مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1618|ئىنكاس: 15

سۆيۈملۈك ئايال بۇلاي دېسىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17735
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 03:10:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيۈملۈك ئايال بۇلاي دېسىڭىز



بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم قىز - ئاياللىرىمىز سۆيۈملۈك ئايال بولۇشنىڭ ھەقىقىي ئۆلچەملىرىنى بىلمەسلىك، نىكاھقا يەڭگىللىك بىلەن بىرتەرەپلىمە قاراش، نىكاھنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىش، جۈپتىنىڭ ئۆزىنى ئەڭ قەدىرلەيدىغانلىقىغا قانائەت قىلماسلىقتەك ئازغۇنلۇق تۈپەيلى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، پۇشايمانغا مۇپتىلا بولماقتا.
جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى «ئەركەك»لىرىمىز ئۇلارنىڭ يولدىن تېيىشىغا رولچى، ئادىشىشىغا كومپاس بولماقتا. بۇنداق قوش يۆنىلىشلىك چېكىنىش ئاخىرىدا  ئۆزىمىز، جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەينى زامانلاردىكى «سەنەم، شېرىن، زۆھرە، گۈلەمخان، گۈلنىسا، نوزۇگۇم....»لارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئۆزگىچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلاردىكى روھ بىزدىن بارغانچە يىراقلاشماقتا.

1. ئېنىقكى، نەزەرىيەۋى بىلىمگە ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. بىلىم ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى ۋە يىغىنچاقلىنىشى. بەزى ئاياللار تىرىشسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان تۇرۇقلۇق، ئەرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىدى دېيىشىدىن ياكى باشقىچە تۇيغۇدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۆز قابىلىيىتىنى ئىشقا سالمايدۇ، ئاشكارىلىمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان قابىلىيەتلىك ئاياللىرىدىن سۆيىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

2. ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللار. بۇنداقلار ئېرىنىڭ كۈلكىسىگە كۈلكە، يىغىسىغا يىغا ئاتا قىلالايدىغان، گېزى كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان ئاياللاردۇر. شۇڭا ئاياللار سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن «ئىتائەتمەن» بولۇش بىلەن «ئۆزىنى قۇربان قىلىش»نى ئىنىق پەرقلەندۈرۈۋېلىشى لازىم.

3. خۇشخۇي، خۇشچاقچاق ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. چېھرىدىن تەبەسسۇم يىغىپ تۇرۇش روھەن ساغلاملىق ھەم ئۈستۈنلۈكنىڭ ئىپادىسىدۇر. چاقچاق غەم - ئەندىشىنى يوقىتىدۇ. قايسى ئائىلىدە چاقچاق ۋە كۈلكە كۆپ بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى كۈچىيىدۇ، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. بىراق بەزى ئاياللار كۆپ ۋاقتى، زېھنىنى يوقىلاڭ تەشۋىشلىنىش، غەم - ئەندىشىدە  ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، قارىماققا ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن غەم يەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىردەممۇ ئېچىلمايدىغان سۆرۈن چىرايى ئېرىنىڭ نەزەرىدىكى «سۆيۈملۈك» ئوبرازىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

4. سەۋەنلىكىنى دەرھال ئېتىراپ قىلالايدىغان ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. بۇنداق ئاياللار ئاق كۆڭۈل بولۇپ، ئېرىنىڭ سۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ روھىي ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئېرىنىڭ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ.
ئۇنداقتا سۆيۈملۈك ئايال بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كىرەك؟
  بۇنىڭ ئۈچۈن:
1) ئۇلار گۈزەللىكنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك. گۈزەللىكنى سۆيۈش كىشىلەردىكى ئورتاقلىق. تولىستوي «ئادەملەر چىرايلىقلىقىدىن سۆيۈملۈك ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈكلىكىدىن چىرايلىقتۇر» دېگەن. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئاساسلىقى پىسخىكا جەھەتتىكى گۈزەللىكتۇر. بىز ئادەتتە بۇنداق گۈزەللىكنى قەلب گۈزەللىكى دەپ ئاتايمىز. شۇڭا ئاياللار تاشقى گۈزەلىككىمۇ مۇۋاپىق ئەھمىيەت بېرىشى، ئەڭ مۇھىمى قەلب گۈزەللىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئاياللار «باشقىلارغا تاقابىل تۇرمىسا ياشىماق قىيىن» دەپ قاراپ، ھەممە ئىشنى تەتۈرسىگە بۇراپ، گۈزەللىكنى روھىي جەھەتتىن ئىزدىمەي، كىيىم - كېچەكتە ۋە قاتار چايدا مودا قوغلىشىش، ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يار بېرىش - بەرمەسلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، زىبۇ - زىننەت، پەرداز بۇيۇملىرىغا بېرىلىش، باشقىلاردىن بىرەر ئېغىز گەپنى كۆپرەك قىلىۋېلىشتەك ناچار «گۈزەللىك»نى قوغلاشماقتا. بۇ ھال ئاياللارنى ھەدېسىلا سۆلەتۋازلىق، مەنىسىز مەنمەنچىلىك، ئۆزئارا ئىناقسىزلىق پاتقىقىغا پاتۇرىدۇ.
2) ئاياللار ئېرىنى ۋە ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللىشى كىرەك. بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىنى ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆيۈنىشى دەپ قارىماستىن، ئېرىنى ئۆزىگە بويسۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ - دە، ئېرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئېرىنى توغرا چۈشىنىشى، ئۇنى قوللىشى، ئېرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى بىر تەرەپنىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئەلۋەتتە يەنە بىر تەرەپنىڭ قوللىشىغا باغلىق. مەسىلەن، لۇشۈن ئەينى ۋاقىتتا ئىقتىسادتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئايالى شۈ گۇاڭپىڭ ئىش تېپىپ ئىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللەتمەكچى بولغان، لېكىن ئۇ، لۇشۈن بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇنداق قىلسا ئېرىنىڭ يېزىقچىلىقىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئىجادىيەت شارائىتى يارىتىپ بەرگەن. دېمەك، ئاياللار ئېرى بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ، ئىختىيارلىق پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىش، مۇۋاپىق كېلىش - كەلمەسلىكىگە قاراپ ئىش قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللىسا سۆيۈملۈك ئايال بولالىشى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن.
3) ئاياللار ئائىلە تۇرمۇشىدىكى سەككىز مىنۇتقا سەل قارىماسلىقى كىرەك. بەزى نىكاھ مۇتەخەسسىسلىرى ئائىلە تۇرمۇشىدا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنۇت بىلەن ئىشتىن چۈشكەندىكى تۆت مىنۇت ئىنتايىن مۇھىم، بۇ سەككىز مىنۇتتىكى ئەھۋالنى ئائىلە ئىناقلىقى ۋە نىكاھ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى دەپ قارىغان. شۇڭا بۇ سەككىز مىنۇتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سەككىز مىنۇتتىكى ئىشلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا جورىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنۇت ھەممىدىن مۇھىم. بۇ چاغدا  ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىگە بولغان مۇئامىلىسى شۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە كەيپىياتىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىكى تۆت مىنۇتتا كۆپلىگەن ئەر ھاۋا رايىنىڭ ئوساللىقىدىن، قاتناشنىڭ قىستاڭچىلىقىدىن، خىزمەتتىكى ئۇششاق ئىشلاردىن كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىغاچقا، ئايالىنىڭ ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشىنى خالايدۇ. لېكىن، بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ھالىتىنى چۈشەنمەي، ئۆز دەردى، بالىلارنىڭ قانداق خاپا قىلغانلىقى ... دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارنى سۆزلەپ، كۆڭۈل ئۇتۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.
سۆيۈملۈك ئاياللار بىلەن قەدىرلىك ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشى، مىڭلىغان، مىليونلىغان ئائىلىلەر ھەم ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان نىكاھ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن كامال تاپىدىغانلىقى ئېنىق ھەقىقەت. شۇڭا، ئىتائەتمەنلىك، تىرىشچانلىق، ئەقىل - پاراسەت، ئىشچانلىق، باتۇرلۇق، ۋاپا - ۋىجدانلىقتەك قەلب گۈزەللىكىگە ئىگە ئاياللىرىمىز، بۈگۈنكى كۈندىمۇ، گۈزەللكىنى، قەدىرلىنىشنى ئۆزىنىڭ ئېسىل پىسخىك روھىي - ھالىتىدىن ئىزدەپ، سۆيۈملۈك ئايال بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىشى كېرەك.




مەنبە :  جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ تارماق تورى  .
http://www.radioxj.com/n19072c27.aspx

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86671
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 08:15:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۇر قىرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88094
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 08:44:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ  توغرا  ئېيتىلىپتۇ       ئەمما  ئەرلەرمۇ  ئۆزىگە   بۇنىڭدىن  مىڭ  ھەسسە   ئارتۇق  تەلەپ   قويشى  كېرەك

دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئاسان......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35845
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 584
تۆھپە نۇمۇرى: 5
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 09:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئۇيغۇر ئىلىم  ئەھلى كۆرۈشكە تېگىشلىك سۆھبەت:

ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىناقلىق سەپىرى-http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=51604
ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىناقلىق سەپىرى-

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7469
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1072 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 09:16:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تېما  يوللاپسىز  ! ئەجرىڭىزگە  رەھمەت!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6140
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 10:48:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  سۆيۈملۈكلەردىن بۇلايلى ...... رەھمەت تېما ئىگىسىگە

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1069
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9886
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 11:56:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈيۈملۈك ئاياللاردىن بۇلۇشقا تىرىشايلى!

بۈگۈنكى تىرىشچانلىق ئەتىكى مۇۋەپپەقىيەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5388
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:04:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئادەملەر چىرايلىقلىقىدىن سۆيۈملۈك ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈكلىكىدىن چىرايلىقتۇر» ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆز . تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر .

ھاياتىڭىزدا كىشىلەر دېڭىز دولقىنىغا ئوخشاش كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەر قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ .

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21247
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2121 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 01:22:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلار گۈل-غۇنچە،ئاياللار گۈل-چىچەك،ئانىلار -ئاشۇ غۇنچە،چىچەكلەرنىڭ شەربەتلىرىدىن ھاسىل بولغان ھەسەل تەملىك ئالما-ئاناردۇر.
   شۇڭا قىز بولماق تەس،ئايال بولماق تېخىمۇ تەس،ئانا بولماق بەكمۇ تەس.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25719
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3422 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 12:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى بار ... ئەجرىڭىزگە رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش