بىر ھاراقكەش تىلىدىن-
ھاراقكەشنىڭ ھېكايىسى
مىنىڭ ئېتىم ئۆركەش،خەقلەر دەيدۇ ھاراقكەش،
ئون ئىككىنچى ئايدىمۇ، كىيىپ يۈرىمەن ساپماكەش.
ئوقۇ دىسە ئوقۇماي، مەكتەپتىنمۇ قاچقاندىم،
تاۋكالاردا مىھمان بوپ،دۆتكەم-ھوشۇق ئاتقاندىم.
ئاتام بىلىپ بۇلارنى مەكتەپكە كۆپ قاترىغان،
نەسھەت قىلپ ماڭا كۆپ ئۆتكۈزەلمەي چارچىغان.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىردە دادام كەتتى باقىغا،
خەتنى قۇرئان قىلالماي،مۆكتۈم ئۆينىڭ ئارقىغا.
ياقا تۇتتى جامائەت، سۈكۈناتتا ،‹‹توۋا›› دەپ،
‹‹مەرھۇم، قانداق ياتالار ئارام خۇدا گۆردە›› دەپ.
ئاردىن ئۆتتى نەچچە يىل، مەنمۇ خېلى چوڭ بولدۇم،
ھاراق بىلەن دوست بولۇپ،يوللاردا، دۈم-ئوڭ بولدۇم.
ئانام،كەتتى ئۆزىن ئىپ، ئۆزىمۇ بىلمەس يۇرىتقا،
مەن قويمىغاچ ئانامنىڭ يۈزىنى بۇ يۇرۇتتا.
بولغاچ ياندا ئۈلپەتلەر بۇڭا پىسەنىت قىلمىدىم،
ئۆيدە بارنىڭ ھەممىنى، دوستلىرىمدىن ئايمىدىم.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تويۇمنىمۇ قىلىۋالدىم،
ئالداپ-سىيلاپ بىرنى خوتۇنلۇققا ئېلۋالدىم.
توينىڭ تۆتىجى كۈنى سورۇن قۇردۇم ئۆيۈمدە،
‹‹ئىچە-ئىچە، خوششە-خوش›› كەيىپ سۈردۇق پەيزىدە.
كەيىپلىكتە بىر ساراڭ، ‹‹چاق-چاق›› قىپتۇ خوتۇنغا،
خوتۇنۇممۇ يامانلاپ، كېتىپتۇ ئۆز يۇرتىغا.
بۇ ئىشنىمۇ مەن تېخى بىر كۈن ئۆتۈپ ئۇققانتىم.
ئەكلۋالاي دەپ تېخى، كۆڭلۈمدە چوت سوققانتىم.
بىراق ئۇ، شۇ كەتكەنچە ماڭا نىسىپ بولمىدى،
ئىزدەپ بارسام نەچچە رەت قىينى ئاتام قوغلىدى.
قايتا ئۆيلەنمەك بولسام ، ماڭا لايىق چىقمىدى،
ھىچ بىر كىشى مەن بىلەن توي قىلىشقا ئۇنمىدى.
شۇندىن تارتىپ بويتاق بوپ، ياش كىرگەندە ئوتتۇزغا،
سىتىپ يېدىم ئۆينىمۇ ، ھۇشۇق،دېڭ-دېڭ، ھاراققا.
پۇل بار چاغدا‹‹ۋاي›› دېگەن، دوستلار ياندا تۇرمىدى،
يانچۇق قۇرۇق،بېلىم بوش، ئۈلپەت قاراپ قويمىدى.
مانا، يۈرمەن كوچىدا لالما ئىتتەك لاغايلاپ،
كىتەي دىسەم ئۆيۈم يوق، سىلىپ قويغان سارايلاپ.
ھەممە مەندىن قاچىدۇ، غالجىر ئىتتىن قاچقاندەك،
ئەتراپىمغا مەن گويا پوق-سۈيدۈكلەر چاچاندەك.
مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار، يولىماڭلار ھاراققا،
ھاراق،قىمار بالاسى باشلار ئىكەن دوزاققا.
مەنبە؛ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghardis تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-10 07:27 AM