مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 388|ئىنكاس: 8

«ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى»دىن سادا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85404
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 01:19:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارخانىچىلىق بىردەملىك ھاياجاننىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس، ئۇ سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، مۇكەممەل قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولۇشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر كارخانىچى بولۇش ئۈچۈن، مۇكەممەل بولغان بىلىم قۇرۇلمىسىغا، كەسپىي ساپاغا، سەگەكلىككە، چوڭقۇر تەپەككۇرغا ئىگە ۋە توغرا بولغان رىقابەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.  ئەگەر كارخانىچىلاردا سەمىمىيەت، دۇرۇس نىيەت، مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە يىراققا نەزەر تاشلايدىغان سەگەك بىر كاللا بولمىسا، ئۇنىڭ رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!  
قانداق قىلغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كەسپىي ساپاغا، مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن كەسپىي ماتېرىياللارنى كۆپرەك كۆرۈش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بولۇش، كارخانىنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنى ۋە دەۋرنىڭ ئىھتىياج تەلىپىنى چىقىش قىلىدىغان، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئىلغار ئىدىيەنى ئۆزىگە يېتەكلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئەخلاقىي جەھەتتىمۇ يېتىلىش زۆرۈر.
چۈشىنىش كېرەككى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشر قىلىنغان ئادەمگە نەپ بېرەلىگۈدەك كەسپىي ماتېرىياللارنى تاپماق بەسى مۇشكۈل. شۇڭا خەنزۇ تىلىدىكى باشقۇرۇششۇناسلىق، بازارشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، بازار ئىگىلىكى... ھەققىدىكى  كىتابلارنى كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ ئېيتىشقا بولۇدىكى، روناق تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كارخانىچىلار خەنزۇ تىل – يېزىقىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك.

دەۋر تەلىپىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئېيتقاندا، بىر قىسىم مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، كارخانا باشقۇرۇش ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ساپاسىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھە دەپ شىركەت قۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىمۇ شىركەت قۇرۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپ دەرھال بىر شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئالدى-كەينىنى ئويلىماستىنلا ئىش باشلايدىغان ئەھۋاللار خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ، ئەمما ئۇلاردا شىركەت بىلەن ئەنئەنىۋىي سېتىقچىلىقنىڭ پەرقى نېمە؟ شىركەت دېگەن نېمە؟ ھازىرقى زامان كارخانىچىلىقى دېگەن نېمە؟ ئىلمى باشقۇرۇش دېگەن نېمە؟ بازارشۇناسلىق دېگەن نېمە؟ شىركەت مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟... دېگەندەك بىر تالاي كەسپىي سوئاللارغا نىسبەتەن ئازراق خېمىر تۇرۇچمۇ يوق، بۇ سوئاللارغا نىسبەتەن ئاساسىي جەھەتتىن كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى نەشرىياتلاردەك مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.
نەشرىياتلار بۇ ھەقتىكى نەپ يەتكۈدەك كىتاب-ماتېرىياللارنى نەشردىن چىقارمىغاندىكىن، بۇ بىزنىڭ «ساپاسىز» كارخانىچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ساپاسىزلىقىنى تۈگىتىشكە ئامالسىز، ئۇلار كۆرەي دېسە كىتابخانىلاردا نەپ بەرگۈدەك كىتابلار يوق. ئەگەر ئۇلار خەنزۇچە ماتېرىياللارنى كۆرسىچۇ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، دىيارىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كارخانىچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تېخى ئالىي مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، خەنزۇچە سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا خەنزۇچىنى تولۇق چۈشىنەلمەي يۈرگەندە خەنزۇچە يېزىلغان كەسپىي ماتېرىياللارنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا بىزنىڭ «ساپاسىز» مىللىي كارخانىچىلىرىمىزدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق. ئۇلار ھېلىمۇ زور كۈچ بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ، مىللىي كارخانىچىلىقىمىزدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۈچىنىڭ بارىچە ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۇلارنى ھالسىرىتىپ قويىۋاتىدۇ، ئەسلىدىنلا بىلىم قۇرۇلمىسى، كەسپىي ساپاسى يۇقىرى بولمىغاچقا ئۇلار ھامان زور دەرىجىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كارخانىچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى تەربىيەلەش كۇرۇسلىرى ئېچىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كەملىك قىلىۋاتىدۇ.

«ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى»نىڭ قۇرغۇچىسى يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، مىللىي كارخانىچىلىقىمىزدىكى ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئاچقۇچىنىڭ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ كەسپىي ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، توغرا رىقابەت ۋە ئەخلاق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشىش، ئەتراپلىق پىلانلاش، تولۇق تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق ئاخىرى  «ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
«ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى»نىڭ تۈپ مەقسىتى دىيارىمىزدىكى مىللىي ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ، مىللىي كارخانىچىلارنى بىمالال ھالدا ئۆز ئانا تىل-يېزىقىدا تەييارلانغان كەسپىي بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆزىنىڭ ئەجرىگە چۈشلۇق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، دىيارىمىزنىڭ، جۈملىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش.

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:28:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
----------------------------------------------------------------------------
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkenkaxka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-12 12:29 PM  


سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:28:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇچىنى بىلمىگەنگىلا ‹‹ساپاسىز›› دەپ ئالسىڭىز بولماس دەپ ئويلايمەن.
بىر تىلىنى بىلگەن بىلمىگەنلىكگە قاراپلا ئۇنداق ئالدىراپ باھا بەرمەيلى.

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85404
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 02:52:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arkenkaxka يوللىغان ۋاقتى  2012-12-12 12:28 PM
خەنزۇچىنى بىلمىگەنگىلا ‹‹ساپاسىز›› دەپ ئالسىڭىز بولم ...

ئاشۇ سۆزنىڭ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىقىغا دىققەت قىلغايسىز....

جاھان كۆزى ئەركەكتە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7566
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 06:14:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەركەك بولماي ئايال يوق
قىز بولماي ئەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85404
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 11:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-12 06:14 PM
خاتىمە
ئويلاپ كۆرۈڭ ئەي يىگىت،
ئىسېل ياشاڭ ئەي يىگىت.

شېئىرنىڭ مەنىسىنى تازا چۈشىنەلمىدىم، مۇمكىن بولسا خاتا چۈشىنىۋالماسلىقىم ئۈچۈن يېشىمىنى بېرىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن، رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12303
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1445 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 11:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما  ساقلاش  دەپ  بىر  يە  باتى  ،  ساقلىۋالاي  دېسەم ئەجەب تاپالمايمەنيا ؟

چەكلىك ھاياتنى قانداق قىلغاندا مەنىلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ ؟
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73777
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4531
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2013-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 01:35:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85404
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 01:50:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېكىتىمىزنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋىي سۇپا ئىككى ئۆلچەملىك كودى ئېلان قىلىندى. ئەگەر سىز دائىم ۋېيشىندىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ ئاممىۋىي سۇپا ئىككى ئۆلچەملىك كودىنى سىكانېرلاپ، ئاممىۋىي سۇپىمىزغا ئەگىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بېكىتىمىزنىڭ ئاممىۋىي سۇپىسىدا، ھەر كۈنى ئەڭ نادىر بولغان باشقۇرۇش، بازارشۇناسلىق (بېكىتىمىزنىڭ خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان) قاتارلىقلارغا ئائىت، ئىخچام ئەمما مەنىسى چوڭقۇر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان مەزمۇنلار يوللىنىپ، تورداشلارنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇشىغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
بېكىتىمىزنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋىي سۇپا ئىككى ئۆلچەملىك كودى تۆۋەندىكىدەك:

erweima.jpg




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش