«گۈل ساتقۇچى قىز» فىلىمى توغرىسىدا
(چاۋشەننىڭ شۇ ناملىق فىلىمى توغرىسىدا) «گۈل ساتقۇچى قىز»-1972-يىلى چاۋشەندە ئىشلەنگەن ھىكايە فىلىم بولۇپ، ئەينى يىللىرى بۇ فىلىم جوڭگۇ تاماشىبىنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن داڭلىق فىلىمدۇر. كىنو سىنارىيىسىنى چاۋشەن خەلقىنىڭ ئۇلۇغ داھىسى-كىم ئىرسىن يازغان. رىژىسۇرلۇقىنى كىم جوڭئىل قىلغان. باش رولنى خوڭ يىڭجى ئالغان. بۇ فىلىم 18-نۆۋەتلىك خەلقىرا كىنو بايرىمىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتى ۋە ئالىي مىدالىغا ئېرىشكەن. «گۈل ساتقۇچى قىز» ئەسلىدە 1930-يىلى كىم ئىرسىننىڭ ئېلىمىزنىڭ چاڭچۈن شەھرى ئەتراپىدا ئىنقىلاۋىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقان مەزگىلدە ئىجات قىلغان 、ئەسىرى ئىدى. ئۆزگەرتىپ سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن بۇ كىنو فىلىمىدە گۈل ساتقۇچى قىز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك ئېچىنىشلىق تەقدىر قىسمىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ كىنو كىيىنكى ۋاقىتلاردا چەت ئەل تىللىرىغا، جۈملىدىن خەنزۇچىغا ۋە ئۇيغۇر تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. كىنونىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى مۇنداق: يىزىلىق قىز خۇانى ھەر كۈنى تاغقا چىقىپ، گۈل ئۈزۈپ ئەكىلىپ شەھەرگە ئەكىرىپ ساتىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاكىسى تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ. ئانىسى كىسەلچان بولۇپ، پومىشچىكنىڭ ئۆيىدە يىللىقچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ بىر كۆزى ئەما سىڭلىسى بولۇپ، پومىشچىكنىڭ ئۆيىدە قارىغۇ بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئاچا-سىڭىل ئىككى قىز كىسەلچان ئانىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كۆچۈرۈپ، گۈل تېرىپ كېلىپ ئانىسىغا يارىدەملىشىدۇ. لىكىن يەنىلا ئائىلىسىنى باقالماي، ئاشلىق سېتىۋىلىش ئۈچۈن باشقىلاردىن قەرز ئالىدۇ. بىر قېتىم خۇانىنىڭ سىڭلىسى-شۈنجى پومىشچىكنىڭ ئۆيىدە ئانىسىغا يارىدەملىشىۋاتقاندا پومىشچىكنىڭ خوتۇنىنىڭ بىر نەرسە يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سەبىيلەرچە قولىنى ئۇزۇتىدۇ. بۇ چاغدا پومىشچىكنىڭ خوتۇنى ئاچچىقلىنىپ،شۈنجىنى ئىتتىرۋىتىدۇ. شۈنجى ئىھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشۈپ، ئوچاقتا قايناۋاتقان شورپىنى ئۆرىۋىتىدۇ. شورپىنىڭ تۆكۈلىشى بىلەن ئوچاقتىكى كۈل شۈنجىنىڭ كۆزىگە كىرىپ كېتىدۇ. شۈنجى شۇنىڭدىن باشلاپ قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ.ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەن ئاكىسى-جى يوڭ ئاچچىغىدا بەي فامىلىلىك پومىشچىكنىڭ ئوتۇنخانىسىنى كۆيدۈرىۋىتىدۇ. ئەمما ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. خۇانى گۈل سېتىپ خېلى پۇل تېپىۋاتقان كۈنلەردە شۈنجىنىڭ ئوغۇرلۇقچە كوچىدا ناخشا ئېيتىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئازاپلىنىدۇ. ئۇ سىڭلىسىنىڭ ناخشا ئېيتىپ پۇل تېپىشىنى خالىمايدۇ. ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن گۈل سېتىپ تاپقان پۇلغا دورا سېتىۋىلىپ ئانىسىنىڭ كىسىلىنى ساقايتماقچى بولىدۇ. ئۇلار دورىنى ئېلىپ ئۆيىگە كەلگەندە ئانىسى دورىنى يېيىشكە ئۈلگۈرمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئۇلار قاتتىق قايغۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇانى سىڭلىسىنى ئۆيدە قويۇپ ئاكىسى-جى يوڭنى ئىزدەپ تاپماقچى بولىدۇ. خۇانى مىڭبىر مۇشەققەتتە ئاكىسى تۇرغان تۈرمىگە ئىزدەپ بارغاندا ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ. ئاخىرى ئازاپقا چىدىماي، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ پومىشچىكنىڭ ئۆيىدە يىللىقچى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۆيىدە يالغۇز قالغان كۆزى ئەما شۈنجى ھەر كۈنى كەنت ئېغىزىدىكى دۆڭلۈككە چىقىپ ئانىسى ۋە ئاچىسىنى چاقىرىپ يىغلايدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈرمىدە ئۆلۈپ گىرداۋىدىن قۇتۇلۇپ ئىنقىلاۋىي ئارمىيەگە قاتناشقان جى يوڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. ھەمدە سىڭىللىرىنىڭ پومىشچىكنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى ۋە كەڭ ئىزىلگۈچى خەلقنى پومىشچىكنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇدۇ.ئاكا-سىڭىل ئۈچەيلەن ئاخرى جەم بولۇپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ. خۇانى يەنە گۈل سېتىپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى باشلايدۇ. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-10 08:51 PM
|