مۇھەببەتنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى
بىلىپ قال دۇستۇم ، مۇھەببەتنىڭمۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بار. ئۇنىڭ تەبىرى ئۆزگىچە، مۇقىم قىلىپى يوق . سەن كۆرەلمەيسەن ، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالايسەن، تەمىنى تىتىيالايسەن. يەنى مۇنداق :
ئىككىڭلار شۇنداق تاساددىبى تونۇشۇپ قالدىڭلار ، شۇ چاغدا ئۇچراشقان كۆزلىرىڭلاردىن < نامەلۇم> زەرىچە ئۇچقۇنى چاقنىدى. سېنىڭ يۈرۈكۈڭ ئۆمۈرۈڭدە ھېس قىلىپ باقمىغان بىر خىل ھاياجانلىق تۇيغۇغا چۆمدى. دەل شۇ چاغدا مۇھەببەتنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى < بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قىلىش > بولدى .
شۇنىڭدىن كېيىن سەن ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا يىقىنلاشتىڭ ، سىلەر شۇنداق قىلىپ دۇست بولۇپ قالدىڭلار . ھەر دائىم ئۇچراشقاندا ياكى پاراڭلاشقاندا كۆزلىرىڭلار ئۈن-تىنسىز مۇھەببەت ئىزھار قىلدى. سەن ئۇنىڭغا مايىل ، ئۇمۇ ھەم ساڭا مايىل ئىدى. شۇ چاغدا مۇھەببەتنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى < كۆز مۇھەببەتكە زورلايدۇ > بولدى.
شۇنداق قىلىپ مۇھەببەتلىشىپ قالدىڭلار، كۈندە بىللە ئۈگۈنۈش قىلىش، بىللە تاماق يىيىش ، بازار ئايلىنىش ۋە باشقا ئىشلار سېلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ مەزمۇنى بولدى. قانچىلىغان ئايدىڭ كىچىلەردە ، ياپراقلار تۆكۈلگەن كوچىلاردا سىلەر قول تۇتۇشۇپ ماڭاتتىڭلار . بۇ چاغدا مۇھەببەتنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى <مۇھەببىتىمىزگە ئاي گۇۋاھ >بولدى .
كېيىنكى ئۇدۇل تىكىلگەن كۆزلەر ، چىڭ سىقىلغان قوللار ، ئوتلۇق لەۋلەرنىڭ بىر-بىرىگە تامغا بىسىشى..... مۇھەببەت خاتىرەڭگە يېزىلغان ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار بولۇپ قالدى . بۇ چاغدا مۇھەببەتنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى< سۆيۈپ ھەم سۆيۈلۈپ ياشا > بولدى.
سىلەرگە ھەممە كىشى ھەۋەس قىلدى، شۇنداق مۇھەببەتنىڭ ئۆزلىرىگە نىسىپ بولۇشنى تىلىدى. بۇ چاغدا مۇھەببەتنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى < خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر > بولدى.
سەن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتىڭ، مۇھەببىتىڭگە ئىشىنەتتىڭ، مۇھەببىتىڭ ھەر دائىم بوينىڭغا گىرە سېلىپ ساڭا نۇرغۇن چىرايلىق ۋەدىلەر بىرەتتى. بۇ چاغدا مۇھەببەتنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى < مۇھەببىتىڭنىڭ بوينىڭغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ بەرگەن ۋەدىسىگە ئىشەنمە. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ساڭا بەرگەن شۇ ۋەدىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش-چىقالماسلىقنى ئويلىمايدۇ.>دېگەندىن ئىبارەت بولدى . بۇ نەزەرىيە ئەسلىدە ئاگاھلاندۇرۇش خارەكتىرىدە ئىدى . چۈنكى مۇھەببەت ئۆزىنى ئۆزى ھېس قىلالايدۇ، ئۆزىنى مەۋجۈت قىلىپ تۇرۋاتقانلارغا بەزىدە قىزىل كارتا چىقىرالايدۇ. ئەپسۇس سەن بۇنى بىلمىدىڭ، ھېس قىلالمىدىڭ.
شۇنداق قىلىپ <ياخشى كۈننىڭ يامىنى بار> دېگەندەك ، سېلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا كۆز تەگدى. سەن ئىشەنگەن مۇھەببەت ساڭا ئاسىيلىق قىلدى، سېنى تاشلاپ كەتتى . ئۇنى چىن يۈرۈكۈڭدىن ياخشى كۆرەتتىڭ، ئەمما ئۇ يەنىلا سېنى تاشلاپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇھەببەت نىسپىيلىك نەزەرىيەسى <زامان ئۆزگەردى>گە ئايلىنىپ بولغانىدى. لېكىن سەن مەرد-مەدانە ئىكەنسەن، ئۇ سېنى تاشلاپ كەتكەن بولسىمۇ ، سەن يەنىلا ئۇنىڭغا چىن قەلبىڭدىن بەخت تىلىدىڭ، ئۈمۈدۋارلىق بىلەن قەددىڭنى تىك تۇتۇپ يۈرىۋەردىڭ. بۇ چاغدا مۇھەببەتنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى <چىدىساڭ ياشا > بولدى .
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت ئەسلىمەڭدىكى مۇھەببەتنىڭ تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئىدى .
سەن ئاخىرىدا مۇھەببەتنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى يىغىنچاقلىدىڭ:<مۇھەببەت دۇستلۇق بىلەن باشلىنىپ، سۆيۈش-سۆيۈلۈش بىلەن راۋاجلىنىپ،كۆز يىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.>
دېگىنىم توغرىدۇ دۇستۇم ؟ سەنچە مۇھەببەتنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى نېمە؟
مەنبە : ئۆزۈم