مۇشىتلىشىش جەريانىدىكى قوغدۇنۇش دەرسلىكى .
7- قىسىم : يەكمۇ يەك ئېلىشىش جەريانىدىكى قىياپەت . قوغدۇنۇش ۋە بىرلەشمە ھەركەت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش .. ،
مەزكۇر فېلىم دەرسلىكى پۈتۈنلەي MMA مۇسابىقىسىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇم قىلىش مۇسابىقە قائىدىسى بۇيىچە ئىنگىلىزچە سۆزلەنگەن . بىراق ھېچقىسى يوق، سىز تەپسىلى كۈرسىڭىزلا ناھايىتى ئاسان چۈشۈنەلەيسىز ،
مەزكۇر دەرسلىكنى كۈرۈش بىلەن بىرگە ئائىلىدە بىخەتەرلىكىڭىزگە دىققەت قىلغان ئاساستا نەزەرىيە بىلىمى تەرتىپى بۇيىچە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ تۇرۇڭ ...
MMA مۇسابىقە تۈرى يەنى { بىرلەشمە ئېلىشىش } دەپ ئاتىلىدۇ ، نۈۋەتتىكى دۇنيا بوكىس تۈرىدىكى مۇسابىقىلەر ئىچىدە ئەڭ مودا بولغان بىر تۈرلۈك ئېلىشىش مۇسابىقىسى بۇلۇپ نۇۋەتتە بۇ تۈرنى ئامېرىكا FBI ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ شۇنداقلا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ مەشىق كۈن تەرتىبىگە كىرگۈزۈلگەن ،
دەرىسنى داڭلىق MMA ماھىرى شۇنداقلا مەشىق مەشقاۋۇلى : فات مىللىچ سۆزلىگەن . ماسلاشقۇچى رېد روس ،
تۈۋەندە 2012 - يىللىق مۇسابىقىلەر جەريانىدىكى 10 قالتىس KO ھۇجۇملىرىنى كۈرۈپ باقايلى ،
ئەسكەرتىش : تەننىڭ ساغلاملىقى بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى . . ھازېرقى تۇرمۇش ۋە ئىستىمال سەۋيىرىمىزنىڭ ئۈسىشىگە ئەگىشىپ تەننىڭ ساغلاملىقىغا ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەريۈز بىرىۋاتىدۇ ... بىزدىكى قالايمىقان يىمەك - ئىچمەك ئادىتىگە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك مەسىلىسى قۇشۇلۇپ، بەدەن ساغلاملىقىمىزغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە يۇشۇرۇن خەۋىپ ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ ،
ئەتراپىمىزغا نەزەر سېلىپ باقساق تەننىڭ ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن نۇرغۇن كىشىللىرىمىز ئۈزنىڭ تەن ساقلىقىدەك بۇ چوڭ بايلىقىنى قەدېرلەپ ساقلاپ كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىۋاتىدۇ .. بىراق ئاز ساندىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش . يەنە مىللەتنىڭ كەلگۈسى دەپ قارلغان كىشىللىرىمىز ، ئۆز ھاياتىنى قەدېرلىمەي نابۇت بۇلۇش يۇلىنى تاللاپ زەھەرلىك تۇمان ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ ، ئۇلاردىكى 40 ياشقا كېرمەي تۇرۇپ . بەدىنىدىكى كۈرلىۋاتقان ساغلاملىق مەسېلىللىرى كىشىنى ئەندىشىگە سېلىپ قۇيىۋاتىدۇ ....
قاراپ باقايلى : بىز كۈرىۋاتقان ئەشۇ خەتەرلىك بولغان ھەركەتلەرنى ئۈزى ئىشلەپ بىزلەرنى ھەيرانۇ - ھەس قالدۇرۋاتقان كۆپ قىسىم ھەركەتلىك كىنو چولپانلىرىغا ،
ئارنولۇد شىۋاشېنگېر . سىيىلىۋىستېر سىتاللۇن . مېل جېپسون . تام خانكېس . تام كىروئۇس . راندىي كۇرپۇس . بۇرۇس ۋېللىس ، نۇگۇلاس كەيچى ، ۋىلىيام سىكورت . مانا بۇ يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۈتكەن چولپانلارنىڭ ئەڭ كىچىكىمۇ 50ياش ئەڭ چۇڭى بۇيىل 82 ياش . بىراق بۇلارنىڭ ھەركەتلىك كىنولارنى ئىشلىشنى يېشىنىڭ چوڭ بۇلۇپ قېلىشى تۇسۇيالمىغان . ئېلىپ ئېيتساق 60 ياشتىن ئاشقان سىيلىۋىستېر سىتاللۇن بىلەن ئارنولۇد شىۋاشىنگېر . ۋە بۇرۇس ۋېللىس قاتارلىق چولپانلار ئۇدا 2014 - يىلغىچە ئەڭ خەتەرلىك بولغان بىرقانچە ھەركەتلىك كىنولاردا رول ئېلىشقا توختاملىشىپ بولغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە سىتاللۇن بىلەن شىۋاشېنگېر كىنودىكى ئۈزىگە تەخسىم قىلىنغان خەتەرلىك ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈزى ئىشلەش توغرىسىدا كىلىشىم ئىمزالىغان .... ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزدىكى خەلىقارالىق كىنو چولپىنى چىڭلۇڭنى ئېلىپ ئېيتساق ھەممەيلەن چىڭلۇڭنىڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش كىنو چولپىنى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز 100 دىن ئارتۇق ھەركەتلىك كىنودا رول ئالغان بۇ چولپان كىنودىكى ھەممە خەتەرلىك ھەركەتلەرنى ئۈزى ئىشلەش بىلەن داڭ چىقارغان ، ئاللىبۇرۇن 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بۇ ھەركەتلىك فېلىم چولپانى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخېرىدا تۇنجى قۇيۇلماقچى بولغان چەتئەل تىلىدىكى يىڭى فېلىمى { 12 مۆجەل } فېلىمىدە ئىلگېركى ھەرقانداق بىر كىنوسىدىكى خەتەرلىك ھەركەتلەردىنمۇ خەتەرلىك بولغان ھەركەتلەرنى ئۈزى ئىشلەپ فېلىمنى پۈتكۈزدى . شۇ ئارقىلىق . يېقىندا جىنىس دۇنيا رىكوتىنى باھالاش كومتىتى چىڭلۇڭغا كىنو ساھەسىدىكى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش تۈرىدە تۇنجى جىنىس دۇنيا رىكوتىنى ياراتقۇچى دىگەن گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى ...
ئۇنىڭدىن باشقا { جاسۇس ئىچىدىكى جاسوس 4 } فىلىمىنى كۆرگەنلەردىققەت قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن، ئاللىبۇرۇن 52 ياشقا كىرىپ قالغان تام كىروئۇس فىلىمدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز بىنا دەپ قارالغان . دۇبەيدىكى خەلپەمۇنارىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمۈگۈدەك ھەركەتلەرنى پۈتۈنلەي ئۈزى ئىشلىگەن ...
بۇنداق دىسەم بەزىلەر ئەمدى ئۇلارنىڭ پۇلى كۆپ بولغاندىكىن . شۇنداق ياخشى يەپ . ياخشى كىيىنىپ ئاغرىپ قالسا ئەڭ داڭلىق دوختۇرغا كۈرۈنۈپ تۇرغاچقا شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق ساغلاپ دىيىشى مۇمكىن ، بىراق بۇلارنىڭ كۈپۈنچىسى نامرات ئائىلىدىن كىلىپ چىققان ھەتتا بەزىسى . كىچىكلىدە گىزىت ساتقۇچى . تاماق تۇشۇغۇچى ۋە نىمكار بۇلۇپ ئىشلەپ بىر باشتىن پۇل تېپىپ بىر باشتىن مەشىق قىلىپ ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلار ، بىراق بىزدىمۇ 40 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ مىلىيونىرلاردىن بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس .... ئەنە ئەشۇ بىزدىكى مىلىيونېر بايلارغا قارايدىغان بولساق . ئۇلاردا دىئابىت بولمىسىمۇ يۇقرى قان بېسىم، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى . قۇرساق دىگەننى سېلپ كەتكەن ئوڭشاپ 2 كىلومېتىر يولنىمۇ پىيادە ماڭالمايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ... ئەيىش - ئىشرەت كەيىپ - ساپاغا بىرلىپ كەتكەن ياشلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق 2 مىتىر كەلمەيدىغان يەردىن پەسكە سەكرىسىمۇ پۇتى سۇنۇپ كەتمىسىمۇ ۋۇشۇقى دەز كىتىشى ئىنىق .... چۈنكى بۇلارنىڭ ئەشۇ ناچار تۇرمۇش ئىچىدىكى كەيىپ - ساپا ئەيىش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشلىرى ئۇلارنىڭ بەدەندىكى سۈڭەكلەرنى چىرىتىپ بولغان ... بۇنداقلار 50 ياشقا كىرەلىگەن تەقدېردىمۇ دىئابىت. ۋە بۆرەك زەئىپلىشىش كىسىلىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن يېنىغا دوختۇرلار ئورنۇتۇپ بەرگەن كىچىك تەرەت خالتىسىنى ئېسىپ سىلىيو شىلەنكە ئارقىلىق تەرەت قىلىپ يۈرىشى ۋە سۈڭەك شالاڭشىش سەۋەبىدىن بۇغا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان گۇمىگەينى ناننىڭ ئورنىدا يەپ يۈرۈشى ئىنىقلا گەپ .....
شۇنداق بىزدە ئۈزىنىڭ تەن ساقلىقى شۇنداقلا ئۇلۇغۋار غايىللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىۋاتقان ۋە مەشىق قىلىپ ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈرۋاتقان ياشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس . ئەنە شۇنداق ياشلىرىمىزنى ۆرسەم ئۇلارغا ئامراقلىقىم ۋە ھۆرمىتىم قوزغىلىدۇ ....
شۇڭا بۇيەردە ئازراق سۆزلەپ قويدۇم . تىنىڭىز ساغلام بولسۇن ئۈچۈن كۇندۇلۇك تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇڭ . تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش مۇھىتى ھازېرلاش بىلەن بىرگە كۈندە 1 سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ھەركەت قىلىپ قۇيۇڭ ، چۇقۇم پايدىسىنى كۈرىسىز . ۋە ئۈزىڭىزنى روھلۇق ھىس قىلىسىز ئۈزىڭىزگە بولغان ئىشەنجىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ .. ..مەن نۇرغۇن بالىلارنىڭ مەشىق قىلاي دىگەن بىراق بەك قىممەتكەن . پۇل بولمىغاندىكىن مەشىق قىلمىدىم دىگىنىنى ئاڭلىدىم . ھەقىقى جېنىقشنى كۆڭلىڭىزگە پۈكسىڭىز . پۇل بولمىسىمۇ مەخسەتكە يىتەلەيسىز .... ئۆي ئىچىدىكى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى نەرسىلەر سىزنىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك مەشىق قىلىشىڭىزغا يىتىپ ئاشىدۇ .{ سىز پەقەت توغرا ھەم بىخەتەر بولغان مەشىق ئۇسۇلىنى بىلىۋالسىڭىزلا بۇلىدۇ ...... }
مەزكۇر فېلىم دەرىسلىكىنىڭ 6 - قىسمىغىچە يوللاپ توختىغانتىم . مۇنبەردىكى كۆپ قىسىم بالىلار ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ بۇ دەرىسلىكلەرنى داۋاملىق يوللاپ چۈشەنجە بىرىپ تۇرشۇمنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ تۇرغاچقا داۋاملىق يوللاشنى توغرا تېپىپ 7 - قىسمىنى دەرىسلىك قىلىپ يوللىدىم . ئەگەر بۇنى كۈرۈش ئارقىلىق ئۈزىڭىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ چۈشەنجىگە ئىگە بولغانلىقىڭىزنى ھىس قىلسىڭىز ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ ،
ئۇنىڭدىن باشقا مەن ھازېر مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن تەرتىپى توغرىسىدا ئۇيغۇرچە دەرىسلىك ماتېريالى يېزىۋاتىمەن . مەزكۇر ماتېريالنىڭ توغرىلىق تىسپىتىگە پۈتۈنلەي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك ئىزدىنىشكە توغرا كەلدى . شۇڭا بىر ئاز ۋاقىت كىتىدۇ ... ئەڭ بالدۇر بولغاندا 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا . ئەڭ ئۆلچەملىك بولغان يەنى نۆلدىن باشلانغان { بىرلەشمە ئېلىشىش } ئۇيغۇرچە دەرىسلىك ماتېريالىنى مۇنبەرگە يوللايمەن ، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى بوشلۇقنى توشقۇزالمىسىمۇ ئازراق بولسىمۇ دالدا بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمە ....
پۇلۇم يوق دەپ زارلانماڭ ، ئۈزىڭىزنگە قاراپ بېقىڭ تىنىڭىزنىڭ ساقلىقى سىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىڭىز .،
ئاخېرىدا ھەممىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن ....
مەنبە : گىلادىئاتور
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-10 02:06 AM