قاباھەتلىك چۈش (مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە)
كۈزنىڭ بىر كېچىسى سۈرىمەن خىيال،
ئۈن-تىنسىز سورايمەن ئۆزۈمدىن سۇئال.
كۆزۈمدە ئۇيقا يوق قولۇمدا قەلەم،
يۈرەكنى ئۆرتەيدۇ پىغانلىق ئەلەم.
ئۇخلىدىم نە ۋاقتا بىلمەسمەن ئۇنى،
كۆرۈپتىمەن چۈشۈمدە مۇنۇ ئىشلارنى.
**************************
كېتىپ بارغۇدەكمەن چوڭ بىر شەھەردە،
ھېچ كىشى كۆرۈنمەس تۇنۇش كۆزۈمگە.
قاياقتىن كەلدىممەن مەنزىلىم قايان،
بۇ ھەتتا ئەمەستۇر ئۆزۈمگە ئايان.
بىلىپ باقاي دەپ بۇ شەھەر نامىنى،
سوراي دەپ ماڭدىم تېپىپ بىرىنى.
شەھەر خەلقى كۆرۈنەتتى بەكلا ئالدىراش،
يوق ئىكەن ئەسسالام دەپ ئەھۋالمۇ سوراش.
ئۇچرىغانغا بەردىم مەن ئۇيغۇرچە سالام،
ئىلىك ئالماس ھېچ كىشى يوقتۇر ئەسسالام.
دىققەت قىلىپ ماڭىمەن ھەر بىر چىرايغا،
ئويلايتتىم بىر تۇنۇش چىقسا ئالدىمغا.
توساتتىن كۆردۈم مەن بىر ئاقساقالنى،
ئويلىدىم ئۇ بىلسە كېرەك ئەسسالامنى.
ئەدەپ بىلەن سورىدىم ئۇنىڭدىن سۇئال:
بۇ ئەسلى قانداق شەھەر،بۇ نىمە ئەھۋال؟
تىلىمنى چۈشەنمىدى ھېچبىر كىشى،
سالامىمنى بىلمەيدىكەن سىزدىن باشقىسى.
بوۋايغا قارىدىم ئاڭلاي دەپ جاۋاب،
ئۇمۇ تۇرۇپتۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ.
بوۋاي يېقىنلاپ كەلدى شۇ ھامان،
كۆزلىرى چەكچەيگەن ئەلپازى يامان.
ئۇ ھىكايەت باشلىدى شىلتىپ قولىنى،
دىدى:-ساڭا بايان ئەيلەي تارىخ بېتىنى.
*******************************
نەچچە يۈز يىل مۇقەددەم بۇ شەھەردە،
ياشار ئىدى بىر تائىپە جان غېمىدە.
كېچىلىرى قاۋاقلاردا تۈنەپ ياتقان،
كۈندۈزلىرى غەپلەت ئۇيقۇ بېسىۋالغان.
ياشلىرى ئۇنتۇغان ئەخلاق –ھايانى،
ھەر جايدا قىلىپ يۈرگەن بەت قىلىقلارنى.
ئۇنتۇلغان ئىلىم -مەرىپەت،ئۆرپ-ئادەت،
شۇڭا بالدۇر يىتىپ كەلدى دەشتى قىيامەت.
ياشلار بەس-بەستە ئويناپ بەزمىدە،
ئازدۇرغان كىچىكلەرنى سېلىپ بەيگىگە.
ئوغۇللاردا ئىچىش، چىكىش بولسا مودا،
قىزلاردا بەدەن ئېچىش گويا تاماشا.
قۇلاق سالماس ئاتا-ئانا نەسىھىتىگە،
دەيتتى:مودا ئېقىن بۇلۇش بىزنىڭ قائىدە.
ۋەز-مەسىھەت،تەلىم تەبلىغ كىرمەس قۇلاققا،
بۇلار ھەتتا ئۇنتۇغان ئالدى قاياققا.
ئۇنتۇغان ئۆرپ-ئادەت ھەم ئانا تىلنى،
ھۆرمەتلەپ قويمايتتى ئاتا-ئانىنى.
ئاي- يىللار ئۆتەتتى ئىز قوغلىشىپ،
بۇلار تېخى ئويغانمىغان غەپلەتتە يېتىپ.
شۇڭا شەھەردە يۈز بەردى ئىككىنچى‹‹توپان››،
قۇتقۇزۇشقا ‹‹نوھ››قىمۇ كەلمىگەن پەرمان.
شۇڭا ھازىر يوق ئۇلار شەھەر ئىچىدە،
ئۆز قىلمىشى ئاتا قىلدى شۇنداق نەتىجە.
چۈنكى سەنمۇ شۇ ۋاقىتتىا ياشىغان ئىدىڭ،
شۇڭا سەنمۇ جاۋابكار ،مانا قىلمىشىڭ.
قوشقان ئىدىڭ سەنمۇ بىر كىشلىك ‹‹تۆھپە››،
قايتۇراي بۈگۈن ساڭا قىلىپ ئون ھەسسە.
ئەجدادلار قىساسىنى ئالىمەن سەندىن،
جاۋاب بەرمەي قاچالمايسەن مەڭگۈ قولۇمدىن.
************************************
شۇنداق دەپلا تۇتتى ياقامنى ئىككى قوللاپ،
قورققىنىمدىن يېغلاپتىمەن قاتتىق ۋارقىراپ.
ئويغانسام تاڭمۇ يۇرۇپ بۇلۇپتۇ سەھەر،
بەدىنىمنى بىر ئاپتۇ مۇزدەك سۇغۇك تەر.
بۇ نىمە چۈش نىمە ئەھۋال بىلمىدىم ئەمما،
ئانام ئاڭلاپ دىدى:-قورقما بېسىپتۇ قارا.
تىتىرەك باسقان بۇ تەنلىرىم توختىدى تاسلا،
بوپ قالمىسۇن بۇ چۈشلىرىم رىئاللىق ئەسلا.
-مەنبە:ئىسراپىل ئاتاۋۇللا (ئۆزۈم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-10 08:08 PM