بۇ يەردە تىرىكلەر ياتىدۇ
-دادا، مىنى ئەكىلىمەن دىگەن يەر مۇشۇ قەبرىستانلىقمىدى؟
-شۇنداق ، نىمە، نارازىمۇ سەن؟
-ئۇنداققۇ ئەمەس، لىكىن سەۋەبىنى چۈشەنىمدىم،بۇ يەردە يە بىزنىڭ بىرەر قېرىنداشلىرىمىز بولمىسا.
-ئوغلۇم ساڭا دېسەم، بۇ يەردە ياتقانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، بۇ يەردە ياتقانلارنىڭ ھەممىسى تىرىكلەردۇر؟
-نېمە ؟ تىرىكلەر؟يەنىلا چۈشەنمىدىم.
-قېنى بۇياققا كېلىپ ئولتۇرغىن، مەن ساڭا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قۇياي.ئېيىتقىنچۇ ئالدىنقى ھەپتە ھايۋاناتلار باغچىسىدا كۆرگەن بۆرە قەپىزى ئىچىدىكى بۆرىلەر ئېسىڭدە بارمۇ؟
-شۇنداق ئېسىمدە بار.
-ئەمسە دەپ باققىنچۇ،سەن ئۇلارنى كۆرۈپ نىمىلەرنى ئويلىدىڭ؟
-بۆرىلەر ئەسلى قەپەستە ياشىماسلىقى ،كەڭ تەبىئەت دۇنياسىدا ئۆزى ئوۋ تۇتۇپ ئەركىن ياشىشى كېرەك ئىدى، لىكىن ئۇلار بۆرە باققۇچىنىڭ قۇلىدىكى ئۇزۇققا تەلمۈرۈپ ئۆتۈپ بەكلا بىچارە بۇلۇپ قاپتۇ.
-ناھايىتى توغرا دىدىڭ،سەندىن يەنە سۇراي،ئەگەر ئەشۇ بۆرىلەرنىڭ ئىچىدىن بىرقانچىسى ئۆزجېنىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق قەپەسنى بۇزۇپ تاشلىسا،قۇتۇلۇپ چىققان بۆرىلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟
-ئۇلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ كىتىشى كېرەك.
-شۇنداق، ئۇ باھادىرلار ئۈچۈن ئابىدە تىكلىشى،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى بارىلىق بۆرىلەر توپىغا تارىتىشى،كىيىنكى ئەۋلادلىرىغا تۇلۇقى بىلەن يەتكۈزۈشى كىرەك.شۇنداق بولغاندىلا بۆرىلەر توپى ئۆز قەھرىمانلىرىدىن ھەر ۋاقىت مەدەت ئېلىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇلار تېخىمۇ قۇدىرەت تاپىدۇ،ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن قۇربان بولغان ئەجدادلىرىنىڭ قەھرىمانلىق روھىدىن ئۆزلىرىنى تۇنۇيدۇ،ھەمدە بۇ روھنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدۇ.ئۇلار يەنە ئەشۇ قۇربان بولغان ئەشۇ ئەجدادلىرىغا يۈز كېلەلىگۈدەك ياشاشنى ئۆزلىرىنىڭ ياشاش مىزانى قىلىدۇ،ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمايدىكەن بەلكىم ئىت نەسلىدىن پەرىقسىز بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك، ئوغلۇم، بۇيەردە ياتقانلار دەل بىزنىڭ ئەشۇنداق قەھرىمانلىرىمىزدۇر،بىز دەسسەپ تۇرغان بۇ تۇپراق دەل شۇلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە بەرپا بولغان،بىز نەپەس ئېلىۋاتقان بۇ ھاۋا،بىز بەھىرلىنىۋاتقان قۇياش نۇرى ھەم شۇلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەنلىرى ئىدى،ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرنىڭ مۇشۇ كۈنى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان ئىدى،لىكىن ئۇلار كىتىپ قالدى.ئەمدى ئەشۇ ئەجدادلارنىڭ ، باھادىرلارنىڭ ئابىدىسىنى تىكلەش،ئۇلارنىڭ روھىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ،ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تۇنۇتۇش دەل مەن كەبى ئاتىلارنىڭ ۋىجدانى بۇرچىدۇر.
ئوغلۇم شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى ،ھەر بىر تارىخنى قەھرىمانلار يارىتىدۇ،ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىدە ئۆز قەمىنىڭ روھىيتى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ روھى ھەر ۋاقىت قەۋمىگە ھەمراھ بۇلۇپ،قەۋمىنىڭ قۇدىرەت تېپىشىغا ، ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا مەدەەت بىرىپ تۇرىدۇ. سەن ھازىر دەسسەپ تۇرغان بۇ تۇپراق شۇنچىلىك مۇقەددەس، شۇنچىلىك شۆيۈملىك،چۈنكى ئۇنىڭدا قەھرىمان ئەجدادلىرىڭنىڭ ئىزى بار،بۈگۈن ئۈچۈن تۆكۈلگەن قېنى بار!ئۈستۈڭدە پارلاۋاتقان قۇياش چىھرىدە ئۇلارنىڭ يارقىن سىيماسى بار،ئۆتىۋاتقان ھەر بىر كۆنۈڭدە ئۇلارنىڭ چەكسىز ئۈمۈدى بار. دىمەك ئۇلار ھەر ۋاقىت بىزگە ھەمراھ،ئۇلار ھەم ئۆز خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدە مەڭگۈ ياد ئىتىلىدۇ،ئېيىتقىنچۇ ئوغلۇم ئۇلار ئۆلۈپتىمۇ؟
-ئۇلار ھەم مىنىڭ قەلىب تۆرۈمدە دادا.
-ئەمدى بۇ مەسئۇلىيەت ساڭا يۈكلەندى ئوغلۇم.قەھرىمانلىرىڭنى ئۇنۇتما، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇر،شۇندىلا ئۇلارنىڭ روھى ساڭا كۈچ بىرىدۇ،ھاياتىڭدىكى ھەر بىر قەدىمىڭنى ئۇلارنىڭ تۆككەن قېنىغا يۈز كىلەلىگۈدەك باسقىن. ئانا تۇپراق ئۆز قوينىدا ياتقان قەھرىمان ئوغلانلىرىدىن يەنە سەندەك جەسۇر ئەۋلادنىڭمۇ چىققانلىقىدىن سۆيۈنسۇن.ئېسىڭدە بولسۇنكى ،تۇپراق سۆيۈنۈش بىلەن ئۆزقوينىغا ئالغانلار ھەرگىزمۇ ئۆلگەنلەر ئەمەس،كەلگۈسىدە ئەۋلادلىرىڭغىمۇ ئېيتىپ قوي، بۇ يەردە تىرىكلەر ياتىدۇ!!
ئىلھام ئەنۋەر نۇر ئوغلى
2012-يىلى7-دىكابىر
شەھىرى ئۈرۈمچى