شائىر
(ئىبراھىم مۇختەر ئەسكى1)
شائىر
يازغانلىرىڭ ئۇلۇغ بىر ھەسرەت
تارىخىڭدا قالغان قانلىق ئىز
ئۇ ئەمەستۇر سايە_كۆلەڭگە.
شائىر
يازغانلىرىڭ ئادىمى_ئىنسان
ھايۋاناتلار ئىچىدە ئۇزاق
ياشاپ كەلگەن ئامالسىزلىقتىن.
شائىر
سەن ئەمەسسەن بىراۋ قولىدا
سىلاپ قويسا بىر جۈپ كۆزىنى
سايرايدىغان تارىلىق گىتتار.
شائىر
بىلسەڭ ئەسلى بىر پارچە ئوتسەن
ياشاۋاتقان ماكانىڭدىكى
ھەر بىر ئوينىڭ ئوچىقىدىكى...
شائىر
ئۇنتۇپ قالما كۆيگەن يۈرەكنى
كىرىۋېلىپ راھەت ئىچىگە،
مەيلى بىر تال ياندۇر سەرەڭگە،
يازغانلىرىڭ بوپ قالسۇن تارىخ،
يازغانلىرىڭ قىپ قالسۇن ئەستە
بوپ قالمىسۇن مورىدىكى ئىس...
شائىر
تىكىلمەكتە ساڭا مىڭ كۆزلەر
ئىيتىلماقتا تاۋۇشسىز سۆزلەر...
مەنبە:ئىبراھىم مۇختەر ئەسكى1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aski1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-10 08:55 PM