مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1294|ئىنكاس: 10

ئادىلنىڭ يوتقىنى(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77463
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3419
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-15
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 10:45:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىلنىڭ يوتقىنى
(بالىلار ھېكايىسى)

(ئەختەر)

بۇ ئائىلىدە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان يوتقان غەلۋىسى باشلاندى، ئادىل كەچقۇرۇن ياتماق بولۇپ ئورۇن سالماقچى بولغاندا ئۆز يوتقىنىنىڭ ئورنىدا باشقا رەڭدىكى بىر يوتقاننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ :‹‹ بەلكىم ئانام يوتقىنىمنى يىڭىلاپ قويغان ئوخشايدۇ›› دەپ ئويلىدىدە يوتقاننى كۆرپە ئۈستىگە تاشلىۋىدى كىۋادىرات شەكلىدىكى كالتە يوتقانئىكەن، ئۇ ھەيران بولۇپ يېپىنىپ يېتىپ بېقىۋىدى پۇتى خېلى بەك سىرىتقا چىقىپ قالدى، ئۇ بۇنداق غەلىيتە كالتە يوتقاننىڭ نىمە سەۋەبتىن ئۆز يوتقىنىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي ئانىسىنى چاقىردى، ئانىسى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان بولسا كىرەك ئۇنىڭ قېشىغا كىرمىدى، ئۇ كېيىملىرىنى سېلىپ ئۇخلاش كىيمى بىلەن قالغاچقا ھويلىغا چىقىشقا ئىرىنىپ سەل بىر ياقتىكى ئىنىسىنىڭ يوتقىنىغا كۆزى چۈشتى، ئىنىسىنىڭ يوتقىنى رەتلىك ھالدا يىغىلغان بولۇپ ئىنىسى ياندىكى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى، ئۇ ئاستا بېرىپ ئىنىسىنىڭ يوتقىنىنى ئالدىدە ئۆز ئورنىغا سېلىپ ھېلىقى كالتە يوتقاننى يىغىپ چاندۇرماستىن ئىنىسىنىڭ يوتقىنىنىڭ ئورنىغا قويۇپ قويۇپ چىراغنى ئۈچۈرۈپ غىپپىدە يېتىۋالدى، بىردەمدىن كېيىن چىراغ ياندۇرلۇپ ئىنىسى كىردى، ئادىل تېخى ئۇخلىمىغان بولۇپ ئۇ كۆزىنى چاندۇرماستىن كىچىك ئېچىپ ئىنىسىنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆزۈتۈپ تۇردى، ئىنىسى ھېلىقى كالتە يوتقانغا دەسلەپ سەپ سالمايلا   ياستۇق،كۆرپىنى سېلىپ ئارقىدىن يوتقاننى كۆرپە ئۈستىگە تاشلاپ ھەيران بولۇپ تورۇپ قالدى ۋە دەرھال ئاكىسىنىڭ ئۈستىدىكى يوتقانغا قارىدى،ئادىل دەرھال ئۇخلىغان بولۇپ بوش خوررەك تارتىپ يېتىۋالدى.                                                               
-ئاكا...كۆزۈڭنى ئاچە...                                                            
-ھە، نىمە بولدى؟- ئىنىسى خېلى چاقىرغاندىن كېيىن ئادىل ئەسنەپ ئاچچىقلانغاندەك شۇنداق دېدى.لېكىن كۆزىنى ئاچمىدى.                                                  
-ئاكا، سەن مېنىڭ يوتقىنىمنى يېپىنىپ يېتىۋاپسەن،- دېدى ئىنىسى.                     
-نىمە دېدىڭ؟- ئادىل يەنىلا ئىرەنسىز ھالدا باشقا ياققا بورۇلۇپ يېتىۋالدى.              
-ئاكا، سەن مېنىڭ يوتقىنىمنى يېپىنىپ يېتىۋاپسەن...                                    
ئادىل ئىنىسىنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلماي يېتىۋەردى.                                      
-ئاكا، يەنە كۆزۈڭنى ئاچمىساڭ، يوتقىنىمنى تارتىپ يېتىۋىرىمەن جۇمۇ...                 
-نىمە كورۇڭشىپ ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويمايسەن؟-ئادىل ئورنىدىن چاچىراپ تورۇپ كەتتى.
-ئاكا، ئاچچىقلانما، سەن ئۆزۈڭنىڭ يوتقىنىنى مېنىڭ يوتقىنىم بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويۇپسەن..
-بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ ئاكا ئىنى ئوتتۇرسىدا سىنىڭ مىنىڭ دەيدىغان گەپ بارمىكەن،ئەنە سىنىڭ ئورنىڭدىمۇ بىر يوتقان تۇرىدىغۇ، شۇنى يېپىنىپ يېتىۋەرمەمسەن؟...                       
-ئۇ بىر كالتە يوتقانكەن، ئۇنىڭدا قانداقمۇ ياتقىلى بولىدۇ؟...                           
-سېنىڭ بويۇڭ مىنىڭكىدىن پاكار بولغاندىكىن يېتىۋەرمەمسەن؟...                        
-ياق، مەن ئۆزۈمنىڭ يوتقىنىدا ياتىمەن...                                               
-بەرمەيمەن تازا، قانداق قىلىسەنكىن؟...                                               
-يوتقۇنىمنى قايتۇرۇپ بەر...                                                            
بالىلىرىنىڭ ۋاقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان دادىسى ئۆيگە ئالدىراپ كىردى، شۇ تاپتا ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسىدەك يوتقاننى تارتىشىۋاتاتتى، ئۇلار دادىسىنىڭ سۈرلۈك چىرايىنى كۆرۈپ يوتقاننى تارىتقان پېتى جىم تۇرۇپ قېلىشتى...                           
-بۇ نىمە گەپ،- دېدى دادىسى قاپىقىنى ئاچماي.                                       
-ئاكام... ئاكام... يوتقۇنۇمنى ئالماشتۇررۇپ يېتىۋاپتىكەن، شۇڭا...-كىچىك ئوغلى دۇدۇقلاپ يەرگە قاراپ شۇنداق دېدى.                                    
-ھە، راست، ئادىل ساڭا دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئاناڭ ئۆيدىكى يوتقانلارنىڭ تورلىرىنى يىڭىلاش ئۈچۈن تورچى ئۇستامغا ئاپىرىپ بەرگەن، بىرەر ھەپتىگىچە ئاۋۇ يوتقاننى يېپىنىپ يېتىپ تۇر.                                                                            -دادا، ئۇ يوتقان بەك كالتا ئىكەن، ئۇنداق بۇۋاق بالىنىڭ كۆرپىسىدەك بىرنىمىدە قانداقمۇ ياتقىلى بولىدۇ،- ئادىل دومسۇيۇپ تۇردى.                                               
-ئامال يوق، ئاناڭ يوتقان تورلىرىنى يىڭىلاش ئۈچۈن يوتقانلارنى تورچى ئۇستامغا ئاپىرىپ بەردى، ئۆيدە باشقا يوتقان قالمىدى، بىر ھەپتىگىچە يېتىپ تۇر...                        
-ئەمىسە ئىنىم مەندىن پاكارراق بولغاندىكىن شۇنىڭدا يېتىۋەرسۇن...                       
-بولمايدۇ، ئىنىڭنىڭ رىماتىزىم كىسىلى بار پۇتى ئۇچۇق قالسا بولمايدۇ... دەرھال ئۇنىڭ يوتقىنىنى قايتۇرۇپ بەر...                                                      
ئادىل ئامالسىز ئىنىسىغا يوتقىنىنى قايتۇرۇپ بەردى، ۋە ھېلىقى يوتقاننى ئۆز ئورنىغا تاشلىدى...                                                                    
شۇ كېچىسى ئادىل تۇلۇمۇ قىينالدى، ئۇ ئەزەلدىن پۇتىنى يىغىپ يېتىشقا ئادەتلەنمىگەن بولغاچقا پۇتىنى سۇنسا پۇتى ئۇچۇق قېلىپ يىغسا قاملىشالماي ئاخىرى كىيىمكىچەكلەرنى پۇتى تەرەپكە تاشلاپ يېتىپ باقتى، لېكىن مىدىرلىسىلا كىيىملەر يۈرۈشۈپ كىتىپ بىر كىچىنى بىئاراملىقتا تۈزۈك ئۇخلىيالماي ئۆتكۈزدى، ئەتىسى ئۇ ئانىسىغا دېۋىدى ئانىسىمۇ دادىسىغا ئوخشاش گەپ قىلدى:                                                                  
-بالام، بىر نەچچە كۈن چىدا، يوتقۇنىڭ پۈتەي دەپ قالدى.                              
مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئادىلنىڭ خىيالىغا يوتقان كىرىۋېلىپ زىھنىگە تۈزۈك دەرىسمۇ كىرمىدى، بورۇن ئونىڭ خىيالىغا ساۋاقداشلىرى مىنىۋاتقان ئىسىل ۋېلىسپىتلار كىرىۋالاتتى، ئەمدىلىكتە ۋېلىسپىتنىڭ ئورنىغا يوتقان ئالماشقانىدى، ئۇ ھازىر بورۇن كەچ كىرىشتىن تولۇمۇ قورقىدىغان بولدى، چۈنكى كەچ كىرسە ئاخشامقىدەك قىينىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى، لېكىن ئۇ ئەنسىرسۇن ياكى ئەنسىرمىسۇن قانۇنىيەت بويىچە كەچ كىرىۋىرەتتى، ئۇ بۈگۈن خامۇش ھالدا ئۆيگە كەلدى، دادىسى يەنە بورۇنقىدەك تېلىۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتى، ئانىسى تاماق ئىتىۋاتاتتى، ئۇ گەپ قىلماستىن ئالدىراپ ئۆزى ئۇخلايدىغان ئۆيگە ئۈمىدلىنىپ كىردى، لېكىن ھېلىقى كالتە يوتقان ئۆز جايىدا تۇراتتى، ئۇنى يەنە غەم باستى...                        
-ئادىل تامىقىڭنى يەۋال...                                                            
ئانىسى چاقىرۋىدى ئۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ھويلىغا چىقتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئادەتتە تاماق يەۋاتقاندا خۇش-خوي پاراڭ بىلەن يەيىتتى، دادىسى ئۇغۇللىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋاللىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى، لېكىن بۈگۈن ھېچكىم زۇۋان سۈرەي دېمەيىتتى، ئادىل تاماق يىگەچ يەر ئاستىدىن دادىسىغا قارىدى، دادىسى يەنىلا قاپىقىنى تۈرۈگەن ھالدا تاماق يەۋاتاتتى، ئانىسىغا قارىۋىدى ئانىسىمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىيالى ئولتۇراتتى، ئادەتتە كۆپ-كۆپ يە دەپ تاماققا زورلايدىغان ئانىسىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىقى ئۇنى ھەيران قالدۇردى، ئۇ تامىقىنى يەپ بولۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى، بىردەمدىن كېيىن ئىنىسىمۇ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئولتۇردى، ئۇ ئىنىسىغا ئالىيىپ قويۇپ ئۇنىڭغا كەينىنى قىلىپ دەپتەر قەلەمنى پاققىدە ئۈستەلگە تاشلىدىدە كىرتىلدىتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە تۇتۇش قىلدى، ئادەتتە ئىنىسى بىلەن ئولتۇرۇپ تەكرار قىلغاندا ئۇ بەزى قورۇق پاراڭلارنى قىلىپ ئىنىسىنىڭ زىھنىنى چېچىۋىتەتتى، لېكىن بۈگۈن ئۇلار خۇددى رەقىپلەردەك بىر ئېغىزمۇ پاراڭ قىلىشماي ئولتۇرۇشتى، ئۆي ئىچىدە پەقەت قەلەمنىڭ كىرتىلدىغان ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، سائەت 11دىن ئاشقاندا ئىنىسى ئورنىدىن تورۇپ ئەسنەپ قويۇپ ئۇخلاش ئۈچۈن ماڭدى، ئادىل يەنىلا جايىدا ئولتۇراتتى، ئادەتتە سائەت سەككىز بۇلا بولمايلا تاپشۇرۇقلىرىنى چالاپۇلا ئىشلەپ قويۇپ چالىسىنى ئەتىسى بالىلاردىن كۆچۈرۈپ ئادەتلەنگەن، بورۇن ئۇخلاپ كۆنۈپ قالغان ئادىل مانا بۈگۈن سائەت 11 دىن ئاشقاندىمۇ ئۇخلاشقا ماڭمىغىنى ئىنىسىنىمۇ ھەيران قالدۇردى،‹‹ ھەقىچان ئاشۇ كالتە يوتقاندا يېتىشتىن ئىرىنىپ ماڭمايۋاتىدۇ›› دەپ ئويلىدى ئىنىسى ۋە بىردەم يېتىپ بېقىپ ئاكىسىغا ئىچ ئاغىرتىپ قالدى،‹‹ نىمىلا دېگەن بىلەن ئۇ مېنىڭ ئاكام ئەمەسمۇ، مەن سەل ئاشۇرۋەتتىممۇ قانداق، ئاخشام تۇيۇپ تۇردۇم، ئاكام كالتە يوتقاندا قىينىلىپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى، بولمىسا مەن ئۇنىڭدىن پاكار بولغاندىكىن كالتە يوتقاندا بۈگۈن مەن ياتاي، بۇ سەۋەبلىك ئاكام ماڭا ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن...››                        
بىردەمدىن كېيىن ئادىل سالپىيىپ كىردى،ئاخشام تۈزۈك ئۇخلىيالمىغاچقا شۇ تاپتا ئۇنى قاتتىق ئۇيقۇ باسقانىدى، ئۇ ھېلىقى كالتە يوتقانغا بىردەم نەپرەت بىلەن قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ياستۇق بىلەن كۆرپىنى خۇددى ئىنىسىغا دۇق قىلغاندەك پالاقشىتىپ تاشلىدىدە كالتە يوتقاننىمۇ بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ تاشلىدى، شامالدا ئىنىسىنىڭ يوتقىنى ئېچىلىپ كەتكىلى تاس قالدى...                                                                             
-ئاكا، بولدى ئاچچىقلانما؟- دېدى ئىنىسى.                                             
-سىنىڭ كارىڭ نىمە؟- ۋاقىردى ئادىل.                                                
-ئاچچىقلانماي تۇرمامسەن؟... بولدى، مەن يوتقىنىمنى ساڭا بىرەي...                 
-ئۇ يوتقۇنىڭنى ئۆزۈڭ يېپىنىۋال، ماڭا كىرىكى يوق...                                   
-ئۇنداق دەپكەتمىگىن ئاكا، بىز ئاكا-ئۇكا بولغاندىكىن بۇنچە قىلىشىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، مەن سەندىن پاكار بولغاندىكىن بەرىبىر مەن پۇتۇمنى يىغىپ يېتىشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا كالتە يوتقاندا مەن ياتاي، ماقۇل دېگىنە...                                       
ئادىل بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئاچچىقى يانغاندەك بولدىدە:                              
-ئەمىسە تۈزۈت قىلمىدىم،- دەپلا ئىنىسىنىڭ يوتقىنىنى تارتىپ ئۈستىگە يېپىنىپ ياتتى، بىردەمدىن كېيىن چىراغ ياندۇرلۇپ چىراغ يۇرۇقىدا ئادىل كۆزىنى ئاچالماي قالدى، ئۇلارنىڭ دادىسى بېشىدا سۈرلۈك قاراپ تۇراتتى:                                               
-يالقۇن، نىمىشقا ئۆزۈڭنىڭ يوتقىنىدا ياتمىدىڭ؟ تىزدىن ئۆزۈڭنىڭ يوتقىنىنى يېپىن...   
-دادا، مەن...- يالقۇن ئۇڭايسىزلىنىپ ئورنىدىن تۇردى.                              
-ئەزمەڭنى ئەزمەي تىز بول...                                                        
-دادا، مەن زادى نىمە ئىشنى خاتا قىلدىم، نىمىشقا مىنى كالتە يوتقاندا ياتقۇزۇپ قىينايسىلەر؟...                                                                 
ئادىل ئورنىدىن چاچىراپ تورۇپ شۇنداق دېدى، شۇ تاپتا ئۇ يىغلىغۇدەك بولۇپ كەتكەنىدى.
-بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزەڭدىن سۇرا...                                                   
شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئانىسىمۇ ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى...                                   
-دادىسى، بولدى قىلايلىچۇ، ھازىر سوغۇق چۈشتى بالىمىز مۇنداق كالتە يوتقاندا ياتسا...
-بۇ ئۆينىڭ ئىشىنى سەن تۈزەمسەن ياكى مەنمۇ؟- دادىسى ئايالىغا قاراپ ۋاقىردى.      
–بالىمىزغا ئىنىق سەۋەبىنى ئېيىتساق خاتالىقىنى تۈزەتسە بولىدىغۇ...                     
   -شۇنداق دادا، مەن خاتالىقمنى تۈزەتسەم بولىدىغۇ، بۇنداق كالتە يوتقاندا ئۇخلىغىلى بولمايدىكەن، جېنىم دادا، مەن قايسى ئىشنى خاتا قىلغاندىمەن، دەپ بىرىڭچۇ؟ مەن چۇقۇم تۈزىتىمەن... ئادىل ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلىۋەتتى...                              
دادا ئاچچىقىدىن يېنىپ لەسسىدە كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ قالدى...                              
-بالام، ئەسلىدە سىنى بۇنداق قىيناشنى مەنمۇ خالىمايىتتىم، لېكىن سەن سەل ئەركە چوڭ بولۇپ قالدىڭ، مەيلى بالىكەن دەپ ئۆز مەيلىڭگە قويۇپ بەرسەك كۈندىن-كۈنگە ھاكاۋۇرلۇشۇپ بىزگە ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويۇپ بىزنى ئارامىمىزدا قويمۇدۇڭ، ئاددى بىر مىسال، سىنىڭ مەكتەپكە بارساڭ ئانچە كونا بولمىسىمۇ بىر ۋېلىسپىتىڭ بار، لېكىن ئاشۇ ۋېلىسپىتنىمۇ ياراتماي باشقا بالىلارنىڭكىدەك مودا ۋېلىسپىت ئېلىپ بىرىسەن دەپ خاپا قىلدىڭ، ئەجىبا بىزنىڭ ئاشۇنداق ۋېلىسپىتنى ئېلىپ بەرگۈمىز يوقمۇ، لېكىن سەن ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئويلۇشۇپ گەپ قىلىشىڭ كىرەك ئىدى، ئائىلىمىز باشقا ئائىلىلەردەك باي ئەمەس، يېقىندا ئاناڭنى داۋالىتىمىز دەپ كۆپ پۇل كەتتى، لېكىن شۇنداق قىيىنچىلىقتا تۇرساقمۇ سەن يەنىلا ۋېلىسپىت غەلۋىسى قىلىپ بېشىمىزنى ئاغىرتتىڭ... دېمەك مەن بۇنداق قىلىشىمدا كونىلارنىڭ ‹‹ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن›› دېگەن ھېكمىتىنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم...                                                                              
شۇ تاپتا دادىنىڭ كۆزىمۇ نەمدىلىپ قالغانىدى...                                          
- دادا، مىنى كەچۈرگىن، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق دەپ بېشىڭنى ئاغىتمايمەن... جېنىم دادا...                                                                        
ئادىل دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى...                                       
-باللىرىم، قانداقلا ئىش بولمىسۇن ‹‹يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش››نى بىلىڭلار، بۇ ئەجدادلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان ھېكمىتى...                                       
شۇ كېچە ئادىل ئۆزىنىڭ يوتقىنىدا تۇلىمۇ تاتلىق ئۇخلىدى ۋە شۇنداق ياخشى چۈشمۇ كۆردى، ئەتىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇ كۆرگەن چۈشنى ئاڭلىدى، ئانىسى: ‹‹ چۈشۈڭ ئەمەلگە ئېشىپ سەن ئارزۇ قىلغاندەك ياراملىق ئادەم بولغايسەن بالام›› دەپ پىشانىسىگە سۈيۈپ قويدى...  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-10 10:47 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 101 يەنىمۇ ياخشى يازمىلار.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 101   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1480
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3717
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 01:10:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس  يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشنى ئۈگۈنىۋېلىش كېرەك .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 238
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3773 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 01:32:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا بالىلارىنى بەكلا ئەركە قىلۋەتمگەن ياخشى .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87830
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1234
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 01:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىلنىڭ يوتقىنى نىمداق ئۇزۇن ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم.

ئەسسلامۇ -ئەلەيكوم تاۋباۋ توردۇكىمىزدىن تېلىفۇنغا پۇل قاچىلسڭىز ئىشەنچىلىك. چ چ  مۇلازىمەت ۋە 穿越火线cfمۇلازىمەت كەسپلىرى بارcolor] m]كارتون تور دۇكىنى مەرھەمەت،كارتون توردۇكنى مەرھەمەت مىنى چىكىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75648
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 03:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر ھىكايە بوپتۇ . بالىلارغا بەزى ئىشلار نى مۇشۇنداق چۇشەندۈرۈپ قويۇش كىرەك . ئۇزۇنغىچە ئىسىدە ساقلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 03:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى جايىدا، ئەمەلى تەربىيە بوپتۇ بۇ.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35493
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6896 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 06:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېمىكەن ماۋۇ، ياسالمىلقتىن خالى، تىلىمۇ شۇنداق راۋان.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85738
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 07:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشىمىزدا ئىشلەتكىدەكلا ياخشى تەربىيە ئۇسۇلىكەنغۇ  تېما ئېگىسىگە رەھمەت!

مەڭگۈ تىرىشىمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88380
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 08:00:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى  تېما بوپتۇ، كۆپ رەخمەت،

ئۈمۈتلىك كىشىلەر ئاپەت ئىچىدىن پۇرسەتنى تاپالايدۇ،
ئۈمۈتسىز كىشىلەر پۇرسەت ئىچىدىن ئاپەتنى تاپىدۇ،

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6531
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36836
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:38:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى شۇنداق يېنىك،راۋان چىقىپتۇ،بالىلارغا نىسپەتەن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىكەن....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش