىراپ پۇل بەرسەك ب ...

قولايمەن .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@
xax2282 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 01:19:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3668
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 01:32:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسىمدە قىلىشىچە ، كىچىكىمدە بىزنىڭ مەھەللىگە كەلگەن تىلەمچىدىن بىرسى «بۇ مىنىڭ ئاتا مىراس كەسپىم «  دىگەن ئىدى

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83599
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 01:49:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diwane يوللىغان ۋاقتى  2012-12-12 11:40 AM
ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! ئاۋ ...

ئىككىسى بىرگەپ ئەمەسمۇ  . پەقەت شۇ ئاتىلىشى ئوخشىمايدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش