|
|
|
|
ئامدان، ئۇبدان، بەلەن ،ياخشى.
قۇشاقتا :
ئوينۇغۇچ ئامدان نىمە،
يازلىقى بار ،كۈزلىكى يوق.
يېڭى يار ئامدان نىمە،
ئاغزىدا بار ، كۆڭلىدە يوق.
ئاق يەر، تەك، باغ يەرلىرىدىن باشقا يەرلەر.يىل ئارىلاپ تېرىلىدىغان يەرلەرمۇ شۇنداق ئاتىلىدۇ.
قۇشاقتا،
يالار ئامدان يار ئىدى،
كىملەردىن غەم يەيدىكىن.
ئايلاپ، يىللاپ كەلمەيدۇ،
بىزنىئاق يەر دەمدىكىن.
ئاپپاق نان،بۇغداي نان.
قۇشاقتا:
سارا كەلدى قىش چىقتى،
ئاي بالامغا چىش چىقتى.
ئاپپاق،ئاپپاق نان ياقتىم،
چىشلىرىمغا ئىش چىقتى.
ئايپاڭ،تاقىرباش.
قۇشاقتا:
سەھەر-كەچتە چىقمايدۇ،
باغ كەينىگە قەلەم قاش.
مەندىن چاققان چىقىپتۇ،
ساۋۇت دىگەن ئايپاڭباش.
مەنبە: barstekin توپلىغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-11 12:45 PM
|
|
|
|
|
|