مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1118|ئىنكاس: 27

ھىسياتىمغا چاق-چاق قىلمىغىن !!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73395
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3669
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 01:05:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېراكتۇرۇمنى ھەيدەپ كىتىپ باراتتىم ، تۇيۇقسىز تىلفۇن سالغان يانچۇقۇم تىتىرىگەندەك ھىسقىلىپ تىلفۇنىمنى ئېلىپ قارىدىم ، قارىسام تۇنىمايدىغانلا نۇمۇر . مەنزىلىمگە خىلى ماڭمىسام بولمايتى ، شۇڭا يولنىڭ چىتىگە تارتىپ توختاپ بايىقى نۇمۇرغا تىلفۇن قايتۇردىم .
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم .
شۇنچىلىك يىقىملىق ئاۋاز ئىدى .
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام كىم بۇلىسىز ؟
-مەن نۇرسىېمانگۈل ، سىزچۇ ؟
-كىمنى ئىزدەيتىڭىز ؟
-ھىچكىمنى ، مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىدا نۇمۇرىڭىز بار ئىكەن .
-قايسى ناخشىدا ؟
-يادىڭدا بارمۇ .
-شۇنداقمۇ ؟ بۇناخشىنى مەنمۇ بەكلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايتىم. شۇڭا تىلفۇن نۇمۇرىمنى كىرگۇزۇپ قويغان ئىدىم.
-سىز نىمىش قىلىسىز ؟
بۇ سۇئالغا سەل ئويلىنىپ قالدىم . بولدىلا راستىمنى ئىيتايچۇ دەپ ئويلاپ :
-مەن دىھقان -دەپ جاۋاپ بەردىم . ئاۋازىم سەل تىتىرەڭگۇ چىقىپ كەتتى بولغاي ھىلقى قىز ئۇلاپلا
-ئوخشاش كەنمىزغۇ ئەمسە- دەپ گەپنى بۇرىدى.
يۈرىگىم سەل ئىزىغا چۇشكەندەك بۇلۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدىم . ئەمدى گەپ قىلاي دەۋاتىسام كەينىمدىن قاتتىق سىگىنال ئاۋازى ئاڭلاندى.
-نىمىش قىلىۋاتاتتىڭىز - دەپ سۇراپ قالدى ئۇ .
-تېراكتۇر ھەيدەۋاتاتتىم
-ئۇنداقتا ئاۋارە قىلماي
-ياق ئاۋارە بولمىدىم ، بىردەم گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدۇق .
-نۇرسىمان سىز نەلىك ؟
-دادام كىرىپ قالدى ، سەلتۇرۇپ تىلفۇن قىلىڭ  !
تىلفۇن ئۈزۈلدى ، مەنمۇ ئامالسىز تېراكتۇرۇمنى ھەيدەپ خامانغا پاختا بىسىشقا يۇرۇپ كەتتىم . ئارلىق خىلى بار ئىدى يولدا كىتىۋېتىپ نۇرغۇن خىياللار كاللامغا كىرىۋالدى . نۇرغۇن سۇئاللارنى سۇراشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدىم ، تەرەكتۇرۇم شۇنداق ئاستا ماڭغاندەك بىلىنىپ كەتتى.زىرىكىشلىك يولنىمۇ مىڭىپ بولدىم ، 40 نەچچەمىنوت يول ماڭغان ئىدىم ، توختاپلا پاختا باسىدىغانلاربىلەن كىلىشىپ ساندۇق توچەينى پاختىنىڭ يىنىدا توختىتىپ تەرەكتۇرۇمنىڭ ئىچىگە چىقىپ تىلفۇنىمنى ئالدىمدە  تىلفۇن قىلدىم . يەنە ئۇ ئالدى . بۇقىتىم ئۇنىڭدىن ھەممە ئەھۋالىنى ئۇقتۇم . ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا تويقىلىپ ئاجراشقان ئىكەن ،ئۇنىڭ ئائىلىسى 52-تۇۋەندە مىنىڭ بولسا 50-تۇۋەندە ئىدى ، تۇنىشىپ قىلىش تەكلىۋېمنى رەتمۇ قىلىۋەتمىدى .شۇنداق قىلىپ قىز دوسلۇق بوپ قالدىم ،
ئاخشاملىرى يالغۇز تورغا چىقىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن سائەت-سائەتلەپ پاراڭلىشىدىغان بۇلۇپ قالدۇق .
بىركۈنى ئۇ كۈرشۈشنى تەلەپقىلدى مەنمۇ دەرھال ماقۇل بۇلۇپ ۋاقىتنى بىكىتمەكچى بولدۇق . ئىككىلىمىزنىڭ ۋاقتىمىز كەچكە توغرا كەلدى كۈندۈزى ئۇ پاختا تېرىيتى مەن بولسام ھەر لىيەنلەردىن زاۋۇتقا پاختا تۇشۇيتىم .شۇنداق قىلىپ بىكىتكەن كۇنىمىز بىر ئاغىنەمنىڭ كىچىك ماشىنىسىنى ئارىيەت ئىلىپ ئۇنىڭ يىنىغا باردىم ، بىرىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسام دادام-ئانام تىخى ئۇخلىمىدى سەل ساقلاڭ دېدى .ئامال يوق بىر سائەتتىن ئارتۇق ساقلاپتىمەن ،ئاخىر ئۇمۇ چىقتى .ماشىنىغا چىقىپلا پىراۋىڭىز بارمۇ دەپ سۇراپتى كۇلۇپ كىتىپ بارلىقىنى ئىيىتتىم ،-ئۇنداقتا تۇمشۇق شەھىرىنىڭ كىچىلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ كىلەيلى -دەپتى مەنمۇ ماقۇل بۇلۇپ شەھەرگە كەلدۇق ، شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرىدا ئايلاندىم ، ئۇ شەھەر مەنزىرىسىدىن مەن بولسام يىنىمدىكى مەھبۇبەمنىڭ ئايدەك سىماسىدىن ھۇزۇر ئىلىۋاتاتتىم پات-پاتلا كۆزلىرىمىز  ئۇچىرىشىپ قالاتتى . ئۇ بولسا خىجىللىقتا يەرگە قارىۋالاتتى . ئىككىمىز تىلفۇندا شۇنداق يىقىن پالاڭلىشاتتۇقيۇ كۈرۈشكەندە تۇنىشمايدىغان ئادامدەك جىم بۇلۇشىپ قالاتتۇق .
مۇشۇ تەرەققىدە ھەپتىدە بىرنەچچە قىتىم كۇرۇشىپ تۇردۇق ، ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن مەن ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم . كۆڭلىمنى ئىزھار قىلسام ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىى ئىيتتى . شۇنداققىلىپ تۇنىشقىنىمىزغا ئىككى ئايچە بولغاندا ئۇماڭا چىلان زاۋۇتىدا ئىشلىمەكچى بولغانلىقىى ئىيتتى . ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن زاۋۇتنىڭ ئارلىقى ئون كىلومىتىرچە كىلەتتى ، مەن زادىلا قۇشۇلمىدىم ، چۇنكى ھەركۇنى ئەتىگەندە موتسىكىلىت بىلەن بىرىپ ئاخشىمى قايتىپ كىلىپ ئىشلىمىسە بولمايتى . ئۇ بولسا قەتتى ئشلەيدىغانلىقىنى دەپ گەپ ئاڭلىمىدى . نەتىجىدە ئۇ شۇ زاۋۇتقا ئىشقا چۇشتى ، ئىشقا چۇشىش بىلەنلا ئاخشىمى ھىرىپ قالغانلىقنى باھانە قىلىپ بالدۇرلا ئۇخلايمەن دەپ پاراڭلاشمايدىغان بۇلىۋالدى، كۇرىشىشىمىزمۇ ھەپتىدە بىر ياكى بىرنەچچە ھەپتىدە بىرقىتىمغا ئازايدى ، تىلفۇ ن قىلسام ۋاختىنچە ئىلىنمىدى دىگەن گەپ كۆپ ئاڭلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى . ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن كۆڭلىم يىرىم بۇلۇپ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە كىرىپ ئۇنىڭ كىملىكىگە بىجىرىلگەن نۇمۇرلارنى سۇرۇشتە قىلسام 20 نەچچە نۇمۇر يىزىپ بەردى ، ئۆيگە قايتىپ باشقا نۇمۇر ئارقىلىق شۇنۇمۇرلارغا تىلفۇن قىلىشنى باشلىدىم ، كۆپىنچىسىنى ئوغۇللار ئالدى ، نەتىجىدە مەن كىچى-كچىلەپ پاراڭلىشىدىغان نۇمۇردىن باشقا بىر نۇمۇرنىمۇ ئۇ ئالدى . شۇچاغدا ئاندىن ۋاختىنچە ئىلىنمىغان تىلفۇنىمنىڭ سەۋەبىنى ئۇقتىم ، ئۇنىڭدىن سۇرۇشتە قىلسام بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن تىخى ئاجرىشىش كىنىشكىسىنى بىجىرمىگەنلىكىنى يولدىشى ئاجراشقىلى ئۇنىماي تۇرىۋىلىۋاتىقانلىقىنى ئىيىتتى . ھىلقى نۇمۇر بولسا يولدىشى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىدىغان نۇمۇر ئىكەنلىكىنى ئىيتتى .
كاللام قوپقۇرۇق ھىچنىمىگە ئىشلىمەيۋاتاتتى ، مەن  ئالاقە قىلىش  قىلماسلىق توغرىسىدا خىلى ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم ، ئۇ بولسا خاتىرجەم بۇلۇڭ ،ھەرگىز يولدىشىم بىلەن يىنىشىۋالمايمەن ، سىز بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان دىگەندەك چىرايلىق گەپلەربىلەن مىنى بەزلىگىلى تۇردى . مەنمۇ بولدىلا دەپ ئۇنى كەچۇرىۋەتتىم .
كۇنلەر يەنە بۇرۇنقىدەك ئۈتىۋەردى ، بارغانچە ئارىمىز يىراقلاپ كىتىپ باراتتى . بىركۇنى ئۇ سەھەردىلا تىلفۇن ئۇرۇپتۇ ،ئۇنىڭ ئىيتىشىچە موتوسىكىلىتىنىڭ نىسى پۇلىنى سۇيلەپ كەلگەنكەن ،مەندىن ئۈچمىڭ يۇۋەن بىرىپ تۇرىشىمنى مائاشى چىققاندا قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۈتىندى. مەنمۇ تىزلا ماقۇل بۇلۇپ بىرىپ تۇردىم . شۇ ياردىمىم تۇپەيلى بۇرۇنقىدىن ياخشىراق ئۈتەرمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، لىكىن ئىشلار دەل ئەكسىچە بولدى .شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ تىلفۇن قىلسام پەقەتلا ئالمايدىغان بۇلىۋالدى ، بارغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان سىغىنىشىم ئىشىپ قىلغان ئىشىممۇ ئىش بولمايدىغان بۇلۇپ قالدى .
بىركۇنى يەنە ماشىنىدىن بىرنى ئارىيەت ئىلىپ ئۇدۇل ئۈيىگىلا باردىم ، دەرۋەقە ئاتا-ئانىسى ئۇخلاپ بۇلۇپتىكەن ئىشىك ئالدىغا بىرىپ تىلفۇن قىلسام يەنە ۋاختىنچە ئىلىنمىدى،ئىشىكىنى چىكەي دەپ چۇرئەت قىلالماي تۇرۇپ قالدىم ، ئىچىدىن بولسا ئۇنىڭ باشقا بىرىبىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتىقان ئاۋازى ئاڭلاندى .
قاتتىق ئاچچىقىم كىلىپ ئىشكىنى ئۇردۇم ، ئۇ ئىشىكنىڭ ئارلىقىدىن قاراپ مىنى تۇنىغاندىن كىيىن تىلفۇننى قۇيۇپ يىنىمغا چىقتى . بىز ماشىنىغا چىقىپ پاراڭلاشتۇق ، ئۇماڭا خاتىرجەم بۇلىشىمنى پۇلىمنى مائاش ئالغان ھامان قايتۇرۇپ بىرىۋېتىپ مەندىن ئايرىلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئىيتتتى ، سەۋەبى بولسا مىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى ھازىر بىرى بىلەن ئارلىشىۋاتىقانلىقىنى ئىيتتى ،  ئامالسىز ئۇنىڭ پىكىرىگە ماقۇل بولدىم،قايتىپ كىلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئىلىشنى ئويلىدىم ۋە ئۆيگە كىرىپلا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم تەلىيىمگە بۇقىتىم بىسىۋەتمەي ئالدى ، تىلفۇننى ئىلىشىغىلا مىنى قۇتىلدىرىۋال مەن ماشىنىدا سۇقۇشىپكەتتىم دەپلا تىلفۇنننى ئىتىۋەتتىم . كىچىچە تىلفۇننى ئاچمىدىم ، ئەتىسى سەھەردە ئۇ تۇنىيدىغان بىر ئاغىنەم ئىزدەپ كىرىپتۇ ، ئۇ مەندىن نىمىش بولغانلىقىنى ئۇققىلى كىرگەن ئكەن،مەن ئۇنىڭغا راس ماشىنا سۇقىلىپتۇ ھازىر دوختۇرخانىدا ئىكەن دەپقۇيىشىنى ئۈتۈندىم ، شۇنىڭبىلەن ئۇ شۇكۇنى مىنى ئىزدەپ نەچچەقىتىم كەلدى ،مەن ئۇنىڭ بىلەن كۇرۇشمەي قىچىپ يۇردىم تىلفۇنىمنىمۇ ئاچمىدىم ، ئۇ مەندىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتاتتى . كەچتە تىلفۇنىمنى ئىچىشىمغا ئۇنىڭدىن تىلفۇن كەلدى ، مەن ئالماي بىسىۋېتىۋەردىم ئۇمۇ زىرىكمەي ئۇرۇۋەردى ، كىيىن تىلفۇننى ئالسام مىنىڭ نەدەئىكەنلىكىمنى مەندىن بەكلا ئەنسىرىگەنلىكىنىى ئىيتىتى . مەن دوختۇرغانىدا داۋالىنىۋاتىمەن دەپ ئۇنى ئالدىدىم ، ئۇ مىنىڭ نەدە داۋالىنىۋاتىقانلىقىمنى سورىغان ئىدى ، مەن ئۇنىڭغا مىنىڭ بىر ئاغىنەم ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىنى دەپ بەردىم ، ئەتىسى ئۇمىنى يوقلاپ كەلمەكچى بولغان ئىدى ئاغىنەمنىڭ ياردىمىدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان قىياپەتتە تىڭىپ قويدى ، شۇنىڭبىلەن لايىقىمنىڭ ھىسداشلىقىدا يەنە ياخشىلىشىپقالدۇق ،  ياخشىلىشىپ قىلىپ نەچچەكۇن بولغاندا بىرى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىۋېتىپتۇ .
ئۇنىڭ دەسلەپ  قاتتىق  ئاچچىقى كەلدى كىيىن سىز ساق بولسىڭىز بوپتۇ دەپ كەچۇرىۋەتتى ھەرھالدا خاپا بولمىدى دەپ خوش بۇلۇپ يۇردىم . شۇئىشتىن كىيىن ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بۇلۇپكەتتى ،بۇنىڭدىن بىر خوش بولسام بىر گۇمانلىنىپ كەلدىم ، ئارىدا بىركۇنى يەنە كۈرۈشمەكچى بولدۇق ، بۇگۇن چۇقۇم كىلىڭ دېدى  ماقۇل بۇلۇپ باردىم ، بىرىپ تىلفۇن قىلسام تىلفۇنى ئىتىك ، بىرنەچچە سائەت ساقلاپ تاقىتىم تۇشۇپ ئۈيىگە كىردىم ، ئۈيىدە ئادەم يوق چىقتى ،قارىسام موتوسىكىلىتىمۇ يوق ، شۇنىڭبىلەن ئۇنى ئىزدەش قارارىغا كىلىپ بىرىش ئىھتىماللىقى بولغان ھەممە يەرگە بىرىپ ئىزدىدىم ، پەقەتلا تاپالماي تىلفۇن قىلسام ئۇلىنىپ قالدى ، لىكىن تىلفۇننى ئالغان ئۇ ئەمەستى ، ئۇنىڭ بىر قىز دوستى ئالغان ئىكەن نەدىلىكىنى سورىسام زادىلا دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى ، لىكىن تىلفۇندا نەچچە ئادەمنىڭ قالايمىقان ناخشا تولىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى ، تۇمشۇق شەھىرىدە ktv دىن بىرنەچچىسى بار ئىدى ، مەن ئۇنى شۇيەردىن ئىزدىمەكچى بۇلۇپ يىقىن ئەتىراپتىكىسىنىڭ ئالدىغا بىرىشىمغا ئۇنىڭ موتوسىكىلىتىنى كۆردىم ، دەرۋەقە ئۇ شۇيەردە ئىكەن ، كىرسەم بىرى بىلەن قىۇچاقلىشىپ تانسا ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ، كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىگە چىدىماي يىرىلغىدەك بۇلۇپ كەتتىم ، ئۇلاربولسا مىنى كۆزگە ئىلمىغان دەك ئويناۋاتاتتى ، كىرىپ ئۇنى تارتىپ تالاغا ئىچىقماقچى بولدۇم ، تارتىپ مىڭىشىمغا ئىككى ئوغۇل بالا ئالدىمنى توستى ، يىنىمدىكى پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئىلىشىمغا ئۇلار ماڭا يول بەردى ، نۇرسېماننى تالاغا ئىچىقىپ مىنى نىمىشقا ئاخماق قىلىدىغانلىقىنى سورىسام ئۈزىنىڭ ئالدانغانلىقى ئۇچۇن مىنى جازالىغىنىمىش ،  قانداق قىلساڭ قىل دەپ يىنىپ كەلسەم مىنىڭ كىتىشىمگە ھىلىقى ئىككى دوستى ئۇنى مەندىن كۇنلەپ راس ئۇرۇپتىمىش .

بىراۋ دېدى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ،
مەن دېدىمكى تۇخۇمنىڭ ئەشۇ تاشتا دەردى بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88244
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:11:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەمىيەتتە بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ.
بىر-بىرنى ئالداپ ئۆتكەننىڭ نىمە پايدىسى بار دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77785
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3470
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:35:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي توۋا،،ھەجەپ  قىزلار  باردە،،راست بولغان ئىشمۇ  بۇ ؟

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4826
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1619 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:37:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز يالغاندىن يارلانغان بۇلۋىلىپ ئۇنى ئالدىغىنىڭىز ئۇچۇن شۇنداق قىلدىم دەمدۇ ياكى  باشقىلارنىڭ ئۇنى ئالدىغىنىغا سىزنى ئالدىدىم دەمدۇ ،مەن چۇشىنەلمىدىمغۇ ،قارىغاندا  تېمىنى  يەنە بىر قىتىم ئۇقسام بۇلدىغان ئۇخشايدۇ ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-10 11:42 AM  


ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3768 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:39:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ..مۇشۇنداق ئىشلارىنى ئاڭلسام ھېسداشلىق قىلغڭم ئەمەس بەلكى كۈلگۈم كېلىدۇ ...قىزىق ئۆزئارا كىچىك بالىلارىنىڭ ئاغچلەم ئوينغىدەكلا ....ھېسياتىنىڭ قۇلى بولۇپ كەتمەيلى ..ئۇ قىزىمۇ تاياق يەپتۇ ئەنە .كېيىن ئوڭشلىپ كېتە تاياق ئۆتسە.

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4826
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1619 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:45:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-12-10 11:39 AM
توۋا ..مۇشۇنداق ئىشلارىنى ئاڭلسام ھېسداشلىق قىلغڭم ئەم ...


تاياق ئۇتمىسىچۇ ؟؟ يەنىلا بولدى قىلغىنى ياخشى ،سۆيگىندىن پۇل سوراپ يۇر گىندىنلا نىيىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ ،مەن بولسام موتومىنمەي پىيادە بېرىپ كىلىشكە رازى ئۆلسەممۇ يۇر گەن يىگىتىمدىن پۇل سورىمايتتىم ، تۇۋۋا دەيمەن ئاۋۇ يىگىتلەرمۇ ئۇ قىزنىڭ يۇر گىنى ئۇخشايدۇ كۇنلەپ ئۇرغىندىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-10 11:48 AM  


ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3768 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:53:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-10 11:45 AM
تاياق ئۇتمىسىچۇ ؟؟ يەنىلا بولدى قىلغىنى ياخشى ،سۆيگى ...

كۈنلەش مۇھەببەت ئەمەس . ئۇلار مۇھەببىتى ئەمەس ئاشىنلىردۇ ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:58:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا مۇشۇ تىلفۇن تور دىكى مۇھەببەتلەر بەك كۈلكىلىك

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3797
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 12:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق ھىكايە ئىكەن.
ھەيتاڭ ئۇنۇڭغا تاياق ئۆتمەسمىكىن ئۇ ئۆل خىنىمدەك ساپالىق بولمىسا يا...............

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88120
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2737
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 12:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەشۇنداق قىزلامۇ باركەن ھە !!  

باشكىلانىڭ ھىسياتىنى قوقماي   ئويۇندەك  كوردىغان ، ھەجەپ جاھان بۇ توۋا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش