مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3533|ئىنكاس: 32

قۇرئاندىكى 52-سۈرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37640
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3925 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 02:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

قۇرئان كەرىم  52-سۈرىنىڭ تەرجىمىسى.

تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى،(1)ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى،(2)(3)بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى،(4)ئاسمان بىلەن قەسەمكى،(5)(قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى،(6)پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر.(7)ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ.(8)ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ.(9)تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ) .(10)ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي! .(11)ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر.(12)ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.(13)(ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ) .(14)(ئۇلارغا) « (كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر.(15)دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ) .(16)تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ.(17)ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ.(18)(ئۇلارغا) «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ (مۇكاپاتى) ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ) .(19)ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز.(20)ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر.(21)ئۇلار كۆرۈۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە (ئۇلارنى) كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز.(22)ئۇلار جەننەتتە ئۆزئارا (مەي قاچىلانغان) جاملارنى تۇتىشىدۇ، (مەي ئىچىش بىلەن) ئۇلاردىن (بۇ دۇنيادىكىدەك) بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ.(23)گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ.(24)ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر-بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ.(25)ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە )اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق .(26)اﷲ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى.(27)بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى اﷲ غا ئىبادەت قىلاتتۇق، اﷲ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».(28)(ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن.(29)ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)».(30)(31)ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر.(32)ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى توقۇدى دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ.(33)ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار.(34)ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ ؟(35)ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار )اﷲ نىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ.(36)ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ ؟(37)ياكى ئۇلارنىڭ (ئاسمانغا چىقىپ) سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتىنى كەلتۈرسۇن.(38)ياكى اﷲ نىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟(39)ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ ؟)(40)ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىلمى غەيب بولۇپ (ئۇنىڭدىن غەيب نەرسىلەرنى) يېزىۋالامدۇ ؟(41)ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتەمدۇ ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ.(42)ياكى ئۇلارنىڭ اﷲ دىن باشقا مەبۇدى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن) اﷲ پاكتۇر.(43)ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ.(44)ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن.(45)ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.(46)ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.(47)پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش (ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن.(48)كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن .(49) .

....................................................................................

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

قۇرئان كەرىم  93-سۈرىنىڭ تەرجىمىسى.

زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە،(1)زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا،(2)ئىنسان (يەنى كاپىر) ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟ » دېگەندە،(3)بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى-يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ.(4)(ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر.(5)بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش (يەنى نەتىجىسىگە ئېرىشىش) ئۈچۈن توپ-توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ.(6)كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ .(7)كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.(8).

مەنبە  قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jangqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-10 02:23 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
esyankar75 + 300 ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87516
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2012-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 03:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇن ئىگىلەپ قويۇپ  ئاندىن كۈرەيچو ..ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86336
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 738
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 03:17:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86886
يازما سانى: 497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 03:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىيقەتەن  ئىسىل  تېما  ئىكەن ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى كاتتا  قىلسۇن   قىرىندىشىم

ie▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃∥ЯаββΙΜ≡ ρακαТ ŠàGiια  ŠèGiÑíΜàÑ▂▂▂▂▂▂ХυκЯÍ åιιå

نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 03:38:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۇر

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !
ANSWER ( جاۋاب )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68572
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3976
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 03:54:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللانىڭ رەھمىتى بارلىق مۇسۇلمانلارغا بۇلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37640
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3925 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 03:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمامغا يانداش ماۋۇ تىمىلارنىمۇ كۇرۇپ قۇيۇڭ...........

جەننەت توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما ماۋۇ ئادرىستا.........
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-88876-1-1.html


دەۋزاخ توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما ماۋۇ ئادرىستا.........
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-89932-1-1.html

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20833
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8627 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 03:58:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمان ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىگە مۇستەھكەم ئورنىغاندىلا ئاخىرەتتىكى ئورنى ياخشى بولىدۇ.

توۋا دەيمەن! پەتىۋا پىچىڭ، تالىشىڭ دىسە شۇنچىلىك تالىشىپ كېتىدىغانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىن ئېلىنغان ھەقىقىي يازمىلارنى كۆرۈشكە قىلچىمۇ ۋاقتى يوخكىنا. قارىغاندا ساختا موللا قىياپىتىگە كىرىۋالغانلار تولىمۇ كۆپ ئوخشايدۇ.

ئىنساننىڭ ئەڭ بىچارە ۋاقتى، ئۆزى بىلمىگەن نەرسىگە ئېسىلىۋېلىپ، باشقىلار تەرىپىدىن مازاق قىلىنغان ۋاقتى.

قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37640
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3925 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 04:03:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
52-سۈرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ...........

ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي! .(11)ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر.(12)ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.(13)(ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ) .(14)(ئۇلارغا) « (كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر.(15)دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ) .(16)تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ.(17) .

يۇقۇردىكى ئايەتلەرنى چۇڭقۇر تەپەككۇر قىلايلى.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 619 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 04:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا سىز ئەجىر بەرگەي؟ رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش