ئاللاھنىڭ مەخلۇقى _ھەسەل چۈمۈلىسى (رەسىم) اﷲخالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر. (سۈرە نۇر45-ئايەتنىڭ بىر قسمى) ئاللاھقامەدھىيەلەر بولسۇنكى ،ئاللاھ بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ھەر نەرسىنى يارىتىشقا قادىردۇر.ھەممىمىز ھەسەل ھەرىسنى بىلىمىز ،ئەمما ھەسەل چۈمۈلىسى توغرۇلۇق ئاڭلاپ باقمىغان بۇلۇشىمىز مۇمكىن.چۈمۈلە دىسە كۆز ئالدىمىزغا بېشى چوڭ ،بېلى ئىنچكە،قورسىقى يوغان بىر ھاشارەت كىلىدۇ ،چۈمۈلىنىڭ تىنىم تاپماي ئوزۇقلۇق ئىزدەشلىرى،توپ ھالەتتە ھەركەت قىلىشى ،بىر بىرسى بىلەن كۆرۈشكەندە كىچىككىنە توختاپ ئۆزئارا سالام بىرىشى قاتارلىقلار كىشلەر تەرىپىدىن ئىناقلىق ۋە ئىشچانلىقنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ.ئەمما ھەسەل ھەرىسىدىن باشقا چۈمۈلىنىڭمۇ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشى كىشلەرنى قىزىقتۇرماي قالمايدۇ.ھەسەل ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا قىلغان رەھمەت نېئمىتى بۇلۇپ ،ئەڭ تەبئىي ،ئەڭ ساغلام ،ئەڭ شىپالىق يىمەكلىكتۇر.پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە ھەسەلنىڭ نۇرغۇنلىغان كىسەللەرگە شىپا بولىدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.قېنى ئۇنداقتا بىز ھەسەل چۈمۈلىسى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى: يەرشارىدىكى چۈمۈلىلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ،ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە تاشقى قىياپىتىدەنۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار بار.بۇ چۈمۈلىلەرنىڭ بەزىلىرى قۇرغاق قۇملۇقلاردا ،بەزىلىرى نەمخۇش ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ.چۈمۈلە بىر خىل ئىجدىمائى تۇرمۇش ئادىتى بار بولغان ھاشارەت بۇلۇپ ،پەردە قاناتلىقلار تۈرىگە تەۋە.چۈمۈلىنىڭ مۈڭگۈزى روشەن ھالداتىزسىمان ئەگمەك ھالەتتە،قورسىقىدا بىر ئىككى بۇغۇمسىمان تۈزۈلمىسى بار،ئادەتتەقانىتى يوق ،پەقەت ئەركەك چۈمۈلە ۋە نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغان چىشى چۈمۈلەجۈپلەشكەندە قانات چىقىدۇ،چىشى چۈمۈلە جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىنلا قانىتى چۈشۈپ كىتىدۇ.چۈمۈلە پۈتۈنلەي غەيرى ھالەتتىكى ھاشارەتلەر تۈرىگە تەۋە بۇلۇپ تۇخۇم،لىچىنكا ۋە قورچاق ھالىتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھاشارەتكە ئايلىنىدۇ.چۈمۈلە بالا ھالىتىدە ھىچقانداق ئىقتىدارى بولمايدۇ،ئۇلارنى ئىشچى چۈمۈلىلەر باقىدىغان بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ چىقىپ ئۇزۇقلۇق ئىزدىشىنىڭ ھاجىتى يوق.ئىشچى چۈمۈلە يىتىلگەن چۈمۈلە بۇلۇپ تەرەققى قىلغان دەسلەپكى كۈنلەردە خانىش چۈمۈلە ۋە بالا چۈمۈلىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.كىيىنچە ئورەك كولاش ،ئوزۇقلۇق تېپىش قاتارلىق مۇرەككەپ خىزمەتلەرگەچۈشىدۇ.بەزى چۈمۈلىلەرنىڭ يىتىلىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،گەۋدىسى يوغان، چىشى تەرەققى قىلغان چۈمۈلىلەر "ئەسكەرلىككە تاللىنىپ "،ئۇرۇش قىلىشقا چۈمۈلەئۇۋىسىنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ.بۇنداق چۈمۈلىلەر ئەسكەر چۈمۈلە دەپ ئاتىلىدۇ.
دۇنيادىكى چۈمۈلىلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ غەلىتە بولغىنى ھەسەل چۈمۈلىسى بولسا كېرەك.ھەسەل چۈمۈلىسىنىڭ تۇرقى بىر ھەسەل قۇتىسىنى سۆرەپ يۈرگەنگەئوخشايدۇ.
ھەرقېتىم قاتتىق يامغۇردىن كېيىن ،ئۆسۈملۈكلەر نۇرغۇنلىغان گۈل شىرنىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.قۇرغاق قۇملۇق رايونلاردا بۇنداق بۇلىشى ناھايىتى تەس.ھەسەل چۈمۈلىسى قانداقمۇ بۇنداق مول تائام پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋەتسۇن؟؟ئۇلار قورسىقى ئېتىلىپ كەتكۈچىلىك گۈل شىرنىسىنى سۈمۈرىدۇ.
تويغان ھەسەل چۈمۈلىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئۈزۈمچىلىك بولىدۇ.ئۇزۇقلۇق كەمچىل ۋاقىتلاردا،باشقا چۈمۈلىلەر ھەسەل چۈمۈلىسىنىڭ قورسىقىدىكى گۈل شىرنىسىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ،ھەسەل چۈمۈلىسىنىڭ قورسىقى كىچىكلەپ ئادەەتتىكى ھالىتىگە كىلىدۇ.
ئۇلاربۇخىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھەمراھلىرىغا ئۈچۈن ئۇزۇقلۇق ساقلايدۇ ،ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل يىمەكلىكلەرنى تەمىنلەيدۇ. ھەسەل چۈمۈلىسىنىڭ ياشاش دائىرىسى كەڭ ،يەر ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئىزىنى بايقىغىلى بولىدۇ،ئەمما قاقاس چۆللەردە سەل ئاز ئۇچرايدۇ.ئۇلار تېخى بەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن يېشىل ،قىزىل ،كاۋا چىچىكى رەڭ ،سېرىق ۋە كۆكلىرى بار. چۈمۈلەئاللاھ تائالانىڭ غايەت زور قوشۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر.قۇرئاندا 27-سۈرە سۈرە نەمل(نەمل ئەرەپچىدە چۈمۈلە دىگەن سۆز)چۈمۈلە نامى بىلەن ئاتالغان ۋە تۆۋەندىكى قىسسە بايان قىلىنغان : "ئۇلار (شامدىكى بىر)چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر!ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن». سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى:«پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا،سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنىياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن».(سۈرە نەمل 18-19-ئايەتلەر.) ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى مەيلى سۈ ئۈستىدىكىسى بولسۇن مەيلى يەر ئاستىدىكىسى بولسۇن ھەممىسى ئاللاھ تائالانى مەدھىيلەيدۇ ۋە ھەمدۇ سانالار ئېيتىدۇ.يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئاشۇ ساناقسىز چۈمۈلىلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .ئاللاھ تائالا مۇشۇ قوشۇنلىرى بىلەن ئىتائەتتىن چىققان ئىنسانلارنى ھالاك قىلىۋىتەلەيدۇ .قايسى بىر ژۇرنالدىن مۇنداق بىر مەزمۇن ئۇقىغانمەن :ئىككنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ،ياۋروپادىكى مەلۇم بىردۆلەتنىڭ قۇشۇنى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئورمانلىقلاردا قارا نەشتەرلىك چۈمۈلىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان .بۇ خىل چۈمۈلىلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بارماقچىلىك بۇلۇپ ،ئۇلار قۇشۇندىكىلەرنىڭ سۆڭەكلىرى ۋە تۆمۈربۇيۇملىرىدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنى يەپ كەتكەن ،ھەتتا قۇشۇندىكىلەر كۆل ئىچىگەكىرىۋېلىپ ،خەتەردىن يىراقلاشقان بولسىمۇ چۈمۈلىلەر بىر بىرىگە چاپلىشىپ توپ ھالەتتە بۇلۇپ سۇغا چۈشكەن ،ۋە شۇ ھالەتتە لەيلەپ بېرىپ سۇ ئىچىدىكىلەرنىمۇ يەپ تۈگەتكەن.كېينچە تەكشۈرۈش ئارقىلق بۇ خىل چۈمۈلىلەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالى ئافرىقىدا ياشايدىغانلىقىنى ئىككى ئۈچ يۈز يىلدا بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك پارتلاپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان.ئەمما ئۇلارنىڭ ئادەتتە قەيەردە يۇشۇرنۇپ تۇرىدىغانلىق سىرىنى ،قانداق ئەھۋال ئاستىدا پارتلاپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن.ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ھەسەل چۈمۈلىسى خەنچە ئاتىلىشى 蜜罐蚁 ئىنگىلىزچەئاتىلىشى honey pot ant ئافىرىقا قارا نەشتەرلىك چۈمۈلىسى 黑刺大腭蚁 بەيدۇدىن ياكى گۇگۇلدىن ئىزدىسىڭىز يۇقىردىكى ۋەقەنىڭ جەريانى توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ مەلۇمەتقا ئىگە بولالايسىز.
رەسىم مەنبەسى: http://www.socialphy.com/posts/off-topic/9461/Honeypot-Ants.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-10 01:12 PM
|