مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 991|ئىنكاس: 9

ئاتاقلىق رەسسام ، ئىدىقۇت ئوغلانى ئىمىن ھاسىل ئەپەندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59865
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 08:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاتاقلىق رەسسام ، ئىدىقۇت ئوغلانى ئىمىن ھاسىل ئەپەندى

imin hasil.jpg

      ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى تونۇلغان رەسسام ، گۈزەل-سەنئەت مۇتەخخەسسىسى ئىمىن ھاسىل 1941-يىلى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . 1952-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن ، ئۇ بۇ جەرياندا كۈندىلىك دەرسلەرنى ياخشى ئىگىلەش بىلەن بىرگە ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا رەسىم سىزىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ ، پېشقەدەم رەسساملارنى ئۇستاز تۇتۇپ ، رەسىم سىزىش قائىدىلىرىنى ، سىزىق ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىپادىلەشنى ، رەڭگە ھېسسىياتنى قانداق سىڭدۈرۈشنى ئىجتىھاد بىلەن ئۆگەنگەن .

      1958-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، تۇرپان 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان . 1964-يىلى تۇرپان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا يۆتكىلىپ ، بىر تەرەپتىن تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجادىيەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان . 1965-يىلى تۇرپاندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن 60 ئوقۇتقۇچىنى يىغىپ ، تۇرپاننىڭ تۇنجى ئەۋلاد رەسىم ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەپ چىققان . 1980-،1981-يىللىرى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە جېجياڭ گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا مەخسۇس رەسىم ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپ ، ماي بوياق رەسىم ھەققىدە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغان . ئىمىن ھاسىلنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى رەسىم ئەسەرلىرى چوڭقۇر مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ ، تېخىمۇ تەسىرچانلىققا ، جانلىقلىققا ئىگە بولغان . ئىمىن ھاسىل ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن چاغدىكى تۇنجى ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان <<نەنسەن قارىغايزارلىقى>> ناملىق رەسىمى بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ياش رەسساملار ئىجادىيەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالانغان ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . <<چېگرادىن خەت>> ناملىق رەسىم ئەسىرى 1982-يىلى مەملىكەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان كۆرگەزمىدە ئالاھىدە ئەسەر مۇكاپاتىغا ، <<ئاۋغۇستتىكى تۇرپان>> ناملىق ئەسىرى 1985-يىلى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ، <<يالقۇنتاغدىكى قۇم ساناتورىيىسى>> ناملىق ئەسىرى 1986-يىلى مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، <<تارىخنىڭ بىر بېتى>> ناملىق ئەسىرى غەربىي شىمال بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . كۆپ يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق 1985-يىلى سىزىپ چىققان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ پورتېرىتى ئۇنى زور شۆھرەتكە ئىگە قىلغان . ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ رەسىمى ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارادىكى بىردىنبىر ئۆلچەملىك رەسىمى قىلىپ بېكىتىلگەن .

abduhalik uyghur.jpg

ئۇ يەنە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ <<ئېلىپبە>> كىتابىنىڭ ئىچى-تېشى مۇقاۋىسى ۋە كىتابنىڭ 380 پارچە رەسىمىنى سىزىپ بەرگەن . ئىمىن ھاسىل يەنە تۇرپاندا ئاممىۋىي مەدەنىيەت سورۇنى بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن 1998-يىلىدىن باشلاپ ، ئاپتونۇم رايون ۋە مەركەز رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ ، بېيجىڭغا بېرىپ كۆرۈشۈپ ، بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى زور سوممىلىق مەبلەغ ھەل قىلغان ۋە ھازىرقى يېڭى ئاممىۋىي مەدەنىيەت سارىيىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئاساس سالغان .

      تالانتلىق رەسسام ئىمىن ھاسىل كىچىكىدىن باشلاپ گۈزەل-سەنئەت كەسپىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ ، رەسساملىق جەھەتتە ئىجادىيەت ، ئىزدىنىش ، تەتقىقاتنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماي ، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ، رايونىمىز ئىچى-سىرتىغا تونۇلغان ئاتاقلىق رەسسام بولۇپ يېتىشىپ چىققان . ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئۆتكۈر ، كۆزىتىش ئىقتىدارى ئۆزگىچە ، رەڭ ۋە ئوبراز يارىتىش جەھەتتە خاسلىققا ئىگە بولۇپ ، ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .

      ھاياتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ، گۈزەل تەبىئەتكە بولغان قايناق ھېسسىياتى ، رەسساملىق كەسپىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى تومۇرىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بۇ ھارماس ئۇستازنىڭ ئىدىقۇت باغرىدەك ئاتەش يۈرىكى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 69 يېشىدا سوقۇشتىن توختىدى . گەرچە ئۇ بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ يالقۇنلۇق قەلبى ھەربىر ھارارەتلىك ۋۇجۇدقا مەڭگۈلۈك ئورنىغۇسى! مۆھتىرەم ئۇستازىمىزنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرى ، ئۆز كەسپى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان سەنئەت سۆيەر روھى ، بوشاشماي ئىزدىنىدىغان ئېسىل پەزىلىتى ئەۋلادلارغا يىقىلماس ئابىدە بولۇپ قالغۇسى!!

      مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا تۇرپان ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، مەملىكەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .

      ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلغاي!!

مەنبە : تور دۇنياسى ۋە ئۆزۈمنىڭ رەتلەپ-توپلىغانلىرىم

      


بۇ جاھان ئىنساننى ھەر كويغا سالدى،
گاھىدا ماتەمگە ، گاھ تويغا سالدى.
تۈنۈگۈن توقلۇقتا كېرىلگەنلەرنى،
بىر بۇردا نان ئۈچۈن نى ئويغا سالدى.    ___خاتىرەمدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88274
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 10:47:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان جايې جەننەتتە بولغاي. ئامىن

ئۆزەم ئۈچۈن ئەمەس ، خەلقىم ئۈچۈن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87513
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 218
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:46:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشنىڭ ئىجادىيەتلىرى يوقمىكەن

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 10:59:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى بەرگەي...خەلقىمىزگە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشۇپتىكەن.ئاللا رەھمەت قىلسۇن.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 11:26:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59865
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 07:44:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
okunmas يوللىغان ۋاقتى  2012-12-10 11:46 PM
بۇ كىشنىڭ ئىجادىيەتلىرى يوقمىكەن

توردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم ، بولمىسا يوللاپ قوياتتىم . «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىلىرىغا قارىسىڭىز بولىدۇ ، نۇرغۇن سانلىرىدا باش مۇقاۋىگە چىقىرىلغان .

بۇ جاھان ئىنساننى ھەر كويغا سالدى،
گاھىدا ماتەمگە ، گاھ تويغا سالدى.
تۈنۈگۈن توقلۇقتا كېرىلگەنلەرنى،
بىر بۇردا نان ئۈچۈن نى ئويغا سالدى.    ___خاتىرەمدىن

ھەر كىمنىڭ ئۆزى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2114
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15079
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 08:24:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن مەرھۇم ئۇستاز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانىدىم، كوچا ئاپتۇبىسىدا  قولۇمدىكى كىتابغا قاراپ سۆزلەپ كەتكەن ئىدى،شۇنداق كىچىك پېئىل...كىىچك چاغلىرىم بولغاچقا كۆپ سوئال سورىۋالماپتىمەن...كىشى چوڭ بولغانچە ئېسىل كىشىلىرىنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان چېغى!
بۇيلۇق سەيلىگاھىدىكى تامغا سىزىلغان چوڭ تىپتىكى بەدىئىي رەسىممۇ مۇشۇ تۆھپىكار ئۇستازىمىزنىڭ ئەمگىكى،مەن كۈندە مەكتەپتىن يېنىپلا ئۇنىڭ رەسىم سىزىشىغا قاراپ تۇراتتىم،ئۇ شۇنچىلىك ئىجتىھات ھەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ رەسىمنى تاماملىغانىدى...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yabgu + 155 ئىنكاسىڭىزدىن خۇرسەن .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 155   باھا خاتىرىسى

سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90729
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:03:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىملىرىدىن يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ئۇنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا چۈشكەن سۈرىتى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىكەنمەن...

ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59865
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 12:37:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
edirlik يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 11:03 PM
رەسىملىرىدىن يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن !!!!


توردىن تاپالمىدىم . جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتى تورىدا ، ئىمىن ھاسىلنىڭ شەخسىي تور بېتىدە ، بەيدۇ تورىدا پەقەت رەسسامنىڭ تەرجىمىھالىلا باركەن ، ئىجادىيەتلىرى بېرىلمەپتۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yabgu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 01:00 AM  


بۇ جاھان ئىنساننى ھەر كويغا سالدى،
گاھىدا ماتەمگە ، گاھ تويغا سالدى.
تۈنۈگۈن توقلۇقتا كېرىلگەنلەرنى،
بىر بۇردا نان ئۈچۈن نى ئويغا سالدى.    ___خاتىرەمدىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش