stars0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 01:48 PM
مىنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ ئەخمىقانە كەشپىيات زەرەتلىگىلى ...
سىزمۇ چىداپلا ئۇنداق ئەرزان باتارىيىلەرنى ئىلىپ يۈرمەي زەرەتلىگىلى بولىدىغان 1.2 ۋولتلۇق باتارىيىلەرنى ئىلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ...ئەتراپتا ئۇنداق باتارىيىلەر ساماندەك...قىممەترەكىنى ئالسىڭىز ئادەتتىكى نەنفۇ ماركىلىق باتارىيىگە قارىغاندا ئۈچ ، تۆت ھەسسە ئۇزۇنراق يىتىدۇ ...
بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى شەخىسنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ياسالغان ، ھەرگىزمۇ كاسىسىغا ئۇرۇپلا تاپقان نەرسىلەر ئەمەس...پەقەت بۇرۇن نوچى ئاتالغانلار ھازىر ئىشلىتىش ئورنى قالمىغان يىرىلا بار...لىكىن شۇ نەرسىلەرگىمۇ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۈچى كەتكەن...سىزدە پەقەت بىرلا كاللا بولغان بىلەن بۇ دۇنيادا نەچچە مىليارد كاللا بار بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، ھەرخىل نەرسىلەرنى ياساپ تەرەققىيات ھازىرقى ۋاقىتقا كەلگەن...
ئۆزىڭىز قول سىلىپ مۇشۇ ياساپ بولغان باشقىلار تەرىپىدىن ئەخمىقانىلىك دەپ قارالغان نەرسىدىن بىرنى ياساپ بىقىڭ . قانچىلىك ئەجىر كىتىدىكەن...
يەنە بىر مەسىلە ھازىرمۇ دۇنيادا تەرەققىيات خىلى يەرگە بىرىپ بولدى...سىز ئويلىغان نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى كەشىپ قىلىنىپ بولدى....
ئاددىيسى مەن ئۆزۈم سىمسىز مائۇسنىڭ توكىنى ئالتە ئايغىچە يىتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياسىغان ، لىكىن خىلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بىرمۇ خىرىدار سوراپمۇ قويمىدى...مىنىڭچە سەۋەبى بازارلاردا سىتىلىۋاتقان سىمسىز مائۇسقا قارىغاندا باھاسى 20 ، 30 يۈەن قىممەت بولۇپ قالغانلىقىدا دەپ ئويلۇدۇم ،ھەم شۇنىڭدىن كىيىن سىتىشنى توختىتىۋەتتىم ...مانا مۇشۇنداق ئەخمىقانا كەشپىياتلارنى ياسىغۇچىمۇ ئەڭ باشتا باشقىلارنىڭ ئىھتىياجىنى ئويلاپ ھەم شۇنداق چوڭ ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن قىلغان ئىدى...ئەپسۇس....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uysoda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-11 03:12 PM