پارتلاش
(ھېكايە)
سۇ باش
ئۇنىڭ يۈرىكى بىر خىل كۈچلۈك ئىچكى ھاياجاندىن تېنىمسىزتېپىچەكلەيتتى . قەلبىدىكى ئالەمچە خوشھاللىق چېھرىگە تېپىپ ، چىرايىدىن كۈلكەيىتمەيتتى . ئۆزىگە گويا قانات چىقىپ قالغاندەك ، ئەرشتە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك ،ھەممىلا ئادەم ئۆزىگە ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقاندەك بىر خىل كۈچلۈك ھاياجانلىق سېزىمپۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قاپلىۋالغان ئىدى . ئۇ ئەتراپقا پات – پات مەغرۇر نەزەر تاشلايتتى. كۆك ئاسماندىكى ھىممىتى چەكسىز سېخى قۇياشمۇ ، يول ياقىسىدىكى يوپۇرماقلىرىسارغىيىپ ، تەبىئەتنىڭ چاچقۇسىدەك ئانا زېمىنغا ياپراقلاردىن ئالتۇنرەڭ تونيېپىۋاتقان قارا تېرەكلەرمۇ ؛ گۈرۈلدىگەن ئاۋازدىن خىيالى بۆلۈنۈپ ، بېلىنىرۇسلاپ ، ھالرەڭ ياغلىقى ئاستىدىنجىلمىيىپ قاراۋاتقان ئېتىزلىقتىكى دېھقان قىزلىرىمۇ ؛ كېۋەزلىرى يىغىپ بولۇنغان شادىلىقئېتىزلاردا قىيغىتىپ يۈرگەن ئوغلاق – پاقلانلارمۇ ... ئىشقىلىپ ھەممىلا نەرسە ئۇنىڭغا كۈلۈپ بېقىۋاتقاندەكئىدى ...
ئۇ يېزىدىن ناھىيە بازىرىغا تۇتىشىدىغان قاراماي يولدا تۇنجىتېرىم پاختىسىنى سېتىپ بايىلا سېتىۋالغان يېپ – يېڭى موتوتسىكىلىتىنى ئۇچقاندەكچاپتۇرۇپ ، ناھىيە بازىرىغا قاراپ كېتىپ باراتتى .
” مەھەللىدىكى تۇرسۇن چاڭگاباشنىڭ ( موتو دېگەن ئوغۇل بالىنىڭقانىتى ، موتورۇڭ يوق دېگەن گەپ – قانىتىڭيوق دېگەن گەپ ، ئوڭلاپ بىرەر موتومۇ ئالالمىغان ئوغۇل بالىنىڭ قولىدىنقانچىلىك ئىش كەلمەكچىدى ...؟ قويۇڭلا ، ئۇنداق لاتا قاسقاسنى ! ) دەپ زەي سالمايپو ئېتىشى بىكار ئەمەسكەندە ! خەپ توختاپتۇر ، چاڭگاباش ! بۈگۈن موتونىمۇ ئالدىم ،پەيجو*نى بىر بېجىرىپ كېلىۋالايچۇ قېنى ، كۈندە ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدىن نەچچەقېتىم توپا توزۇتۇپ ، كۆزلىرىڭدىن ئوتچىقىرىۋەتمەيدىغان بولسام ، قاراپ تۇر!....تۇرسۇنگۈل موتونى كۆرسە نېمە دەر ؟ زاۋۇتتىن پۇلنى ئېلىپلا ئۇنىڭ مەسلىھەتىنىمۇئالمايلا ئېلىۋەتتىم بۇ مەرى ئىتتىكگۇينىڭ نەرسىسىنى ، بوپتىلا ، خېلىدىن بېرى ئالىمىز دېيىشىۋاتقان بولغاندىكىن ، ئالدىڭ پۈتتۈڭ ، ساتتىڭ يۈتتۈڭ ،دېگەن شۇ ، نېمىلا دېگەن بىلەن موتولۇق بوپ قالدۇق ، ئېتىزغا سۇ تۇتقىلى بارىدىغان، بازارغا بېرىپ كېلىدىغان ئىشلارغىمۇ ئاسان بولىدىغان بولدى ، مەۋلانجاننىئالدىغا ، ئاپىسىنى كەينىگە مىندۈرسەم ،ئەلە – مەلىنىڭ ئالدىدىمۇ ... “
ئۇ شۇنداق شېرىنخىياللار بىلەن يېزا يولىدىن ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت يولى 314 –لېنىيىسىگە قانداق چىقىپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ تۇيمايلا قالدى . دوقمۇشتىن بۇرۇلۇپشەرققە قاراپ 50 مېتىر ماڭار – ماڭمايلا ئويلىمىغان بىر كېلىشمەسلىككە كىيىلىپقالدى : يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا فورما كىيگەن ، دوغىلاققىنە كەلگەن بىر قاتناش ساقچىسىئوتتۇرىسىدىكى قىزىل چەمبىرەككە « توختاڭ ! » دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن بىر يۇمىلاقتاختاينى قولىدا ئېگىز كۆتىرىپ ، يولنى توغرىسىغا توسۇپ تۇراتتى . تاھىرنىڭ يۈرىكىدۈپۈلدەپ ئەنسىز سوقۇپ كەتتى- يۇ، شۇھامان ئۆزىنى تۇتىۋالدى : « توسسا توسمامدۇ ، مەنمۇ شۇ پەيجو ئالاي دەپ جوتۇڭ** غاكېتىۋاتقاندىكىن... » ئۇنىڭ خىياللىرىنىڭ ئايىقى چۈشكىچە موتسىىكىلىتىمۇ قاتناشساقچىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ بولدى . ساقچى ئالدى بىلەن ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ ،بەش بارمىقىنى پۈكلەپ چېكىسىگە قويۇپ ، دېققەتتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام بەردى .تاھىر نېمە قىلارىنى بىلمەي ، كۈلىۋېتىشتىن ئۆزىنى تەستە تۇتىۋېلىپ ، موتسىكىلىتتىن چۈشۈپ ، ئۇنىڭ بىرنىمە دېيىشىنىكۈتۈپ ، قاراپ تۇردى .
_________________________________________________
* پەيجو _ موتسىكىلىتنىڭ نومۇر تاختىسى
**جوتۇڭ – قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىدى
- كېنىشكە ؟! – دېدىساقچى بوم ئاۋازدا پەلەي كىيىۋالغانقولىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ ، ئۇنىڭ بايىقى سالام بەرگەندىكى ئەدەپلىك تۇرقىدىن قىلچىمۇئەسەر يوق ، بىردىنلا سۈرلۈك ھالەتكە قايتقان ئىدى . تاھىر ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكىسوغۇق نۇرغا قاراپ ، ھودۇققانلىقىدىن دەماللىققا قىلىدىغان گېپىنى تاپالماي دۇدۇقلاپ قالدى :
- بۇ...بۇ...موتونى تېخى بايا ئالغانىدىم ، ھازىرشۇ جوتۇڭغا پەيجو بېجىرەي دەپ...
-پەيجوسىمۇ يوق دەڭلا ، تېخى ؟ - ساقچىنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ ، قاپاقلىرى تۈرۈلدى ،- يۈرىكىڭلا ھەجەپ يوغانكىنا سىلىنىڭ ، كېنىشكىسىز مىنگەننى ئاز دەپ ، پەيجوسىمۇ يوق موتو بىلەن شەھەرگەكىردىڭلىما ...؟! تارتىڭلا ئا بىرنىمەڭلىنى مايزىغا ، يولنى توسۇۋالدىڭلا ...ئەكىڭلا ئاچقۇچنى !
ئۇ تاھىرغا موتسىكىلىتنى يولنىڭ چېتىگە تارتقۇزۇپ ، ئاچقۇچىنىئېلىۋالدى . تاھىر جىددىيلىشىپ ، ئالدىراپئۇنىڭ چاپىنىنىڭ يېڭىگە ئېسىلدى :
- ۋاي ، بۇ...بۇ ... ماڭا قارىسىلا سوجاڭ ، ما موتونى بايابازاردىن ئالغان تېخى ، قاتناش قائىدىسى چىڭ دەپ ، ئۆيگىمۇ ئاپارماي ، بازاردىنلائۇدۇل پەيجو بېجىرەي دەپ جوتۇڭغا مېڭىشىم ، ئىشەنمىسىلە مانا پىيوسى ، چىسلاسىغىمۇقاراپ باقسىلا ، - تاھىر يانچۇقىدىن يېڭىلا كېسىلگەن تالۇن بىلەن موتسىكىلىتنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنىچىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى . ساقچى تالۇننى قولىغا ئېلىپ ، بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىنكېيىن ئېرەڭشىمىگەن ھالدا:
- پەيجوسىز ، كېنىشكىسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىھەيدىگەنلەر قاچان سېزىلسە ، شۇ ھامان جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش – بىزنىڭمەسئۇلىيىتىمىز ، قاچان ئالغان بولۇشۇڭلا بىلەن بىزنىڭ كارىمىز يوق ، قاتناشقائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلا ئۈچۈن بەش يۈز كوي جېرىمانەتولەيسىلە ، - دېدى ۋە يانچۇقىدىن بىركۆتەك تالۇننى چىقىرىپ ، كىرتىلدىتىپ بىرنىمىلەرنى يازدى . تاھىر ئىشنىڭچاتاقلىقىنى پەملەپ ، جىددىيلەشتى :
- ۋاي سوجاڭ ، موتونىبايىلا ئېلىپ پەيجو بېجىرگىلى ماڭدىم ، دەۋاتىمەنغۇ سىلىگە ! پىيونىمۇ كۆردىلەئۆزلىرى ، ھازىر بېرىپ بېجىرىپلا كەلسەم بولمىدىمۇ ؟ بۈگۈن ئالغان موتوغا بۈگۈنلاپەيجو ئاسمىدىڭ ، دەپ جېرىمانە قويسىلىمۇ تازا توغرا بولماس !؟ - تاھىرنىڭ كېيىنكىگېپى سەل زەردىلىك چىقىپ كەتتى . ساقچىنىڭ تاھىرنىڭ خاپىلىق تەپكەن چىرايىغا قاراپ ، جۇدۇنى تۇتتى بولغاي ، شۇ ھامانئۇنىڭغا گۆلەيدى :
- نېمە پوقىقىڭلىنىكېرىيسىلە ؟! ... گېپىڭلا بار ئوخشىمامدۇ ؟!...سىلىدەك توخۇ پوقىلىنى جېق كۆرگەنبىز !...بىر ئايدىن كېيىن تۇتۇلۇپ قالساڭلىمۇ يەنە شۇ موتونى بايا ئالغان ، دېگەنگېپىڭلىنى بازارلىتىپ بېزىرىپ تۇرىسىلە ،... بولۇڭلا چاققان ، پۇلنى تۆلەپ مابىرنىمەڭلىنى كۆزدىن يوقۇتىڭلا ! بولمىسائاپىرىدىغان يەرگە ئۆزىمىزلا ئاپىرىپ قويىمىز !
- ۋاي ، سوجاڭ ! ھازىر شۇ پەيجو ئالغىلىكېتىۋاتىمەنغۇ ...؟!...
- - قورۇق گەپنى ئاز قىلىپ ، جېرىمانىنى تولىيەئاداش !...
خورلۇقتىن تاھىرنىڭ گېلىغا تاش تۇرىۋالغاندەك ، بوغۇزىغابىرنەرسە كەپلىشىپ ، بۇرۇن توشۈكلىرى كېڭىيىپ ، چىشلىرى كاراسلاپ كەتتى . يۈرەكسوقۇشى تېزلىشىپ ، نەپەسلىرى يېتىشمەيۋاتقاندەك بىلىنەرلىك كۈچىيىپ ، قوشۇمىلىرىتۈرۈلۈپ ، چىرايىغا تېپىپ چىقتى . پۇت – قوللىرىنىڭ مۇسكۇل – پەيلىرى تارتىشىپ ،قانلىرى قىزىشتى . شۇ تاپتا ئۇ نېمە قىلىشكېرەكلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى ، مەھەللىدە مۇشۇنداق خورلۇققا ئۇچرىغان بولسا ،ئاللىقاچان پوپاڭ كۆتىرىپ ، بىكاردىن – بىكار ئانى تاپقان لەنەتگەردىنىڭ ئاغزى –بۇرنىنى قانغا بويىۋەتكەن بولار ئىدى ،بىراق ...
-ۋاي ، تۇرسۇن سوجاڭما ؟ .. مايەردە بىرسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇققىلىۋاتىدۇ ، ئادەمدىن ئىككىنى ئەۋەتسىلەبوپتىكەن !
تاھىر ئەمدى يەنە تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ پايدىسىزلىقىنى ھېس قىلدىبولغاي ، يانچۇقىدىكى بايا موتو ئېلىپ ئاشقان مىڭ يۇەن پۇلدىن بەش يۈز يۇەننىشارتتىدە سۇغۇرۇپ ، ساقچىنىڭ قولىغا تۇتقازدى – دە ، ئاچقۇچنى ئېلىپ ، ئۇ تەڭلىگەنجېرىمانە تالونىغا قاراپمۇ قويماي ، موتسىكىلىتىنى ئوت ئالدۇرۇپ ، ماينى قۇلاققىچەتولغاپ ، ناھىيە بازىرىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى .
موتسىكىلىتقاراماي يولدا گۈركىرەپ كېتىۋاتماقتا ،تاھىر ئاچچىقىنى موتسىكىلىتىدىن چىقارماقچى بولغاندەك ، گاھ ماي كىلافانىنىبولۇشىچە تولغاپ ، موتسىكىلىتىنى چالا بوغۇزلانغان بۇقىدەك ھۆركىرەتسە ، گاھ قاتتىق تورمۇز قىسىپ ، ھوقۇش ھۇۋلىغاندەكئەنسىز چىرقىرىتاتتى ؛ شۇ تاپتا ئۇنىڭ بىر سائەت ئىلگىرىكى خوشاللىقىدىن ئەسەرمۇيوق ئىدى .
ئۇموتسىكىلىتىنى غۇيۇلدۇتۇپ ، ناھىيىلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە يېتىپكەلگەندە ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغان بولۇپ ، ئەترەت ھويلىسىدا ئادەمكۆرۈنمەيتتى . ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى سەزدى - يۈ ، بىراق ، گېلىدىن بىرنەرسەئۆتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئۇ موتسىكىلىتىنى توختىتىپ ، ئەترەت دەرۋازىسىئالدىدىكى پەشتاققا كېلىپ ئەمدىلا ئولتۇرۇپ تۇرىشىغا ، دىجۈرنىلىك ئۆيىدىن بىرىچىقىپ :
-ئىشىڭىز بولسا ، چۈشتىن كېيىن كېلىڭ ! ھازىر چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ، - دېدى ئۇنىڭ ئېسىگە سېلىپ .
-بولدى ، مەشەدە ئىشقا چۈشكىچە ساقلاي !
ئۇئادەتتە ھاراق – تاماكا دېگەنلەرگە ئانچە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيتتى ، مەھەللىدىكىتەڭتۈشلىرىنىڭ كۆز – كۆز قىلىپ ، ئۇنى دەي- دەيگە سېلىشلىرىغىمۇ ئانچە ئېرەن قىلىپكەتمەي ، مىيىقىدا كۈلۈپلا قوياتتى . ئەمما ھازىر ئۇنىڭ تۇرۇپلا تاماكا چەككۈسى كېلىپ ، يانچۇقىنى ئاختۇرىۋىدى، تاماكا يوق بولۇپ چىقتى . ئۇ ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ ، ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋەياندىكى بوتكا دۇكاندىن بىر قاپ تاماكا ۋە سەرەڭگە ئېلىپ ، شۇ يەردىلا تۇتاشتۇردى. كۈچەپ شوراشتىن ئىس ئۇنىڭ ئۆپكىسىگە كېتىپ ، بىرھازاغىچە قېقىلىپ يۆتۈلۈپ كەتتى، كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى ، شۇنداقتىمۇ تاماكىنى تاشلىۋەتكۈسى كەلمەي ،بىرھازاغىچە جاھىللىق بىلەن شوراپ ، ئەسەبلىرى بېسىققاندەك بولغاندىلا ئاندىنئاستا بايىقى ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى . ئالدىدىكى يولدا --- 5-6 مېتىرلا يىراقلىقتىكى چوڭ تاشيولدا ئايىقىئۈزۈلمەي غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇرىۋاتقان ماشىنا – تىراكتور، موتسىكىلىتلارنىڭ قۇلاقنىيارغۇدەك كۈچلۈك ئاۋازى ، شاۋقۇن – سۈرەنلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى . ئۇنىئەلەملىك خىيال چىرمىۋالغانىدى : << بىزنىڭ يېزىدا خەقنىڭ دەۋا –دەستۇرلىرىنى سورايدىغان پاتىڭنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئوغرى – يانچۇقچىلارنى تۇتىدىغانپەيسونىڭ ئادەملىرى ھېچقانداق رەسمىيىتى يوق موتونى ئەتىدىن – كەچكىچە ھۆركىرىتىپيۈرسە ، ھېچكىمنىڭ كارى يوق ، ھازىر ئالغان موتوغا نېمىشقا پەيجو ئالمايسەن ؟ دەپقىلىۋاتقان زوتالىغىنى كۆرمەمدىغان ماۋۇ غالچىلىنىڭ ! ...دېھقاننى بوزەك قىلمىغانمۇشۇ نېمىلەرمۇ قالمىدىمۇ نېمە ؟..قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىمىش !...تايىنلىق سېپبېرىڭگە ئىشلەيدىغان ياللانمىدۇ چاغلىق ... غەرەز ئۇقىدىغان سوجاڭلا بولسا ، قاراپتۇرۇپ ئۇنداق بىكاردىن - بىكار ئانىي تاپماستى ئادەمنى !...خەپ توختاپتۇر ،كۆرىمىزغۇ تېخى....
كۈن پېشىندىنقايرىلغان ئىدى ، تاھىر ئەنە شۇنداق ئايىقى چىقماس خىياللار بىلەن ئولتۇرۇپ ،ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىدى . بىر چاغدا ئېسىگە كېلىپ ،دەرۋازا ئالدىدىكى دىجۇرنىدىن سورىۋېدى ، چۈشتىن كېيىن ئىشقا چۈشىدىغان چاغدىن بىرسائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى . تاھىر سوراپ يۈرۈپ ، نومۇر تاختىسىبېجىرىدىغان ئىشخانىنى تاپتى – يۇ ، ئىشخانىدا ئادەم يوق بولۇپ چىقتى . ئالدىراپبېرىپ دىجۈرنىدىن سورىۋېدى ، << ئىشى چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ ، بولمىسا بۇچاغقىچە كېلىپ بولاتتى >> دېدىئېرەڭشىمىگەن ھالدا . تاھىرنىڭ قاتتىقئىچى سىقىلدى ، بىراق ساقلىماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى ، ئىلاجىسىز يەنە بايائولتۇرغان پەشتاققا كېلىپ چۆكتى . ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ، فورماكىيىۋالغان ، سېمىزلىكىدىن بويۇنلىرى يوقاپ كېتەي دېگەن بىر قاتناش باشقۇرۇشخادىمى نومۇر تاختىسى ئېسىلمىغان موتسىكىلىتتىن بىرنى گۈركىرىتىپ مىنىپ ، ھويلىغاكىرىپ كەلدى ، موتسىكىلىتىنى توختاش ئورنىغا توختىتىپ قويۇپ ، پۇشۇلدىغىنىچەئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى . دەرۋازىۋەن تاھىرغا ئۇنى كۆرسىتىپ :" ئاشۇ شۇ" دېگەن مەنىدە بىشارەت بەرگەندىنكېيىن ، تاھىر ئەگىشىپ ، ئۇنىڭ بىلەنبىللە ئىشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى .
-بىرەر ئىشىڭلار بارمىدى ؟- دېدى قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭ تاپ باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنىكۆرۈپ ھاسىرىغىنىچە .
-ئەتىگەن يېڭىدىن بىر موتو ئالغان ، پەيجو ئالاي دەپ كەلگەنتىم ،- دېدى تاھىر گەپنىئىمكانقەدەر قىسقا قىلىشقا تىرىشىپ .
- بۈگۈن پەيجوبېجىرمەيمىز ، ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىڭلا ، - دېدى ساقچى پەرۋاسىز قىياپەتتە .
- ماۋۇ موتونى بۈگۈنئالغان ، - چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى تاھىر جىددىيلىشىپ ،- قاتناش باشقۇرۇش چىڭ ، دەپبۈگۈنلا پەيجو بېجىرىۋېتەي دەپ يولدا كېلىۋاتسام ، يولدا ساقچىلار تۇتۇتىۋېلىپ ،بەش يۈز كوي پاكەن قويىۋەتتى ، شۇڭا ھازىرلا بېجىرىۋېتەي ، دەپ كەلگەن ئىدىم .ئۇنداق قىلماي ، بەش مىنۇت ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ بېجىرىپ بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن...
- دەۋاتىمەنغۇ ، ئۈچكۈندىن كېيىن كېلىڭلا دەپ ، بۈگۈن ھەممىمىز يولغا چىقمىساق بولمايدۇ ، ئۇنىڭئۈستىگە كاسسىرمۇ يوق ، مەن بېجىرىپ بېرەي ، دەپلا بېجىرگىلى بولىدىغان ئۇنداقئاسان ئىش ئەمەس بۇ ...بولدى ، شۇنداق بولسۇن ، كېتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىڭلا!
- ۋاي سوجاڭ، كەتكىچە يەنە توسۇۋالسا قانداق قىلارمەن ، بىر بېجىرىپ بېرىۋەتسىلە بولماسمۇ ؟
- ھازىر شۇدەۋاتىمەنغۇ بولمايدۇ دەپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئادەمنىڭلا قولىدىن چىقىدىغان ئىشئەمەس بۇ ... توسىۋالغۇدەك بولسا ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرسەڭلا بولار ... بولدى ،كېتىپ تۇرۇڭلا ، ئىشىكنى تاقايمەن ،- ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئىش ئۈستىلىدىن بىر توپقەغەزنى ئېلىپ ، ئىشىكنى تاقاپ ، يەنە ھېلىقى موتسىكىلىتىنى گۈركىرىتىپ ، چىقىپكەتتى .
تاھىر نېمە قىلارىنى بىلمەي بىرھازا ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن:" بولدىلا ، شۇنداق قىلساممۇ قىلاي- يا ، تېخى بايا پاكەن تۆلەپ كەلگەندىنكېيىن ، يەنە ئۈستىلەپ پاكەن قويۇپمۇ يۈرمەس ..." دېگەنلەرنى ئويلاپ ، ئاستا ئارقىسىغا ياندى . ئۇنىڭبايىقى ئاچچىقى بىرئاز پەسكويغا چۈشكەندەك قىلاتتى . موتسىكىلىتىنى ئوت ئالدۇرۇپ ،مېڭىشقا تەمشىلىۋېتىپ ، قورسىقىنىڭ ئېچىۋاتقانلىقىنى سەزدى ۋە : "ئالدىرىساممۇ بۈگۈن بەرىبىر كەچ بولدى ، بۇ يەردىن يېنىپ ، ئېتىزلىققا چىققىلىمۇبولمايدۇ ، بىرنەرسە يەۋېلىپ ،ئالدىرىمايراق ماڭايچۇ " دېگەنلەرنىئويلاپ ، رولنى ئاۋات بازاردىكى ئاشخاناتەرەپكە قارىتىپ توغرىلىدى ...
تاھىر تامىقىنىيەپ ، بازار ئايلىنىپ بولغۇچە نامازشام بولاي دېگەنىدى . ئۇ كۈنگە بىر قارىۋېتىپ ،ئۆيىگە ماڭىدىغان ۋاقتى بولغانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي ، ئالدىراپ موتسىكىلىتىنىباققىلى بەرگەن يەرگە كېلىپ ، بېقىش ھەققىنى تۆلەپ ، موتسىكىلىتىنى ئوت ئالدۇردى...ئۇ بازاردا سەلدەك ئېقىپ يۈرگەن ئادەملەر توپىنى تەستە يېرىپ ئۆتۈپ ، چوڭ يولغاچىقتى ، يولغا چىقتى – يۇ ، يەنە كۆڭلىگەھەرخىل تەشۋىشلىك خىياللار كېچىشكە باشلىدى : " يەنە جوتۇڭغا تۇتۇلۇپقالارمەنمۇ ؟ ... ئۇلار يەنە توسسا نىمە دەرمەن ؟ ... پەيجو بېجىرىدىغان ئىشخانىدائادەم يوقكەن ، ئۈچ كۈنگىچە ئىشبېجىرمەيدىكەن ، دېسەم ئىشىنەرمۇ ؟ ... بولدىلا ، ھەرقانچە بولسىمۇ ئەتىگەن بەش يۈز كوي پاكەن تۆلىگەندىكىن يەنە ئېلىپيۈرمەس ..." تاھىر شۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ ، ھەش – پەش دىگۈچە ئۆز يېزىسىغابۇرۇلۇدىغان ئەتىگەنكى ھېلىقى دوقمۇشقا كېلىپ قالدى . يولدا يەنە قاتناش ساقچىلىرىۋەزىپە ئۆتەۋاتاتتى ، يۇمىلاق تاختاي يەنە ئۇنىڭ يولىنى توستى ، بىراق توسقۇچىئەتىگەنكى ساقچى ئەمەس ، باشقا بىر ياش ، بويى ئېگىز قاتناش ساقچىسى ئىدى . تاھىرموتسىكىلىتىنى يولنىڭ ئوڭ چېتىگە توختاتتى، ساقچى خىزمەت قائىدىسى بويىچە ئاۋال ئۇنىڭغا سالام قىلدى ۋە ئارقىدىنلا كېنىشكە(پراۋا ) ، نومۇر تاختىلىرىنى سۈرۈشتۈردى .
- بۇ موتونى تېخىئەتىگەن ئالغان ئىدىم ... – تاھىر سالماقلىق بىلەن بولغان ئەھۋالنى بىر – بىرلەپچۈشەندۈردى ۋە ئەتىگەن بەش يۈز كوي جېرىمانە تۆلىگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى .
- تالۇن قېنى ؟ - دېدى ساقچى . تاھىر يانچۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنىئاختۇرۇپمۇ تالۇننى تاپالمىدى :
- بۇ ... بۇ...پىيونى ئالمىغان ئوخشىمايمەنمۇ ...پاكەن تۆلىگەنبولمىسا...
- ئاچقۇچنى ئەكىلىڭلا ،- دېدى ساقچى تاھىرغا مىقتەك قادىلىپ .تاھىر ئەتىگەنكى تەجىرىبىسىگە ئاساسەن موتسىكىلىتنى ئۆچۈرۈپلا ، ئاچقۇچىنىيانچۇقىغا سېلىۋالغان ئىدى .
- نېمىشقا ؟ - ياندۇرۇپ سورىدى ئۇ .
- موتونى قويۇپ كېتىپ ، ئەتە ئىدارىگە بېرىڭلا ! – دېدى ساقچىتاھىرنىڭ ئۆزىگە سۇئال قويۇۋاتقانلىقىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمىغاندەك ئۇنىڭغا گۆلىيىپ.
- موتونى سىلىگە بەرسەم ، مەن قانداق كېتىمەن ؟ ... ئەتىگەن جېرىمانەتۆلىگەندىكىن بولمىدىمۇ ؟ ... موتونى يەنە ئىدارىگە ئاپىرىپ نېمە قىلىسىلە ؟-ئارقا – ئارقىدىن سۆزلىۋەتتى تاھىر تومۇرلىرى قىزىشىپ .
- نىمىدە كەتسەڭ كەتمەمسەن ئاداش ! - دېدى ساقچى ئاۋازىنىكۆتىرىپ ،- ئەتىگەن جېرىمانە تۆلىگەن بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى ! ... قاچان قەيەردەمەسىلە كۆرۈلسە ، شۇ يەردە تەدبىر قوللىنىش بىزنىڭ ئىشىمىز !... يا بەش يۈز كوي جېرىمانەتۆلە ، يا بولمىسا موتونى قويۇپ كېتىپ ، ئەتە ئىدارىدىن ئېلىۋال !
تاھىرنىڭ تاقىتى چەككە يەتكەنئىدى :
- پەيجو بېجىرىدىغان ئىشخاناڭنى تاقاپ قويۇپ ، يا پەيجوبېجىرگىلى قويماي ، يا يولنى توسۇپ ئۆتكىلى قويماي ، ئادەمنى تار يەرگە قىستاپ، بىر كۈندە ئىككى قېتىم جېرىمانەئالىدىغانغا بۇلاڭچىمۇ سەن ؟! ... كۆرۈڭا ماۋۇ گەپنى ، قانداقدېگەن يولسىزلىق بۇ !
- ھەي سەھرالىق ! كۆزۈڭگە بۇلاڭچى كۆرۈنىۋاتىمەنما ؟! ...-ساقچىنىڭ كۆز جىيەكلىرى يوغىناپ ، ئۇنىڭغا ھۈرپەيدى - يۇ ، تۇرۇپلا ئۆزىنى تۇتىۋالدى،- ماقۇل ، نېمىلىكىمنى ئەمدى كۆرۈپ قوي !....ۋاي ، سوجاڭما ؟ ...مايەردە بىرسى...
ھايالئۆتمەي ئىككى ساقچى تاھىرنىڭ ئالدىغا ئۈنۈپ ، موتسىكىلىتنىڭ رولىغا قولىنىئۇزارتتى .
-توختاڭلار !- باياتىن بېرى قاپىقىنى مۇشتتەك تۈرۈپ ، بىر نوقتىغا تىكىلگەنىچەئۈندىمەي قاراپ تۇرغان تاھىر بومبىدەك ئاۋازدا زۇۋانغا كەلدى ، - جېرىمانەتاپشۇراي! ...
تاھىريېنىدىن ئەتىگەن جېرىمانە تۆلەپ ئاشقان بەش يۈز يۈەننى چىقىرىپ ، ساقچىغا تۇتقۇزدى– دە ، ساقچى كىرتىلدىتىپ يېزىۋاتقان تالۇنغىمۇ قارىماي ، موتسىكىلىتىنى يېتىلەپ ،يېزا تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئەمدى ئۇنىڭ موتسىكىلىت مىنىشكە رايى قالمىغان ئىدى .
ئۇموتوسىكىلىتنى يېتىلىگىنىچە ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيى تەرەپكە قاراپ كېتىپباراتتى . شۇ تاپتا موتوسىكىلىت ئۇنىڭغا قانات ئەمەس ، بەلكى بارچە بالايى –بەتتەرنىڭ سەۋەپچىسىدەك شۇنچە ئېغىر ، شۇنچە سوغۇق ، شۇنچە يېقىمسىز ، شۇنچە يىرگىنىشلىكبولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى . يەلكىسىگە پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈكىنى ئارتىۋالغاندەكقەدەملىرى ئېغىرلىشىپ ، نەپەسلىرى تېزلىشىپ ، قوش سۆرىگەن ھۆكۈزدەك پۇشۇلداپ ،بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى كېڭەيدى . كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلىپ ، ۋۇجۇدىدىكى غەزەپ ،ئاچچىق ، خورلۇق ... مېڭىسىگە تېپىپ ، ھازىرلا پارتلايدىغاندەك ، بىرپارتىلىۋالمىسا يۈرىكى ئەمىنلىك ، روھى ئازادىلىك ، ۋۇجۇدى ئاراملىقتاپمايدىغاندەك ئاجايىپ ئەسەبىي بىر ياۋايى سېزىم ئىچ- ئىچىدىن قۇترايتتى ...
ئۇئاخىر بولالمىدى ، موتوسىكىلىتنى يولنىڭ يېنىغا – قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپەئۆتەۋاتقان يول ئېغىزىدىن 150 مېتىر يىراقلىقتىكى يول ياقىسىغا توختاتتى – دە ،ماي ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ، ئىچىگە لىق ماي قاچىلانغان موتوسىكىلىتنى يېنىچەقىلىپ ، يەرگە ياتقۇزدى . ماي بۇلۇقلاپ يەرگە تۆكۈلۈپ ، موتوسىكىلىتنىڭ ئەتراپىنىبىر ئالدى . كۆزلىرىگە قان قۇيۇلغاندەك قىزىللىق تولغان تاھىر يانچۇقىدىنسەرەڭگىسىنى چىقىرىپ ، ئىككى تال سەرەڭگە تېلىنى سەرەڭگە قېپىغا سۈركەپ ئوتتۇتاشتۇردى – دە ، ئاخىرقى ماي قالدۇقلىرى كىلدىرلاپ چۈشىۋاتقان موتوسىكىلىتنىڭماي ساندۇقىنىڭ ئاغزىغا تاشلىدى ...
«گۇم !!! » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەتراپ پاتپاراقچىلىققا تولدى ، ساقچىماشىنىلىرى ھۇشقۇيتۇپ ، بىر دەمدىلا نەق مەيداننى ئورىۋالدى ، ھايال ئۆتمەيلا ئوتئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ گۈدۈكى ئالەمنى بىر ئالدى ... جاھان ئۆرە – توپە بولغاندەك ،ھەممەيلەن تەرەپ – تەرەپكە پېتىرايتتى ...
تاھىرشۇندىلا ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ، ئېغىر بىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك ، پۇخادىنچىققاندەك ھېس قىلىپ ، كەينىگىمۇ قارىماستىن ، گۈرسۈلدىتىپ دەسسىگىنىچە دەمبەسقەدەم بىلەن ئۆيى تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى ...
2008.11.17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-10 09:24 PM