ئەسلى بۇ تىما بۇنداقلا تىما ئەمەس ئىدى ، بىرقانچە يىللار ئىلگىرىكى تىما لىكىن نىمە بولۇپ بۇنداق چۈشەندۈرىشى يوق ھالەتتە بولۇپ قالدى ئۇقمىدىم ، نەچچە يىللار ئىلگىرى باشقا مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم .
تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى
كىرىش قىسمى
تارىخ، بىر مىللەت سالاھىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتلىرى، مەنىۋى قىممەت – قاراشلىرى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرى تارىخ بويلاپ شەكىللىنىدۇ. تارىخ، ئەينى ۋاقىتتا مىللەتنىڭ مەدەنىيەت رىقابىتىدىكى ئۇتۇق ۋە مەغلۇبىيەتلىرىنىڭمۇ سەھنىسىدۇر.
بۈيۈك تۈرك مىللىتى تارىخنىڭ كۆپلىگەن دەۋرلىرىدە دۇنيا مىقياسىدا قۇرغان ھەر خىل دۆلەتلىرى، زەپەرلىرى بىلەن، يېتىشتۈرگەن بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئالىم ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن شۆھرىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن؛ بىزلەرگە شان – شەرەپكە تولغان ۋە ھەر دائىم پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان يىلتىزى چوڭقۇر مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈرك تارىخى بۈيۈك شان – شەرەپ، مەرھەمەت ۋە مەدەنىيەت يۈكسەكلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ شان – شەرەپلىك ئۆتمۈش ئەسىرلەر بويىچە دوستلىرىمىزنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن بولسا، يېڭى دۈشمەنلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈنمۇ ھەر دائىم بىر سەۋەب بولۇپ كەلگەن.
تارىخ ئېڭى بولمىغان ئەۋلادلار، ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ، مىللەتلىرى ئۈچۈنمۇ پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخىمىزغا ئىگە بۆلىشىمىز. تارىخقا ئىگە بولۇش، ئەسلىدە ئۆز قىممەت – قاراشلىرىمىزنى ھىمايە قىلىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.
1991- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقىغا ئېرىشتى ۋە نەتىجىدە ياۋرو – ئاسىيانىڭ قەلبىدە 11 مىليون كىلو مېتىرلىق كەڭ كەتكەن ساھەگە تارقالغان 200 مىليون ئىنسان تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن بىر تۈرك دۇنياسى مەيدانغا كەلدى.
بۇ بۈيۈك مەۋجۇتلۇقنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەت – قاراشلىرى، تىلى، ئەدەبىياتى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى بىردۇر. بۈيۈك تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ. تۈرك مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مەھسۇلى بولغان ۋە ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەسەرلەر بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك نامايەندىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەدەنىيەت مىراسىمىزنىڭ بىر ئۇچى ئورخۇن ئابىدىلىرى، يەنە بىر ئۇچى ۋىيېناغىچە يېيىلغان ئىزلىرىنى بويلىغان ھالدا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز
ھازا ئىمپىراتورلىقىنىڭ خاقانى-ھازار قاغان
كۆك تۈرك ئىمپىراتورلىقىنىڭ قاغانى-بىلگە قاغان
غەزنەۋىلەر ئىمپىراتورلىقىنىڭ قاغانى-ئالىپ تىكىن
پانۇ قاغان
بابۇر ئىمپىراتورلىقىنىڭ خاقانى-بابۇر شاھ
ياۋروپا ھون ئىمپىراتورلىقىنىڭ خاقانى-ئاتىللا
ئاق ھون ئىمپىراتورلىقىنىڭ خاقانى-ئاقسۇنۋار خاقان
قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ خاقانى-بىلگە كۆل قادىرخان
ئورخون ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى-قۇتلۇق كۆل بىگە قاغان.
ئوغۇزخان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-12 12:32 PM