|
|
|
|
ئاتنى چۈشنەمسىز ؟ ئات ئادەتتە ئۆي ھايۋانلىرى ھىساپلىنىدۇ .ئات بەيگىلەردە ،جەڭگاھلاردا، چارۋۇچىلىقتا ،دىھقانچىلىق ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ . بىزنىڭ ئىلى ئاتلىرى (مۇڭغۇل كۈرە ئاتلىرىمۇ دىيىلىدۇ .) دۇنياغا داڭلىق بولۇپ ھەر قانداق مۇھىتقا ماسلىشالايدۇ . زىمىستان سۇغۇق ،تۇمۇز ئىسسىقلارغا چىدايدۇ . ياخشى كۇتۇلگەن ئات ئادەتتە 30-يىل ياشيالايدۇ.(ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا 40ياشلىق ئاتلارمۇ بايقالغان. ) بىر كۇندە 60-70كىلۇمىتىر يول يۇرەلەيدۇ . سىمىز ،يۇغان ئاتلارنىڭ ئېغىرلىقى ئادەتتە 350-كىلۇدىن ئارتۇق بولىدۇ . ئاتنىڭ تۇرلىرى : چىلان تورۇق ، جېرەن ، خالتىر ، چاپدار ، قاراگېر ، كېرە ، پۇرۇل ، بۆرتە ، بوز ئات ،چىپار ئات ، قۇلا ، سارا ئات ،بۆرە ئات (سۈر ئاتمۇ دىيىلىدۇ .) قاتارلىقلار... ئاتنىڭ يىتىلىشى : قۇلۇن ، تاي (جاۋاغا دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ) قۇنان ،دۆنەن ،بەشتە ، ئات قاتارلىق باسقۇچلارنى بىسىپ ئوتىدۇ . ئاتىلىشى : چىشى ئاتلارنى بىيە ياكى بايتال دەيمىز . ئەركەك ئاتنىنىڭ پىچىۋەتكىنىنى ئاقتا دەيمىز . پىچمىغىنىنى ئايغىر دەيمىز . بىر توپ ئاتلار يىلقا دىيىلىدۇ . مىنىڭ ئات توغۇرلۇق ئىزدىنىشىم مۇشۇنچىلىك،چالا قالغان يەرلىرىنى ئات خۇمار دوسلارنىڭ تولۇقلاپ كىتىشىگە ئىمانىم كامىل ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isilbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-11 12:04 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-31 09:22 PM):
تورۇق ئاتمۇ بار ،
|
|
|
|
|
|