مىڭ تىللاغا ئەرزان گەپ......
(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە تەۋىسيە)
چۈشىڭگە ئىشەنمە ئىشىڭغا ئىشەن،
قان-تەردىن ئېچىلار سائادەت دىگەن.
ئۈمۈتسىز شەيتاندۇر ئۇنى سۆزسىز بىل،
سادىرنىڭ قولىدا چېقىلغان كىشەن.
بەزىلەرنى ئۆلدى دىمە بەلكى تىرىكتۇر،
بەزىلەرنى تىرىك دىمە بەلكى ئۆلۈكتۇر.
ۋاختىڭمۇ زايادۇر بەختىڭمۇ كەتتى،
كىيىنكى پۇشايمان ساڭا ئاپەتتۇر.
دۈشمەننى دوست بىلمە كېتىدۇ بېشىڭ،
پۇشماندا ئوغىغا ئايلىنار ئېشىڭ.
تۈلكىنىڭ سالامى خوشلۇقتىن ئەمەس،
سەگەك بول- ھەر قەدەم ئاقمايدۇ يېشىڭ.
باتۇرغا بار ئۆلۈم جەڭگە چىقسىمۇ،
قورىققانغا بار ئۆلۈم مۈكۈپ ياتسىمۇ.
ئېتىپ ئۆل، بەرىبىر يېتىپ ئۆلگىچە،
ئاچلىقتىن توق ئەرۋاھ بولغان ياخشىغۇ.
ياشىغۇچە تىتىرەپ توشقاندەك يۈز يىل،
ئەۋزەلدۇر يولۋاستەك ياشىغان بىر يىل.
تەدبىرىڭ قانداقتۇر تەقدىرىڭ شۇنداق،
سېۋەتتە سۇ توختار ھەتتا سەۋەپ قىل.
بۈگۈنكى ئىشىڭنى ئەتىگە قويما،
ئەجىرسىز پەلەككە چۈشمەيدۇ سويما.
ئۆردەكنىڭ پېيىدە بول غاز يىمەك بولساڭ،
ھەر ئىشتا يەتتە ئۆلچە بىر كەس ئويلا.
مەنبە:ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى توپلامى
شېئىرى شەكىلدە بايان قىلغۇچى: لاۋا0998
2012.12.5
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-11 02:05 PM