|
|
|
|
ئالتۇن بازىرىغا ئومۇمىي تەھلىل
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامىرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ ئەڭ يىڭى سىتاتىكىستا سانلىق مەلۇماتىدا ئىلان قىلىنىشىچە ،11-ئايلىق ئامىرىكا غەيرىي يىزا -ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 14.6تۇمەن ئادەم كۆپەيگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى سانلىق مەلۇمات مۆلچەرى 8.5تۇمەن ئادەم ئىدى .دىمەك 11-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى كۆرىنەرلىك ياخشىلانغان .ئىشسىزلىق نىسبىتى 7.7% چىققان بولۇپ، ئەسلىدىكى مۆلچەر 9.7%ئىدى .ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەش كۆرۇلگەن .ئوباما قايتا سايلانغاندىن بۇيان ئامىرىكا ئىقدىسادى كۇندىن كۇنگە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۇزلىنىۋاتىدۇ .يۇقارقى سانلىق مەلۇمات ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئالتۇن كۈمۈش بازىرى يىنىك دەرىجىدە تۆۋەنگە چۇشۇش كۆرۇلگەن ،ئەمما باشقا سانلىق مەلۇماتلار ئالتۇنغا پايدىلىق چىققاچقا، يەنە قايىتدىن يۇقىرىغا قاڭقىپ كەتكەن .گەرچە يىل ئاخىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ،ئەمما ئالتۇن كۈمۈش بازىرى تازا دىگەندەك ياخشىلىنىش بولمايۋاتىدۇ .
ئوباما ھۆكىمىتى سايلام رىقابىتىدە ئۈتقاندىن كىيىن ،يىمىرىلىۋاتقان ئامىرىكا ئىقدىسادىنى قايتدىن يۆلىمەكچى بولۇپ ،نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە سىياسەتلىرىنى يۇرگۇزىۋاتىدۇ .ئۆسۇم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ،رەنىلىك ئۆسۇمسىز قەرىز پۇل تارقىتىش قاتارلىق كەڭ پۇل سىياسەتلىرى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى سودا ئالاقە ساھەلىرىنى جانلاندۇردى.ئىقدىساتنى غىدىقلاپ دۆلەتنىڭ خەلىقئاردىكى ئىقدىسادى ئىناۋىتىنى قايتا تىكلىمەكچى بولىۋاتىدۇ.خەلىقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار كارخانىچىلار ۋە ئالتۇن كۈمۈش ماگناتلىرى ئامىرىكىنىڭ زايوم سىتىۋىلىپ ،كۆپلەپ پۇل بىسىش يەنى قويۋىتىش سىياسىتىدىن كىيىن ،بىردىنلا ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا ئىقىپ كىردى.خەلىقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار نەزىرىنى بىردەك ئالدىمىزدىكى ھەپتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقدىسادى ئۇچۇلارغا تىكىۋاتىدۇ :
2012-12-13 | 03:00 | 美元 | 美联储公布对基准利率以及经济前景的预测 | 2012-12-13 | 03:15 | 美元 | 美联储公布对基准利率以及经济前景的预测 | 2012-12-13 | 03:15 | 美元 | 美联储主席伯南克主持媒体简会 | 2012-12-13 | 17:00 | 欧元 | 欧央行公布月度报告 |
بۇنىڭ ئىچىدە ئامىرىكا زاپاس پۇل كومىتىنىڭ رەئىسى بورناك ئەپەندىنىڭ نۇتىقى ئىنتايىن مۇھىم،ئۇ نۇتۇقىدا كەلگۇسىدىكى پۇل مۇئامىلە سىياسەتلىرى توغۇرلۇق بىشارەت بەرگەندىن سىرت ،QE3نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە داۋاملاشتۇرۇش توغۇرلۇق ئىپادە بىلدۇرىشى مۇمكىن .بۇنداق بولغاندا ،ئالتۇن كۈمۈش بازىرىدا چوڭ بىرقىتىملىق تەۋرىنىش ھاسىل بولىدۇ .خۇسۇسى كۆز قارىشىم بويىچە توختالسام ،ئامىرىكا ھۆكىمىتى QE3نى داۋاملىق ئىجرا قىلىشى مۇمكىن .چۇنكى ئوباما ھۆكىمىتى پۇتۇن دىقىتىنى ئىجدىساتنى ياخشىلاشقا قارىتىۋاتىدۇ .سودا قىلغۇچىلارنى يەنىلا تۆۋەندىن يۇقىرىغا مال ئىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
|
|
|
|
|
|